تەبىئىي ئاپەت قانچە خىلغا بۆلىنىدۇ؟ ئابدۇكېرىم ئابباس تەبىئىي ئاپەت كۆرۈلۈش سەۋەبىگە ئاساسەن تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ. 1. مېتېئورولوگىيە ئاپەتلىرى. بۇ ئاتموسفېرانىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك ئىنسانلارنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكى، خەلق ئىگىلىكى، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك زىيان سالىدىغان ئاپەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئېلىمىزدىكى مېتېئورولوگىيە ئاپەتلىرىنىڭ تۈرلىرى خىلمۇ خىل بولۇپ، ئۇ قارا بوران، قارا يامغۇر، مۆلدۈر، چاقماق، شىۋىرغان قاتارلىق ھاۋارايى ئاپەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، يەنە قۇرغاقچىلىق، كەلكۈن، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، قار ئاپىتى قاتارلىق كىلىمات ئاپەتلىرىنى، قۇملىشىش، تاغ گەۋدىسىنىڭ گۈمۈرۈلۈشى، قار كۆچۈش، كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتى، دېڭىز تاشقىنى قاتارلىق مېتېئورولوگىيەلىك قايتىلىنىش ئاپەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلاردىن باشقا، مېتېئورولوگىيە شارائىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىت بۇلغىنىشى، يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىشى، زەھەرلىك، زىيانلىق گازلارنىڭ چىقىپ كېتىشى، ئوت ئاپىتى قاتارلىق ئاپەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2. گىئولوگىيەلىك ئاپەتلەر. بۇ لىتوسفېرا ھەرىكىتى سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان ئاپەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. گىئولوگىيەلىك ئاپەتلەرنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى، يەر تەۋرەش، يانار تاغ پارتلاش، دېڭىز تاشقىنى، يەر يېرىلىش، سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى، تۇپراقنىڭ قۇملىشىسى، كىسلاتالىشىشى، يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئۆزگىرىشى، كۆمۈر قاتلاملىرىنىڭ تەبىئىي كۆيۈشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 3. بىئولوگىيەلىك ئاپەتلەر. بىيوسفېرادىكى ھەر خىل جانلىقلارنىڭ ھەرىكىتى(ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇش مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئۆلۈش، يارىلىنىش ئاپەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ھايۋانلار ئاپىتى، ئۆسۈملۈكلەر ئاپىتى ۋە مىكرو ئورگانىزىملار ئاپىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. ئاسترونومىيەلىك ئاپەتلەر. بۇ قۇياش نۇرى، قۇياش بورىنى، ماگنىت قەۋىتى، ئىئونوسفېرا ۋە تېرموسفىرادىكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەر، يەنە كۈچلۈك قۇياش تاجى جىسىملىرىنىڭ نۇر تاشلىشى، بىردىنلا نۇرلىنىپ كېتىش، يۇقىرى سۈرئەتلىك قۇياش بورىنى، ماگنىت شىتورمى، تۆۋەن ۋالېنتلىق شىتورم، ئىئونوسفىرادىكى تۇيۇقسىز توسالغۇ قاتارلىقلار سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش، خەۋەرلىشىش، ئاۋىياتسىيە ۋە ئېلېكتىر پونكىتلىرىنىڭ يەتكۈزۈش، قوبۇل قىلىش تورىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە سالامەتلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.
|