ۋاقتى:2014-02-17 12:11 | مەنبە:未知 | ئاپتورى:admin | كۆرۈلىشى:قېتىم
بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەۋرەش دەرىجىسى يۇقىرى، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى چوڭ، دائىرىسى كەڭ بولۇپ، كېرىيە، نىيە، چىرا، لوپ، قاراقاش، خوتەن ناھىيەلىرى ۋە خوتەن شەھىرىدىكى 44 يېزا – بازار (كوچا باشقارمىسى) ۋە چارۋىچىلىق مەيدانلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن، 455 مىڭ 573 كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان. يەر تەۋرەشتە خوتەن ۋىلايىتىدىكى نۇرغۇن كونا ئۆي (خەلقنى بېيىتىپ ئەمىن تاپقۇزۇش ئۆيىدىن بىرسىمۇ ئۆرۈلمىگەن) ۋە قوتانلار ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ئاپەت رايونىدىكى يول، كۆۋرۈك، تونېل، سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. مەكتەپ، دوختۇرخانا، كىنوخانا، مۇزېي ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىشخانىلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە يەر ئولتۇرۇشۇپ كېتىش، تامغا دەز كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. 14 – فېۋرال سائەت 18 گىچە دەسلەپكى دەلىللەشكە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە 68 مىڭ 340 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 91 مىڭ 96 ئېغىز ئۆي ئېغىر دەرىجىدە، 77 مىڭ 372 ئېغىز ئۆي يېنىك دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، 11 مىڭ 515 تۇياق چارۋا ئۆلگەن، 497 كۆۋرۈك ۋە تونېل بۇزۇلغان، يول بۆلەكلىرىدە 113 ئورۇن غۇلاپ چۈشكەن، لېكىن بىرمۇ كىشى تالاپەتكە ئۇچرىمىغان.
14 – فېۋرال سائەت 18 گىچە، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا جەمئىي 83 مىڭ ئادەم/قېتىم قاتناشقان بولۇپ، تۈرلۈك ماددىي ئەشيا بۇيۇملىرى جىددىي يۆتكەپ كېلىنىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چېدىرلىرى تېزلىكتە تىكىلگەن، ئاپەتكە ئۇچرىغان 85 مىڭ 676 ئامما يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ھازىر ئاپەت رايونىدا چېدىر، يوتقان – كۆرپە، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، كۆمۈر قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ئاساسىي جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ يەيدىغان تامىقى، كىيىدىغان كىيىمى، ئولتۇرىدىغان ئۆيى بولۇشى ۋە كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان بولۇشى كاپالەتلەندۈرۈلگەن؛ ئاپەت رايونىدىكى قاتناش، خەۋەرلىشىش، توك، سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرى نورمال ئىشقا كىرىشكەن بولۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى قولغا كەلتۈرۈلگەن. ئاپەت رايونىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ياخشى، خەلقنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولغان. نۆۋەتتە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەر جانلىق، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلماقتا، قارىماي ياتقۇزۇلمىغان بىر قىسىم يىراق، چەت تاغلىق رايونلاردىكى ئاپەت ئەھۋالى داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.