ئىلچى شىركىتى خوتەن ئاپەت رايونىدىكى مىسكىن قەلىبلەرگە مېھىر-مۇھەببىتىنى تارقاتتىنۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > مەخسۇس سەھىپە > يەر تەۋرىدى > خوتەندە يەر تەۋرىدى >

ئىلچى شىركىتى خوتەن ئاپەت رايونىدىكى مىسكىن قەلىبلەرگە مېھىر-مۇھەببىتىنى تارقاتتى

ۋاقتى:2014-02-14 21:39 | مەنبە:نۇر تورى | ئاپتورى:admin | كۆرۈلىشى:قېتىم

 
ئىلچى شىركىتى خوتەن ئاپەت رايونىدىكى مىسكىن قەلىبلەرگە مېھىر-مۇھەببىتىنى تارقاتتى

12-فېۋرال 7.3 بال يەر تەۋرىگەن خوتەن كېرىيە ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، كوئىنلۇن تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىغا، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن تۇتىشىدىغان يىرىگە جايلاشقان بولۇپ، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ يەر مەيدانى 39 مىڭ 500 كىۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمىي نوپۇسى 210 مىڭ كىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 200 مىڭ بولۇپ، ناھىيە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %98.3 نى ئىگەللەيدۇ؛ خەنزۇلار بولسا 3562 بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %1.68 نى ئىگەللەيدۇ؛ كېرىيە ناھىيەسىدە ئۇنىڭدىن باشقا خۇيزۇ، قازاق ، قىرغىز، مانجۇ قاتارلىق مىللەتلەر بار. دېھقانلار نوپۇسى 184 مىڭ بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاساسلىق توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ بىرىدۇر.

ئىلچى شىركىتى خوتەن ئاپەت رايونىدىكى مىسكىن قەلىبلەرگە مېھىر-مۇھەببىتىنى تارقاتتى

12-فېۋرال كۈنى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن يەرلىكتىكى قوراللىق قىسىم ئوفتسېر جەڭچىلىرى دەرھال ھەرىكەتكە كىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان نەق مەيدانغا كىچىلەپ يىتىپ باردى ۋە ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى ججان يېزىسى پىشكە كەنتىدىكى، ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كەتكەن خەلققە ۋاقىتلىق پاناھلىنىدىغان چىدىر-بارگاھلارنى قۇرۇپ بەردى. بۇ مېھىر-مۇھەببەتكە ئۇلاپلا، شىنجاڭ ئىلچى كىيىم-كېچەك مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى خوتەن ئىلچى يۇڭ-توقۇلما كىيىم-كىچەك شىركىتىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملار كىچىلەپ ئاپەتكە ئاتىغان ياردەم بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ، ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈپ بەردى.

ئىلچى شىركىتى خوتەن ئاپەت رايونىدىكى مىسكىن قەلىبلەرگە مېھىر-مۇھەببىتىنى تارقاتتى

2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت سەككىزدە، خوتەن ئىلچى يۇڭ-توقۇلما كىيىم -كىچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ ياردەمچى باش دىرىكتورى ئەلىجان باشچىلىقىدىكى ياردەم گۇرۇپپىسىدىكىلەر ياردەم بۇيۇملىرىنى ئىلىپ، ئاججان يېزا پىشكە كەنتىدىكى ئاپەت رايونىغا باردى. ئىلچى شىركىتىدىكىلەرنىڭ ئىگەللىشىچە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھەرقايسى رەھبەرلىرى پىشكە كەنتىگە يىتىپ بارغان بولۇپ، ئاپەت رايونىغا زۆرۈر بولغان بىر قىسىم قۇتقۇزۇش ماددىي بۇيۇملىرى كىلىپ بولغان، ھەمدە ماددىي بۇيۇملار داۋاملىق تۈردە كۆپلەپ يىتىپ كىلىنىۋاتقان. ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئامما يېڭىدىن ياسالغان لاپاس ئۆيلەرگە كىرىپ بولغان بولۇپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئەھۋالى نۆۋەتتە بىر قەدەر تۇراقلاشقان.

ئىلچى شىركىتى خوتەن ئاپەت رايونىدىكى مىسكىن قەلىبلەرگە مېھىر-مۇھەببىتىنى تارقاتتى

2104 يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى، خوتەن ئىلچى يۇڭ-توقۇلما كىيىم -كىچەك شىركىتىنىڭ ياردەمچە دىرىكتورى ئەلىجان (سولدىكى) كېرىيەدە.
ئىلچى شىركىتى خوتەن ئاپەت رايونىدىكى مىسكىن قەلىبلەرگە مېھىر-مۇھەببىتىنى تارقاتتى

ئىلچى شىركىتىدىكىلەر ئاپەت رايونىغا ياردەم بۇيۇمى تەييارلىماقتا
ئىلچى شىركىتى خوتەن ئاپەت رايونىدىكى مىسكىن قەلىبلەرگە مېھىر-مۇھەببىتىنى تارقاتتى

خوتەن ئىلچى يۇڭ-توقۇلما كىيىم-كىچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ ياردەمچە دىرىكتورى ئەلىجان ئاپەت رايونىدىكى ئاممىغا قوي سويدۇرماقتا
ئىلچى شىركىتى خوتەن ئاپەت رايونىدىكى مىسكىن قەلىبلەرگە مېھىر-مۇھەببىتىنى تارقاتتى

