![]() |
كەسپى ئۆگىنىش پىلانى مەن بۇ ماۋسۇم ئىچىدە مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى، مەمۇرىيىتى ۋە ئىلمىي بۆلۈمنىڭ يېتەكچىلىكىدە،ھەر قايسى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە ئۆزۈمنىڭ كەسپىي سەۋىيەمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش،ياخشى بولغان كەسپىي ساپا ھازىرلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە تىرشچانلىق كۆرسىتىمەن. 1.مەن بۇ ماۋسۇم ئۇزۇمگە تەقسىم بولغان X-يىللىق ۋە X-يىللىق X-سىنىپلارنىڭ ھەپتىسىگە X سائەتىتن X سائەت ماتېماتېكا دەرسىنى ۋە X-يىللىقنىڭ قوشۇمچە پەن دەرسلىرى بولۇپ جەمئىي X سائەت دەرس ئۆتۈش ۋەزىپىسنى ئۈستۈمگە ئالغان بولۇپ بۇ دەرسلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتۈش ئۈچۈن دەرىسلىكتىكى بىلىملەرگە ئاساسەن ئەمەلى بىلىم بىلەن ئۆز بىلىمىمنى بىرلەشتۇرۈپ بىلەلمىگەن ،ھەل قىلالمىغان مەسىللەرنى دەل ۋاقتىدا ماتىريال كۆرۈپ ياكى شۇ كەسىپتىكى كەسىپتە پىشقان ئوقۇتقۇچىلاردىن سوراش ،پىكىر ئېلىش ئارقىلىق شۇ سائەتلىك دەرىسنىڭ ئۈنۈملۈك بولشىغا كاپالەتلىك قېلىپ ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرستىمەن . 2.ھەرھەپتىدە ئېلىپ بېرىلدىغان كەسپى ئۈگىنىش پائالىىيىتىگە ئاكتىپ قاتنشىپ كەسپى سەۋىيە جەھەتىتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ،كەسىپتە پىشقان ئوقۇتقۇچلاردىن بولۇش ئۈچۈن تۈرلۈك پايدىلىنىش ماتىرياللارنى ئەستايىدىل كۆرۈپ كەسپى سەۋىيەمنى ئۈزلۈكسىز يۇقرى كۆتۇرۈشكە كۈچ چىقرىمەن . 3.يېڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى ۋە كەلگەن ئۇچۇرلاردىن پايدىلنىپ دەرسلىك دىتالى تەييارلاپ دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن . مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان كومپىيوتىر ،خەنزۇتىلى ئۈگىنىش كۇرۇسلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۆزۇمنىڭ كومپىيوتىر، خەنزۇتىلى جەھەتتىكى سەۋىيەمنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۇرۈش بىلەن بىرگە ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئوقۇتۇش مۇھاكىمە پائالىيىتىگە تولۇق قاتنىشىپ ۋە خاتىرە قالدۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ بىلمىنى موللاشتۇرۇشقا ۋە كەڭ دائىرىلىك قىلىشقا تىرشىمەن . 4.دەرستىن سىرىتقى ۋاقىتلىردىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىپ تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلەن دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەل قىلىپ سەۋىيەمنى ئۆستۈرىمەن . باشقا ئوقۇتقۇچىىلارنىڭ ماڭا بەرگەن پىكىر تەكلىپلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ كەسپى سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈشكە يىتەكچى قىلىمەن . 5.مەكتەپتە ۋە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۆزۈمدىكى قوشۇمچە ماتىرىياللاردىن ۋە مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىكى كەسپىكە ئائىت ماتىرياللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆزۇمنىڭ بىلىمىمنى كەڭ دائىرلىك ۋە مول قىلىشقا تىرىشىمەن . شۇنداقلا باشقا كەسىپكە دائىر كىتاپ ماتىرياللارنىمۇ كۆپلەپ كۆرۈپ ئۇنۋىرسال بىلىمىمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىمەن . ھەر ئايدا چىقىدىغان «مائارىپ ژۇرنىلى»،«مائارىپ گېزىتى» قاتارلىق مائارىپقا ئالاقىدار گېزىت ،ژۇرناللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىپ كەسپى بىلىم ،ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەشكە ئائىت بىلىملەرنى كۆرۈش ئارقىلىق ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن ئاساس ھازىرلايمەن .
|