مەكتەپ تەلىم تەربىيىسى ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەخلاقى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.بولۇپمۇ سىنىپ باشقۇرۇش خىزمىتىدە تېخىمۇ موھىم.
سىنىپ كوللىكتىپىنى ياخشى باشقۇرۇپ، مەكتەپتىكى ئۈلگىلىلك سىنىپ كوللىكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتائەخلاقىي تەربىيىنىڭ رولىغا سەل قارالسا قەتئىي بولمايدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسى پەن دەرسلىرىگە ئەخلاقى تەربىيىنى سىڭدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك ئىشلار ياخشى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
1. ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىدىن چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ،كىچىكلەرنى ئىززەتلەش ،باشقىلارغا كۆيۈنۈش تەربىيىسى بېرىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل،باشقىلارغا كۆيۈنىدىغان كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.
2. ساۋاقداشلار ئارا ئىتتپاق بولۇش،قالايمىقان تىللاشماسلىق، ئۇرۇشماسلىق ، بىر-بىرىگە ياردەم بىرىش تەربىيىسى بىرىلىدۇ.
3. مۇھىت تازىلىقىغا ئەھمىيەت بىرىش ،مەكتەپنىڭ مۇھىتىنى ئاسراش،گۈل –گىياھلارنى ئاسراش ،قەغەز پارچىلىرىنى قالايمىقان تاشلىماسلىق،ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۈكۈرمەسلىك تەربىيىسى بېرىلىدۇ.
4. مەكتەپنىڭ مال –مۈلكىنى ئاسراش ، جوزا-ئورۇندۇقلارنى ئاسراش ،سىنىپ ئىچىدىكى مال- مۈلۈكلەرنى ئاسراش تەربىيىسى بىرىلىدۇ.
5. مەكتەپنىڭ تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىش، «ئوقۇغۇچىلارقائىدىسى»،«ئوقۇغۇچىلار سۆز-ھەرىكەت ئۆلچىمىدىكى يەتتىنى قىلماسلىق » قاتارلىق قائىدە –تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىش تەربىيىسى بېرىلىپ،رەتلىك،پاكىز بولۇش ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش ، شەخسى تازىلىققا رىئايە قىلىش تەربىيىسى بىرىلىدۇ.
6. جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئاكتىپ رىئايە قىلىپ ،مەكتەپكە كېلىش ۋە ئۆيگە قايتىشتا يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مېڭىش ، قاتناش قائىدىسىگە ، بىر-بىرى بىلەن قوغلاشماسلىق ،يولدا قالايمىقان يۈگۈرمەسلىك تەربىيىسى بىرىلدۇ.
يۇقارقى تەربىيىلەرنى ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي ، ئەقلىي ، جىسمانىي گۈزەللىك جەھەتتىكى ساپاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.