پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرىپىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

XX يېزا XX مەكتەپ X-يىللىق X-سىنىپنىڭ XX-ئوقۇش يىلى X-ئوق

يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-26 18:41 مەنبەسى: ئاپتورى: ساۋاقداش كۆرۈلۈشى: قېتىم
XX يېزا XX مەكتەپ X -يىللىق X -سىنىپنىڭ XX -ئوقۇش يىلى X -ئوقۇش ماۋسۇملۇق سىنىپ خىزمىتى پائالىيەت پىلانى -ئوقۇش يىلى -ماۋسۇملۇق ئوقۇش-ئوقۇت
تەلەي +1

 

XX يېزا XX مەكتەپ X-يىللىق X-سىنىپنىڭ XX-ئوقۇش يىلى X-ئوقۇش ماۋسۇملۇق سىنىپ خىزمىتى پائالىيەت پىلانى
 
-ئوقۇش يىلى  -ماۋسۇملۇق ئوقۇش-ئوقۇتۇش حىزمىتى تەقسىماتىدا مەن مەكتىپىمىزنىڭ  -يىللىق  -سىنىپىنىڭ سىنىپ مودىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۇستۇمگە ئالدىم.
مەن بۇ مەۋسۇمدا ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەشتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى، ئالاھىدىلىكى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇلارنى ھەرخىل قىزىقارلىق ئويۇنلار، ئەدەبى- سەنئەت پائالىيىتى، ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش ئارقىلىق ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىمەن. ھەر ئايدا ئوخشاش بولمىغان پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرۇش ئارقىلىق، سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كېلىش قىزغىنلىقى ۋە ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىمەن.
3-ئايدا «8-مارت ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى»، «ئەخلاق قۇرۇلۇشى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرخىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشقا يىتەكلەپ،ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا شارائىت ھازىرلاپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ حىزمەت ۋە ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يوقىرى كۆتۈرۈپ،2-دەرسحانا پائالىيىتنىڭ جانلىق،مۇكەممەل ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ساۋاقداشلارنى ھۆرمەتلەش،ئۆزئارا ۋە باشقىلارغا ياردەم بىرىش، قىز ساۋاقداشلارنى بوزەك قىلماسلىق، ئۆز-ئارا ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈش تەربىيىسى بىرىمەن.
مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدىكى گۈل- گىياھ ۋە دەل-دەرەخلەرنى ئاسراش،  ئۇلارغا ۋاقتى-ۋاقتىدا سۇ قۇيۇش، ئاممىۋى سورۇنلار ۋە مەكتەپ مۇھىتىنى قوغداپ يىشىللىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىگىشلىك ھەسسە قوشۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشەندۈرۈپ،مەكتەپ ئىچى-سىرتىدا يىشىل مائارىپ ۋە يىشىل تەلىم-تەربىيە ھاسىل قىلىشقا تىرىشىمەن.
ئەتىيازلىق تېرىم مەزگىلىدە ئىلىپ بىرىلىدىعان تەربىيىنى ياحشى ئىلىپ بىرىپ ۋە  ئاتا-ئانىلارعا ياردەم بىرىش  پائالىيىتىگە تەشكىللەش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەش،باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش تەربىيىسى ئىلىپ بېرىلىدۇ .
ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاق ئۆتۈش ، ئۆز-ئارا ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ، ھازىرقى باي- باياشات خوشاللىققا چۆمگەن كۈنلىرىنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، شۇڭلاشقا ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ ئۈگىنىشنىڭ لازىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ،ئوقۇعۇچىلارنىڭ ياحشى ئوگىنىش قىزعىنلىقىنى يوقىرى كوتۇرىمەن.
5-ئايدا«4-ماي ياشلار ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى»نىحاتىرىلەش   مۇناسىۋىتى ۋە «1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىگە تەشكىللەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۆزىنىڭ بايرىمىنى خوشال- خورام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تولۇق شارائىت ھازىرلاپ بىرىپ،مەكتەپتە ئوقۇعۇچىلارغا ئۆزىنىڭ ئورنىنىڭ ۋە مەكتەپتىكى رولىنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى تولۇق چۇشەندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقىنى  يەنىمۇ يوقىرى كۆتۈرىمەن.
مائارىپ فاڭجىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ بايراق چىقىرىش ،بايراق چۇشۇرۇش مۇراسىمىگە تولۇق قاتناشتۇرۇپ ۋەتەننى سۆيۈش ، ۋەتەننى قوغداش توغرىسىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى تولۇق يىتەرلىك  ئېلىپ بېرىپ،ئۇلارنىڭ ئىددىيىسىنى توغرىلاپ،كىچىكىدىن باشلاپ ۋەتەننى سۆيىدىغان،كومپارتىيىنى ھىمايە قىلىدىعان،«ئۇچ خىل كۈچ» لەرگە ئالدانمايدىغان ۋە ئۇلارغا مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرىدىغان ئاتىئىزىمچىلاردىن قىلىپ تەربىيلەپ چىقىمەن.
6-يىللىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئەڭ يۇقىرى يىللىق ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكىدەك ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ،مەكتەپتە ئېلىپ بىرىلىدىغان تۈرلۈك پائىيەتلەردە باشقا يىللىقلارغا ئۈلگە بولۇپ،باشلامچىلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرلەپ،راھەتنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بىرىپ،جاپادا ئالدىدا تۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارغا كىچىكىدىن باشلاپلا چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان،كىچىكلەرنى ئىززەتلەپ،ئۇلارغا ئالدىن يول قويىدىغان ئېسىل خىسلەتنى يىتىلدۈرۈشكە تىرىشىمەن ۋە ئۆزۈم ئۇلارغا ئۈلگە بولىمەن.
 يۇقارقى پائالىيەتلەرنىڭ تولۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە،سىنىپنى مەكتەپتىكى ئۇلگىلىك كوزنەك سىنىپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.      
تەھىرلىگۇچى:يانتاق

更多

ساۋاقداشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پىلان ۋە خۇلاسە] XX يېزا XX مەكتەپ X-يىللىق X-سىنىپنىڭ XX-ئوقۇش يىلى X-ئوق [ 2012-09-26 18:41:02 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] تور سۈرئىتىڭىزنى %100 تىزلىتىۋېلىڭ! [ 2012-09-08 19:20:13 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] ئىشلىتىشتىكى ئەپچىل ئۇسۇللارQQ [ 2012-09-08 19:12:10 ]
[قانۇن تۇزۇم] قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيىتىپ قۇرامىغا يەت [ 2012-08-26 10:05:36 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] قانداق قىلغاندا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئە [ 2012-08-26 10:00:34 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
ساۋاقداش تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2012-08-24 23:08 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2012-09-28 01:09
تەۋسىيەلەر