![]() |
تەنتەربىيە كۇرژۇك پىلانى تەنتەربىيە ۋە ئەدەبى-سەنئەت پائالىيتى دەرىسخانائۇقۇتۇشىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بۇلۇپ ساپا مائارىپىغا يۇزلىنۋاتقان بۇگۇنكىدەك دەۋىردە تەنتەربىيە ۋە ئەدەبى-سەنئەت پائالىيتى دەرىسخانا ئۇقۇتۇشىنىڭ داۋامى ۋە تۇلۇقلىمسى بۇلۇپ ھىساپلىندۇ . تەنتەربىيە ۋە ئەدەبى-سەنئەت پائالىيتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسخانىدائۆگەنگەن بىلىملىرىنى مۇستەھكەملەش ،ئۇگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بۇلىدۇ . تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۇقۇغۇچىلارنڭ ئۇگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش،نەزەر دائىرسىنى كىڭەيتىش، چارچىغان مېڭىسىنى دەم ئالدۇرۇش،روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن چېنىقتۇرۇپ تەربىيلەش رولىنى ئۇينايدۇ . مەكتەپلەردىكى تەلىم-تەربىيە،ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش خىزمىتىنى ئۇنۇملۇك ئېلىپ بېرىش ئۇچۇن تۇۋەندىكى خىزمەتلەرنى تىرشىپ ياخشى ئىشلەيمەن. 1.ئالدى بىلەن تەنتەربىيە پائالىيتىنى ھەرقايسى يىللىقلاردىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسى،قىزىقىشى،ھەرىكەت تېخنىكىسىنى ئىگەللەش ئەھۋالى ۋە مەكتەپنىڭ تەلىم-تەربىيە ئۇقۇتۇش ۋاقتىنى ئۇرۇنلاشتۇرشىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ۋاقىتنى بەلگىلەپ ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىمەن. 2. ئۇقۇغۇچىلار ئارىسىدا تەنتەربىيە پائالىيتى ئېلىپ بىرىش ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قايسى خىل ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇش دەرىسىتىكى قايسى مەزمۇنلارنى تۇلۇقلاش قانداق مەقسەتكە يىتىش كىرەكلىكى ئۇستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ پائالىيەتنى شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتە قانداق ئۇرۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئەتراپلىق ئىزدىنىپ پائالىيەتكە تەشكىللەيمەن. 3. تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئۇقۇغۇچىلارنى فىزىئۇلۇگىيەلىك ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكى ۋە قىزىقىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تۇرگە ئايرىپ پائالىيەتكە ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۆگنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۇتۇرىمەن. 4. ئۇقۇغۇچىلاردا ئەخلاق پەزىلەت تۇيغۇسىنى شەكىللەندۇرۇشكە تىرىشىپ،ئۇلارنىڭ ئەخلاقى،ئەقلى،جىسىمانى ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپىلىق يىتىشكەن ياش-ئۇسمۇرلەرنى تەربىيلەپ چىقىش ئۇچۇن تىرىشىپ ئىشلەيمەن. 5.ئوقۇغۇچىلارنى تۇرلۇك ئىجتىمائى پائالىيەتلەرگە تەشكىللەپ، پائالىيەت جەريانىدا ئاددى-ساددا ،ئىقتىسادچىل بۇلۇش ئېڭىنى ئۇستۇرۇشكە تىرىشىپ ئۇلارنى ساغلاملىققا ئىتبار بىرىشكە رىغبەتلەندۇرۇپ،توغرا رىقابەت كۇز-قارىشىنىڭ يىتىلىشىگە ئۇل راسلاپ،مەكتەپ ئىچىدە ياخشى ئىجتىمائى كەيپىيات يارىتىشقا كۇچ چىقىرىمەن. تەھىرلىگۇچى:يانتاق
|