ئىلچى شىركىتىنىڭ ئاپەت رايونى ئۈچۈن تەييارلانغا قوي گۆشلىرى
ئىلچى شىركىتى خوتەن ئاپەت رايونىدىكى مىسكىن قەلىبلەرگە مېھىر-مۇھەببىتىنى تارقاتتى

ئىلچى شىركىتى خىزمەتچىلىرى ئىئانە توپلاشماقتا
 
ئىلچى شىركىتى خوتەن ئاپەت رايونىدىكى مىسكىن قەلىبلەرگە مېھىر-مۇھەببىتىنى تارقاتتى

ئىلچى شىركىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خىزمەتچىلەرگە چىقارغان ئىللىقلىق چاقىرىقنامە ئۇندىدار گۇرۇپپىسى
ئىلچى شىركىتى خوتەن ئاپەت رايونىدىكى مىسكىن قەلىبلەرگە مېھىر-مۇھەببىتىنى تارقاتتى

خوتەن ئىلچى يۇڭ-توقۇلما كىيىم-كىچەك چەكلىك شىركىتى ئىلچىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملارنىڭ مېھىر-مۇھەببەتلىك قەلبىنى ئىلىپ ئاپەت رايونىغا يىتىپ كەلدى.
ئىلچى شىركىتى خوتەن ئاپەت رايونىدىكى مىسكىن قەلىبلەرگە مېھىر-مۇھەببىتىنى تارقاتتى

ئىلچى شىركىتىنىڭ مېھىرلىك ياردەملىرى ئاپەت رايونىغا يىتىپ بارغاندىن كېيىن ياردەمگە مۇھتاج ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ قوللىرىغا تاپشۇرۇپ بىرىلدى.
ئىلچى شىركىتى خوتەن ئاپەت رايونىدىكى مىسكىن قەلىبلەرگە مېھىر-مۇھەببىتىنى تارقاتتى

ئاپەت رايونىغا قۇرۇلغان چىدىر
ئىلچى شىركىتى خوتەن ئاپەت رايونىدىكى مىسكىن قەلىبلەرگە مېھىر-مۇھەببىتىنى تارقاتتى

ئىلچى شىركىتىنىڭ ئاپەت رايونىغا تەييارلىغان يىمەكلىكلىرى
ئىلچى شىركىتى خوتەن ئاپەت رايونىدىكى مىسكىن قەلىبلەرگە مېھىر-مۇھەببىتىنى تارقاتتى

ئىلچى شىركىتىنىڭ خادىمى ئىلىجان ئىئانە پۇلىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانغا بەرمەكتە
ئىلچى شىركىتى خوتەن ئاپەت رايونىدىكى مىسكىن قەلىبلەرگە مېھىر-مۇھەببىتىنى تارقاتتى

ئىلچى شىركىتىدىكىلەر ئىلىپ كەلگەن مېھىر-مۇھەببەتلىك ئاپەت ياردەم بۇيۇملىرىنى ۋە نەق پۇللارنى ياردەمگە مۇھتاجلارغا بەردى.
ئىلچى شىركىتى خوتەن ئاپەت رايونىدىكى مىسكىن قەلىبلەرگە مېھىر-مۇھەببىتىنى تارقاتتى

ئىلچى شىركىتىدىكىلەر ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئۆيلىرىگىچە كىرىپ روھى جەھەتتىن تەسەللى بىرىپ، ئۇلارنىڭ ھالىغا يەتتى، مېھىر-مۇھەببەتلىك ھال-ئەھۋال سوراشتى.
ئىلچى شىركىتى خوتەن ئاپەت رايونىدىكى مىسكىن قەلىبلەرگە مېھىر-مۇھەببىتىنى تارقاتتى

ئىلچى شىركىتى ۋە باشقا ساخاۋەتلىك مېھرىبانلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا دەل ۋاقتىدا قىلغان مۇھەببەتلىك ياردىمىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ ئەھۋالىدا ئاز-تولا بولسىمۇ ياخشىنىلىش بولغان.
ئىلچى شىركىتى خوتەن ئاپەت رايونىدىكى مىسكىن قەلىبلەرگە مېھىر-مۇھەببىتىنى تارقاتتى

بىز ئۆز نامىمىزدىن ئىلچى شىركىتىنىڭ ياردەمگە مۇھتاج قېرىنداشلىرىمىز يىنىدا ئەڭ تېز سۈرئەتتە پەيدا بولۇپ، ئۇلارغا ماددى ۋە روھى جەھەتتىن مېھىر-مۇھەببەتلىك تەسەللىيلەرنى بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئىيتىمىز، ۋە شۇنداق ياردەمدە بولۇۋاتقانلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىنى ۋە روناق تىپىشىنى تىلەيمىز! شۇنداقلا بۇ مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان ساخاۋەتلىك قەلبلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!
 
    بارلىق ھوقوق بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىغا مەنسۇپ
    版权所有五石『五石网BaxTax』 儿童教育网
    Copyright by © 2008-2013 BaxTax.Cn , Powered by 2008-2013 BaxTax.Cn