ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ گاگا ئويۇنى
گاگا ئويۇنى - نىسبەتەن تۈزلەڭ جايلاردا ( خامانلاردا ) ئوينىلىدۇ . گاگا ئويۇنىغا گاگا بىلەن كالتەك لازىم بولىدۇ . ئادەتتە چوت دەستىسى توملۇقىدىكى ياغاچنى 10 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا كېسىپ ئىككى ئۇچى ئۇچلىنىدۇ . گاگا ئويناش ئۈچۈن بىر گاگا بىلەن كەتمەن دەستىسى توملۇقىدىكى 80 سانتېمېتىر ئۇزۇنلۇقتا كېسىلگەن ياغاچتىن كالتەك ياسىلىدۇ . يەنە ئورەك كولىنىپ گاگا ئورەكنىڭ ئۈستۈگە توغرىسىغا قىلىپ قۇيۇلىدۇ . گاگا ئوينىغۇچى كالتەك بىلەن گاگا نى ئېلىپ كۆتۈرۈپ ، گاگا يۇقۇرى ئۆرلىگەندە ، گاگانى ئۇرۇپ يىراققا كەتكۈزىۋېتىدۇ . ئۇنى ئوينىغۇچى 2 دىن ئادەم جۈپ بولۇپ ئوينايدۇ . ئۇنىڭدا ئۇتۇش ھەم ئۇتۇلۇش بولۇپ تۇرىدۇ .
ئا - تەرەپ كالتەك بىلەن گاگانى ئۇرغاندىن كېيىن ، ب - تەرەپ ئۇرۇلغان گاگانى گاگا چۈشكەن ئورۇندىن گاگا ئۇرۇلغان ئورەكتە قويۇپ قۇيۇلغان كالتەككە قارىتىپ ئاتىدۇ . گاگا كالتەككە تەگسە ب - تەرەپ ئا - تەرەپنى ئۇتقان بولىدۇ . ناۋادا گاگا كالتەككە تەگمىسە ب - تەرەپ ئا - تەرەپكە ئۇتتۇرغان بولۇپ ، ب - تەرەپ گاگا چۈشكەن ئورۇندىن گاگا ئۇرۇلغان جايغا « ۋاللەي... ۋاللەي.... ۋاللەي ... » دەپ ۋاللەي توۋلاپ بىر پۇتلاپ دىڭگۇسلاپ يۈگرۈپ كېلىدۇ . بۇ ئۇتتۇرۇلغۇچىنىڭ جازاسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . ئۇتتۇرۇلغۇچى ب - تەرەپ بۇ جازانى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن ، 2 - قېتىم كالتەك بىلەن گاگا ئۇرۇش نۆۋىتى كېلىدۇ . ب - تەرەپ كالتەك بىلەن گاگا ئۇرغاندا ئا - تەرەپ ئاۋالقى ئۇسۇل بويىچە گاگا چۈشكەن ئورۇندىن گاگانى ئۇرۇلغان ئورەككە قۇيۇپ قۇيۇلغان كالتەككە قارىتىپ ئاتىدۇ . ئاتقان گاگا كالتەككە تەگسە ئۇتقان بولىدۇ . كالتەككە تەگمىسە ئۇتتۇرغان بولۇپ ئاۋالقىدەك ۋاللەي توۋلاپ بىر پۇتلاپ دىڭگۇسلاپ يۈگۈرۈپ كېلىشكە مەجبۇر بولىدۇ .
گاگا ئويۇنىنىڭ تەنھەركەتلىك خۇسۇسىيىتى بولۇپ ھەم ئوينىغۇچىنىمۇ ھەم كۆرگۈچىنىمۇ جەلىپ قىلىدۇ ، ئويۇن ئارقىلىق ئوينىغۇچىنىڭ چىدامچانلىقىنى ، غەيرەت - شىجائىتىنىمۇ ئاشۇرىدۇ . ھازىر بۇ ئويۇن شەھەرلىرىمىزدىكى بالىلاردا ئۇنتۇلدى بولغاي شەھەر ئىچىدە ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان بالىلاردىن گاگا ئۇسۇلىنى بىلەمسىز ؟ دەپ سورىسا نۇرغۇنلىرى بىلمەيدۇ . لېكىن بىزنىڭ چەت يىراق يېزا - قىشلاقلىرىمىزدىكى مەھەللىلەردە بۇ ئويۇن يەنىلا ساقلىنىپ كەلمەكتە .
ئۆچمەس مىراس ئويۇنلىرىمىز .
مەنبە: روجەك تورى
ياڭاق ئويۇنى_نىشانغا تەگكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ ، ياڭاق كۆپ چىقىدىغان قەشقەر ، خوتەن ، ئاقسۇ قاتارلىق رايونلاردىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان .
