ۋاقتى:2014-02-16 12:42 | مەنبە:مىسرانىم | ئاپتورى:admin | كۆرۈلىشى:قېتىم
خەتتاتلىرىمىز ئاپەت رايۇنىدا
خوتەن ۋىلايىتنىڭ كېرىيە ناھىيسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى بولغاندىن كىيىن، پۈتۈن رايۇنىمىزتەۋەسىدە نۇرغۇنلىغان كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىشلار يۈز بەردى، مىللىي كارخانىچىلىرىمىز، بىر قىسىم سەنئەتكارلىرىمىز ۋە قول-ئىلىكىدە بار بايلىرىمىزئاپەت رايۇنىغا قۇتقۇزۇش ماددى-ئەشيالىرى ۋە ياردەم پۇللىرىنى ئىلىپ يىتىپ كەلدى، ‹‹بىلىپ ئىللىقلق يەتكۈزۈش ئەتىرىتى››، ‹‹ئەل ئابىدەخەير-ساخاۋەت ئەتىرتى›› قاتارلىق تەشكىلاتلار ئاپتۇنۇم رايۇنىمزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كېرىيەدىكى ئاپەتكە ئۇچىرىغان قىرىنداشلىرىمىزئۈچۈن ئىئانە توپلىدى، جەمىئەتتىكى ھەرساھە كىشىلىرىمزمۇ ئۆز قىرىنداشلىرى ئۈچۈن ئۆز ياردەملىرىنى ئايىمىدى، قىسقىسى بۇ قىتىم بىز ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقىي ئىسمى-جىسمىمىزغا لايىق ئۇيۇشقاقلىقىمزنى نامايەن قىلدۇق.
بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاپتۇنۇ مرايۇنىمزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەتتاتلىرىمىزمۇ خوتەنلىك خەتتات ئادىلجانمۇئەللىمنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ئاپەت رايۇنىدىكى قىرىنداشلار ئۈچۈن بەس-بەستە پۇلئىئانە قىلدى.(بۇ ئىشلار خالىس بولغانلىقى ئۈچۈن، پۇل ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ ئىسمى ۋە پۇل سوممىسى يىزىلمىدى)
2-ئاينىڭ15-كۈنىدىن باشلاپ، خوتەندىكى خەتتاتلىرىمزىدىن ئادىلجان مۇئەللىم، ياسىن كېرىم،مۇھەمەت ئاللابەردى نەققاش، مۇھەممەتجان ئابدۇللا قاراقاشى، ئېلىجان مۇئەللىم قاتارلىقلار،خەتتاتلىرىمىزغا ۋاكالىتەن خەتتاتلىرىمىزنىڭ ئىئانىسى ۋە جەمىئەتتىكى ھەرساھە كىشلىرىمزنىڭ ئىئانە قىلغان پۇلىغا، ئاپەت رايۇنىدىكى قىرىنداشلىرىمىزئۈچۈن، ئوزۇقلۇق، يوتقان-كۆرپە، كىگىز،تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، ئاياغ قاتارلىقلارنى ۋە (ئەل ئابىدە ساخاۋەت ئەتىرتى بىلەن) 280توننا كۆمۈر سېتىۋىلىپ، ئەل ئابىدە ساخاۋەت ئەتىرتىدىكى 20 نەپەر قىرىندىشىمىز بىلەن ئاپەت رايۇنغا مىڭىشقا تەييارلىق قىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا لوپ ناھىيسى ‹‹خاتىرجەم تاللا بازىرى››بۇقىتىمقى پائالىيەتنى قوللاپ 8000يۈەن، 1000يىشىك مىنىرال سۇ ياردەم قىلدى، ۋەھال سوراش بويۇملىرىنى ئاپەت رايۇنىغا يەتكۈزۈش كىراسىنى(1500يۈەن)نى ئۆز ئۈستىگەئالدى.
ئەلئابىدە ساخاۋەت ئەتىرىتى بۇ قىتىمقى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پائالىيتىگە چوڭ كۈچ چىقاردى، مەزكۇر ساخاۋەت ئەتىرتىنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇنمىزدىكى تارماق گۇرۇپپىلىرى تەييار قىلغان، يەتتە ماشىنا ھال سوراش ماددى-ئەشيالىرى بۈگۈن كېرىيەگە قاراپ يولغا چىقتى.
بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت يەتتىدە، خەتتاتلىرىمىزدىن ئادىلجان مۇئەللىم، ياسىن كېرىم، مۇھەمەتئاللابەردى نەققاش، مۇھەممەتجان ئابدۇللا قاراقاشى، ئېلىجان مۇئەللىم قاتارلىقلار،ۋە ئەل ئابىدە ساخاۋەت ئەتىرتىدىكى 20 ئوغلانىمز، ئەل ئابىدە ساخاۋەت ئەتىرتىنىڭ مەسئۇلى مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ ياردىمىدە تەييار قىلىنغان لوزۇنكا،پىلاكات، ۋەبايراقلىرنى ئىلىپ، ئاپەت رايۇنىغا قاراپ يولغا چىقتى.
بىزخەتتاتلىرىمىزنىڭ ئاپەت رايۇنىدىكى ياردەم پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىمىز...