كېرىيە ئاپەت رايونىدىكى بىر يۇرتداش رەئىس شى جىنپىڭغا ياڭاق سوۋغا قىلدىنۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > مەخسۇس سەھىپە > يەر تەۋرىدى > خوتەندە يەر تەۋرىدى >

كېرىيە ئاپەت رايونىدىكى بىر يۇرتداش رەئىس شى جىنپىڭغا ياڭاق سوۋغا قىلدى

ۋاقتى:2014-02-14 18:19 | مەنبە:نۇر تورى | ئاپتورى:admin | كۆرۈلىشى:قېتىم

 
كېرىيە ئاپەت رايونىدىكى بىر يۇرتداش رەئىس شى جىنپىڭغا ياڭاق سوۋغا قىلدى

\

مەركىزى رادىيو تورى شىنجاڭ 14-فېۋرال خەۋىرى: 14-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ۋاڭ خەيجىياڭ ۋە خوتەن شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى كۇاڭ دېۋاڭ باشلاپ ماڭغان كوماندىر-جەڭچىلەر يەر تەۋرەش مەركىزىگە ئەڭ يېقىن جايدىن ئايرىلغان ئاچچان يېزىسى تاغ ئېغىزى كەنتىگە يېتىپ بېرىپ، جىددىي ئېھتىياجلىق ئاشلىق قاتارلىق نەرسىلەرنى ئاممىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بەردى.
نەق مەيداندا مۇخبىر، ئاچچان يېزىسى تاغ ئېغىزى كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد بىرگە تۇرىدىغان مەتتۇرسۇن ئۆمەر بوۋاينىڭ ئۆينىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ ئۆينى ئۇلار ئۆزلىرى سالغان ئۆي ئىكەنلىكىنى، ئەمما 2008-يىلى ھۆكۈمەت سېلىپ بەرگەن يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيىنىڭ پەقەت ئازراق چاك كەتكەنلىكىنى كۆردى. بوۋاي تەشەببۇسكارلىق بىلەن كوماندىر-جەڭچىلەردىن ياردەم قىلىپ ئۆيىنى چېقىۋېتىپ، ئىككىنچى قېتىملىق ئاپەتنىڭ خەتىرىدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلغان.
يەر تەۋرەش مەركىزىگە ئەڭ يېقىن بولغان تاغ ئېغىزى كەنتىدە، شۇ جايدا ئولتۇرۇشلۇق يۇرتداشلار يەر تەۋرەشكە قارشى تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكى كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ ناھايىتى جاپالىق ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ياڭاقلارنى ئېلىپ كېلىپ رەھمىتىنى بىلدۈردى. قوماندان ۋاڭ خەيجىياڭ مۇنداق دېدى: يۇرتداشلارغا رەھمەت، بىزنىڭ ئىنتىزامىمىز بار، پۇقرالارنىڭ يىپ-يىڭنىسىنىمۇ ئېلىشقا بولمايدۇ.

 مەتتۈرسۇن ئۆمەر مۇنداق دېدى: بۇ رەئىس شى جىنپىڭغا بەرگىنىم. مۇئاۋىن قوماندان ۋاڭ خەيجىياڭ پەقەت ئۈچ تال ياڭاقنى ئېلىپ مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئۈچ تالنى ئالاي، بۇنى چوقۇم رەئىس شى جىنپىڭغا يەتكۈزۈپ بېرىمەن.

 

\

\

\

\

\

\

\

\

\

\

 
 
    بارلىق ھوقوق بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىغا مەنسۇپ
    版权所有五石『五石网BaxTax』 儿童教育网
    Copyright by © 2008-2013 BaxTax.Cn , Powered by 2008-2013 BaxTax.Cn