بۇ ئويۇن ئادەتتە ھېيت-بايرام ۋە ھەر خىل سەيلە پائالىيەتلىرىدە ئوينىلىدۇ . بۇ بىر قەدەر ئاددىي ئويۇن بولۇپ ، قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ . كىمنىڭ ياڭىقى بولسا ئىختىيارىي ئويناۋېرىدۇ . بۇ ئويۇن ئۈچۈن تامنىڭ تۈۋىگە ياكى تۈزلەڭ يەرگە ئون-يىگىرمە ياڭاق سىغقۇدەك بىر ئورەك كولىنىدۇ . ئوينىغۇچىلار ئۆز ئارا كېڭىشىپ ، ئورەككە ياڭاق ئاتىدىغان چېگرا سىزىقى بەلگىلىۋالىدۇ ياكى تامغا بىر پارچە تاختاينى يانتۇ تىكلەپ ، تاختاينىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن پەسكە قارىتىپ بىر ياڭاقنى دومىلىتىدۇ . شۇ ياڭاقنىڭ دومىلاپ بېرىپ توختىغان يېرى ياڭاق ئېتىش چېگرا سىزىق قىلىندۇ.
قاتناشقۇچىلار مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن كېلىشىپ ئورەككە ياڭاق ئېتىش نۆۋىتىنى بەلگىلەيدۇ . شۇ رەت بويىچە بىرىنچى بولۇپ ياڭاق ئاتقۇچىغا ئويۇنىغا قاتنىشىدىغان ھەر بىر كىشى ئوخشاش ساندىكى ياڭاقنى بېرىدۇ . ياڭاق ئاتقۇچى قولىدىكى پاي قىلىپ قوشۇلغان ياڭاقنى «جۈپ» ياكى «تاق» دەپ ئاشكارا جاكارالاپ چېگرا سىزىقنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ ئورەككە تاشلايدۇ . ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئورەك بىلەن چېگرا سىزىقىنىڭ ئارىلىقى تۆت-بەش مېتر ئەتراپىدا بولىدۇ . ئەگەر ياڭاق ئاتقۇچى «جۈپ» دەپ توۋلىغان بولسا ، ئورەككە چۈشكەن ياڭاقنىڭ سانى جۈپ بولسا ئۇتقان ھېسابلىنىپ . باشقىلار پاي قىلىپ قوشقان ياڭاق شۇ كىشىگە تەۋە بولىدۇ . ئورەككە چۈشكەن ياڭاقنىڭ سانى تاق بولسا ئۇتتۇرغان بولىدۇ ۋە ئويۇنغا قاتناشقانلار قانچە ياڭاق پاي قوشقان بولسا ، شۇنچە ياڭاق تۆلەم تۆلەيدۇ . ئۇتقۇچىدا ئارقا -ئارقىدىن ياڭاق ئېتىش ھوقۇقىبولىدۇ . ئۇتتۇرۇپ قويسا ياڭاق ئېتىش نۆۋىتى ئالمىشىدۇ . ھەر قېتىم ئورەككە ياڭاق ئاتقاندا ئويۇنغا قاتناشقانلار يۇقىرىقىدەك ئوخشاش سانىدىكى ياڭاقنى ئالدىن پاي قىلىپ تاپشۇرىدۇ . ياڭقىتۈگەپ ئويناشنى خالىمسا مەجبۇرلانمايدۇ . بىر ئورەكتە ئوينايدىغانلار ئادەتتە ئۈچ-تۆت ئادەمدىن ئاشمايدۇ .
«ئۇيغۇرفولكلورى»
قاياق ئويۇنى - ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمكى تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ،ئۇ قار تېيىلىش ئويۇنىدىن ئىبارەت .بۈگۈنكى كۈندە قاياق ئويۇنى چاڭغا تېيىلىش نامى بىلەن داۋاملىشىپ كەلمەكتە .
قاياق ئويۇنى قەدىمدىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ،سوغۇققا چىداملىقلىقىنى ئاشۇرۇشتا ،شۇنىڭدەك قەيسەر ھەم باتۇرلىقىنى يېتىشتۇرۇشتە كەم بولسا بولمايدىغان تەنتەربىيە تۇرلىرىنىڭ بىرى ، دەپ قارالغان .تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە ، قاياق ئويۇنى ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا بارلىققا كەلگەن ھەم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ ،جۇڭگو كىلاسسىك تارىخىي ماتېرىياللىرىدا قاياق ۋە ئۇنىڭ ئانا ماكانى ھەققىدە يېتەرلىك تارىخىي پاكىتلار قالدۇرۇلغان .دەل شۇنداق بولغاچقا ،جۇڭگو قار تېيىلىش جەمئىيىتى بۇ يىل 1–ئاينىڭ 16–كۇنى ئالتايدا ‹‹ئالتاي خىتاپنامىسى ››نى ئېلان قىلىپ ، ‹‹ئالتاي ۋىلايىتى دۇنيادىكى قار تېيىلىش ئەڭ بۇرۇن باشلانغان جاي ››دەپ جاكارلىدى ھەمدە بۇ يىلدىن باشلاپ ،ھەر يىلى 1–ئاينىڭ 16–كۇنىنى ‹‹دۇنيادا ئەڭ بالدۇر قار تېيىلىش مەيدانغا كەلگەن جاينى خاتىرلەش كۇنى ››قىلىپ بېكىتتى .ئىلگىرى كىشىلەر قار تېيىلىشتا پۇتىغا پۇتىنىڭ پەنجسىدەك ،ئۇزۇنلۇقى 50–70سانتمېتىر كەلگۈدەك نېپىز تاختىنىڭ ئاستىغا بۇغا تېرىسىنى چاپلاپ ياكى چانا ياساپ ،ئىككى قولىغا تىرەپ مېڭىش تايىقى ئېلىپ ،ئىگىزدىن پەسكە ياكى تەكشى قار ئۈستىدە تېيىلاتتى .ئەنە شۇ بۇغا تېرىسىنى چاپلىۋالىدىغان تاختا قاياق دەپ ئاتىلاتتى .ئۇ يەنە جۇڭگو تارىخىي ماتېرىياللىرىدا تىلغا ئېلىنغان ‹‹قىللىق قار تېيىلىش تاختىسى ››،شۇنىڭدەك بۈگۈنكى دەۋردىكى چاڭغىنىڭ دەل ئۆزى ئىدى .
