زىمىستاندىكى كىرىيەنۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > مەخسۇس سەھىپە > يەر تەۋرىدى > خوتەندە يەر تەۋرىدى >

زىمىستاندىكى كىرىيە

ۋاقتى:2014-02-15 12:50 | مەنبە:مىسرانىم مۇنبىرى | ئاپتورى:admin | كۆرۈلىشى:قېتىم


                             

زىمىستاندىكى كىرىيە

 

ana.jpg

يىغلىما ئەي ئانا، تۇز كەبىئاچچىق يىغىلىرىڭ يۈرەكلىرىمنى ئېچىشتۇرۇپ مېنىڭمۇ چاناقلىرىمنى ھالسىراتتى. بەرقولۇڭنى، زىمىستان قىشتا توڭلىغان تېرەكلەرگە، ھېسسىياتىسىز دەرەخلەرگە ئەمەس ماڭايۆلەن، قولۇمنى تۇت ئانا!

ئۆرۈلگەن ۋەيرانە ئۆيۈڭ مېھىرسىزكۆزلەرگە بىر خارابە بولۇپ كۆرۈنىدۇ، ئەمما سەن ئۈچۈن ىر دۆۋە توپا ئاستىداقالغىنى خارابە ئەمەس، بەلكى ئەدەتسىز (خۇتەن شېۋىسى، ئىنتايىن دېگەن مەنىدە)ئىللىق ماكان. شۇنداق ئانا...

بىر دۆۋە توپا ئاستىداقالغىنى – سېنىڭ ياشلىقڭ ئۆتكەن ئۆيۈڭ.

بىر دۆۋە توپا ئاستىداقالغىنى – مەرھۇم قەدىرلىك مۇرەببىڭ بىلەن ئۆتكەندىكى ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلىرى.

بىر دۆۋە توپا ئاستىداقالغىنى – يۈرەك پارىلىرىڭنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن، بۇدرۇق قوللىرى ، چاققانپۇتلىرى بىلەن ھاياتىنى كۆكلەتكەن خاسىيەتلىك زېمىن!

بىر دۆۋە توپا ئاستىدا قالغىنى –جاپا-مۇشەققەتلەر بولسىمۇ ھالاللىق بىلەن ھاياتىڭنى باي قىلغان ئۇنتۇلغۇسىز بەخت،ئاياللىق، ئانىلق تەخت تىكلەنگەن ئوردا!

بىر دۆۋە توپا ئاستىداقالغىنى – شاھ ئوردىسىغا تېگىشكۈسىز، ئۆز قولۇڭ بىلەن بەرپا قىلغان مۇھەببەتلىكقەسىر!

يىغغلىما ئەي ئانا،يېغىلىرىڭ نۇرغۇن كۆزلەرنى يىغلاتتى. بەر قولۇڭنى،  مىڭلىغان قوللاردا قۇياش ھارارىتى نۇرچېچىۋاتىدۇ.

dada.jpg

سالغان كىچىككىنەداستىخىنىڭدىكى مۇھەببەتتىن جاھان ھەيرەتتە قالدى، بىزنىڭ قانداق خەلقئىكەنلىكىمىزنى داڭلىق يازغۇچىلىرىمىزدەك «ئەمگەكچان، مېھماندوست...» دەپ ئاپئاقبەتلەرگە ئەمەس، مېھرىبان ئاپئاق كۆڭۈللەرگە چەكتىڭ دادا. بىر ئۆيدىكى ئۈچ ئەۋلادئولتۇرۇپ پولۇغا تۇتۇش قىلىپسىلەر، ئىشلىتىش ئۈچۈن قويۇپ قويغان ياغاچلارنىئوچاققا قالاپسىلەر، يوغان داش قازان ئېسىلىپ، ئوتلار لاۋۇلداپ كۆيۈۋېتىپتۇ.زېمىننى ئاپئاق قار قاپلىغان سوغۇق دەملەردە پولۇ ھېدلىرى يىراقلارغا تارالدى،ھورلار مۇز ھاۋاغا سىڭىپ كەتتى، يۈرەكلەردە  «مۇھەببەت» قاينىدى. شۇنداق، بەكمۇ سېخىي كىشىئىدىڭ دادا. تاغدەك قامىتىڭ ئامان بولسۇن، بەرىكەتلىك قوللىرىڭ ھەممىگە ئۆلگەبولسۇن!

00138f97abeb0aaca58a25.jpg

ئۆلۈم بىلەن ھاياتئارلىقىدا ياشايمىزغۇ ئاخىر!

