ۋاقىت : 2012-09-27 09:49 | مەنبەسى : | ەمىنلىگۇچى : ساۋاقداش | تەھرىر : يانتاق | كۆرۇلىشى : قېتىم
ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ يىتەكلەش پىلانى
مەن بۇ ماۋسۇم ئىچىدە مەكتەپ ئىلمى بۆلۈمنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىغا ئاساسەن ئۆزۈم دەرىس بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى ۋە بىلىم سەۋيىسىنى ئاساس قېلىپ ئۇلارنى تۈرلەر بويىچە يېتەكلەپ ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىىلار قاتارىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قاتار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمەن .
1. ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش جەھەتتە ؛ 9 – يىلىلق 4 - سىنىپتىن دىلنۇر ، گۇلنۇر ،ياسېنجان 9 –يىلىلق 5 -سىنىپتىن ئايتىللا ،ئايشەمگۇل ،گۇلنۇر، 9 –يىلىلق 6 –سىنىپتىن مەرەمىنسا ،ئوبۇلقاسىم ئىمانىگۇل،9-يىللىق 9-سىنىپتىن ئەنۋەرجان بۇخلىچەم تۇنساگۇل قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار بولۇپ ،ئۇلار دەرىستە ياخشى ،ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار بولۇپ ،مەن بۇ ئوقۇغۇچىىلارغا قارتا كۆڭۈل قۇيۇپ كۆڭۈل قۇيۇپ يېتەكلەش ، قاتىتق تەلەپ قۇيۇش ، ئۇلارنى كۆپرەك ئىلھاملاندۇرۇپ دەرىسنىڭ مۇھىم ،قېيىن نوقتىللىرنى مۇشۇ ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق ھەل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنى باشقا ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئۇلاردىن ئۈگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ بوش ۋاقىت بولسىلا ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ، كىتاپنى كۆپ كۆرۈش ، پايدىلنىش ماتىرياللىرنى كۆپ كۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئۇنۋىرسال بىلمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بىرىش ئاساسىدا ئۇلارنىڭ نەتىجىسنىڭ كۆرنەرلىك يۇقرى كۆتۇرۈلۈشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىلىدۇ .
2.ئوتتۇرھال ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش جەھەتتە ؛ 9 – يىللىق 4 –سىنىپتىن رابىيەم ،ھاشىگۇل ،قەلبىنۇر 9–يىللىق 5 –سىنىپتىن ئايگۇل ،ئالمىرە ،جەننەتگۇل 9-يىللق 6-سىنىپتىن ئاينۇر ،ھاۋاگۇل ،گۈزەلنۇر 9-يىللىق 9 –سىنىپتىن گۈزەلنۇر ،رۇزىگۇل ئاباسقارى قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار دەرىستەئوتتۇرھال ئوقۇغۇچىلار بولۇپ بۇلارنىڭ ئۈگىنىش قىزغىنلىقى ياخشى بولۇپ ، بۇ ئوقۇغۇچىلارغا قارتا كۆپرەك ئىلھاملاندۇرۇش ئېلىپ بېرىپ ،ئۇلارنىڭ قېيىنلىپ قالغان جايلىرنى تەپسىلى كۆرسىتىپ بېرىپ ئۇلارغا يېقىندىن ياردەم قېلىپ ،ئۇلارنى كىتاپنى كۆپرەك كۆرۈش ۋە تاپشۇرۇقلارنى ئەستايدىل ئىشلەش ، كۆپرەك سۇئال سۇراش دەرىستىن سىرىتقى ۋاقىتلارنى بوش ئۆتكۈزمەسلىك توغرىسدىكى تەربىيە كۈچەيتىلىدۇ.
3. ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش جەھەتتە ؛
9– يىللىق 4 –سىنىپتىن ئالىمجان،رابىيەم 9– يىللىق 5 –سىنىپتىن مەمەتجان ،ئادىل 9– يىللىق6 –سىنىپتىن ئەنۋەر،راخمانجان ئانارگۇل 9 –يىللىق 9-سىنىپتىن مىرادىل،مەريەمگۇل قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزقىشى ياخشى بولسىمۇ ،لېكىن ئاساسى ئاجىز بولغاچقا دەرىستە ئارقىدا قالغان . مەن بۇ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ماتېماتېكا دەرىسىنىڭ مۇھېملىقىنى ھېس قېلدۇرۇپ ماتېماتېكا دەرسى توغرىسدا مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ ، ئۇلارنى دەرىس ۋاقتىدا كۆڭۇل قۇيۇپ ئاڭلاش ،دەرىستىن چۈشكەندىن كېيىن كۆپلەپ مەشىق ئىشلەش ، مەسىللەرنى ماتېماتېكىلق ئۇسۇل بويىچە تەپەككۈر قىلىشقا ۋە دادىل پىكىر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ، توغرا بولغان ئۈگىنىش ئۇسىۇللىرنى قوللىنىپ ماتېماتېكا دەرسىنى قېزقىپ ئۆگىنىدىغان ياخشى ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن تىرشىمەن .
ئومۇمەن، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيىۋى تەربىيىنى كۇچايتىپ ئۈگىنىش پوزتىسىيىنى توغىلاپ ئۈگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ دەرىس ۋاقتىدا كۆپ سوراپ ،كۆپ ئىلھاملاندۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئادىديىلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ ئىلگىرلىشىگە يېقىندىن ياردەمدە بولىمەن.
مەن بۇ نىشانغا يىتىش ئۈچۈن ھەرخىل ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرنى قولللىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈر قىلىش ،مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقرى كۆتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئەتراپلىق بىلىمگەئىگە بولشى ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ ئوقۇتۇش مىتودىمنى ياخشىلاپ كەسپى سەۋيەمنى ئۈزلۈكسىز يۇقرى كۆتۇرىمەن .
()