مەڭگۈ ياشايدىغاندەك، ئۆلۈم تولىمۇ يىراقتەك تۇيۇلىدىغان تالايلىرىمىزنىڭ روھى سىلكىندى، تەنلىرى شۈركەندى.تۇيۇقسىز كەلمىش-كەتمىش ھەققىدىكى سوئال ۋە شۇنىڭغا چېتىلغان غۇۋا تۇيغۇلار كىشىلەرنىڭتوپا باسقان دىللىرىغا ياللىدە شولا تاشلاپ ئۆتۈپ كەتتى. «ھاياتتىكىسوئال-سوراقلار»ھەققىدە ئويلىنىش زۆرۈر ئەي ئىنسانلار!!

topa.jpg

بۇ بۈگۈن، 2014-يىلى12-فىۋرالدىكى يۇرتىمىزنىڭ بىر پارچىسى، بۇ نەچچە ئەسىر ئىلگىرىكى تارىخي سۈرەتئەمەس، بۇ زامانىۋى تېخنىكلار ئارقىلىق رەڭسىزلەشتۈرۈلگەن ياكى رەڭسىز تارتىلغانسۈرەتمۇ ئەمەس.

بۇ 2014-يىلى 12-فىۋرالدىكى يۈرىكىمىزنىڭ بىرپارچىسى، قەھرىتان سوغۇقتا ئىسسىقسىز، يىپىنچىسىز قىلىۋاتقان قىرىنداشلارنىڭئەھۋالىنى كۆرۈپ يىرتىلغان يۈرەكلەرنىڭ بىر پارچىسى.

بۇ 2014-يىلى 12-فىۋرالدىكى ئاچچىق مەنزىرە. «يەر تەۋرەپ ياخشى بوپتۇ، بىچارىلەر يېڭى ئۆيلەردەئولتۇرالايدىغان بوپتۇ»دېگۈچىلەرگە نېمە دېيىشنى بىلەلمىدۇق.

ۋەيرانە ئۆيلەردە تۈمەنمىڭسوئال!

ئېسىل داچىلاردا ئولتۇرۇپمۇ،«خەجلىسەم ئۆزۈمنىڭكىنى خەجلىدىم» دەپ پاتاڭغىچە گۇناھقا شۇڭغۇپ بىزننى كۆرەلمىگەنزەردار بايلار، قېنى سىلەر؟!

ۋەيرانە دىللاردا تۈمەنمىڭسوئال!

بىپايان زىممىنىتەسىرلەندۈرگەن «ساخاۋەتچى»لىرىمىز، قىرىنداشلىرىمىز، مىھرىبان خەلقىمىز نەدىدۇ؟؟؟

«7.3 »! بۇ نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق سان ھە؟!

20130425161350745.jpg

20130425161319482.jpg

تولىمۇ مېھرى ئىللىق قىز ئىدىڭ، يۈرىكىڭ ئوت ئىدى، ھەممىگە مۇھەببەت بىلەن قارايتتىڭ، مېھىر بىرەتتىڭ. ئۆيلەر ئۆرۈلدى، ئوتلار ئۆچتى...

كۆمۈرسىز مەشتىكى ئوتئۆچكىلى خىلى بولدى!

كونىراپ چەمى ئاجراپ كەتكەن ئاياغلىرىڭدىن سوغۇقكىرىۋاتامدۇ سىڭلىم، كەل ، قولۇڭنى بەر، بۇدرۇققىنە قوللىرىڭنى قوينۇمغا سال،ئالقىنىمغا قوي. كۆكىرىپ كەتكەن لەۋلىرىڭ تىتىرەپ، گەپكىمۇ كەلمەيۋاتامدۇ سۆيۈملۈكسىڭلىم. كەل، ماۋۇ ئىسسىق چاپاننى كەي، سەن ئۈچۈن يىپيېڭى ئاياغلارنى ئىلىپكەلدۇق، دەرھال كىيىۋال. كۆمۈرلەرنى ئېلىپ كەلدۇق، دەرھال قالاپ ئاددىيغىنەچىدىرنى ئىسسىتايلى.

res01_attpic_brief.jpg

L0BO910KKY4U_s.jpg

يەر يېرىلدى، يۈرەكلەر يېرىلدى!!

685a1e87f40862c573c47759abbbc5b2.jpg

90fba69d79d30ec0941b11.jpg

كىرىيە قاتتىق سىلكىندى،ئەلسۆيەر ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكى سىلكىندى. ھەممىمىز ئاتلاندۇق، يېنىڭدا بولۇش،جاپادا تەڭ بولۇش ئۈچۈن ئاتلاندۇق. خاتىرجەم بول ئەي كىرىيە!

 
    بارلىق ھوقوق بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىغا مەنسۇپ
    版权所有五石『五石网BaxTax』 儿童教育网
    Copyright by © 2008-2013 BaxTax.Cn , Powered by 2008-2013 BaxTax.Cn