قار تېيىلىش تاختىسى (قاياق –چاڭغا ) قار ئۈستىدە تېيىلىدىغان تەنتەربىيە قۇرالى بولۇپ، قار تېيىلىش شەكلى ۋە تۇرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ،ئوخشىمىغان شەكىلدە ياسىلىدۇ .ئادەتتە قار تېيىلىش تاختىسى ئېگىز تاغلاردىن تېيىلىش ، سۇپىدىن سەكرەپ تېيىلىش ،فىگورا چىقىرىپ تېيىلىش ۋە ئوۋ ئوۋلاشتا تېيىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان قار تېيىلىش تاختىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .ئۇيغۇرلار قەدىمدە قاياقتا قار تېيىلىشنى بىر تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش –تەنھەركەت ئويۇنى سۈپىتىدە چۈشىنىپلا قالماستىن بەلكى يەنە قىش كۇنلىرىدىكى ئوۋ ئوۋلاش ۋە ھەربىي نەقلىيات ئىشلىرىنىڭ ياخشى ۋاستىسى دەپ چۈشەنگەن .قار تېيىلىش تاختىسى ئىلگىرى ئاددىي ياغاچچىلىقتىن ياسالغان بولسا ،بۈگۈنكى كۇندە سۇلياۋ ۋە يېنىك مېتاللاردىن ياسالغان ئېلاستىكىلىق ، سۈرئىتى تېز بولغان ھازىرقى زامان قار تېيىلىش تاختىلىرىغا ئۆزگەردى .ھاسا –قار تېيىلىش ھەركىتىدىكى مۇھىم قۇراللارنىڭ بىرى ،تېيىلغۇچى ھەر ئىككى قولىغا بىردىن ھاسا تۇتىدۇ .ھاسا باش پەللىدىن قوزغىلىشتا ۋە تېيىلىۋېتىپ تېخىمۇ تېزلىككە ئېرىشىشتە ،ئەگىلىشلەردە ئىشلىتىلىدۇ،لېكىن سەكرەش سۇپىسىدىن سەكرىگەندە ئىشلىتىلمەيدۇ .
مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى
ئوردىكام ئويۇنى-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئاساسەن جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ئوينىلىپ كەلمەكتە .
ئوردىكام ئويۇنى تۈزلەڭ يەرلەردىن ، مال باققان يايلاق -جاڭگاللاردا ، يېزا -مەھەللىلەردە ئوينىلىدۇ . بۇ ئويۇن ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئادەم سانىنىڭ ئاز -كۆپلۈكىگە قاراپ چەمبەر شەكلىدە مەيدان سىزىلىدۇ . ئاندىن شۇ سىزىق ئايلانمىسى بويىچە تەخمىنەن ھەر بىر -ئىككى مېتر ئارىلىققا بىردىن كىچىك ئورەك كولىنىدۇ (ئورەكنىڭ ھەجىمى چاي پىيالىسى چوڭلۇقىدا) . كولانغان ئۆرەكنىڭ سانى قاتنىشىدىغان ئادەمنىڭ سانىدىن بىرى كەم بولىدۇ . چەمبەر شەكلىدىكى بۇ مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا بالىچۇق (توپ) ھەيدەپ كىرگۈزۈلىدىغان بىر ئانا (مەركىزىي) ئورەك (ئوردا دېيىلىدۇ) كولىنىدۇ . ئويۇنغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ ئۆزنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە ئاساسەن ئۆزلىرى تاللاپ ياراتقان نوغۇچ شەكلىدىكى بىرىدن كالتەك تاياق ھەمدە يۇمىلاق ياكى ئۇزۇنچاق (باشمالداقتىن سەل چوڭراق) ھالەتتىكى بىردانە ياغاچ بالىچۇق تەييارلايدۇ . ئويۇنغا قاتنىشىدىغانلار تەخ بولغاندىن كېيىن بىر كوماندا بىلەن تەڭ چاقماق تېزلىكىدە ھەر بىرى بىردىن ئورەكنى ئىگىلەپ ئانىچۇق تاياق (توپ ئۇرىدىغان كالتەك) نى ئورەككە سولاپ تۇرىدۇ . ئورەك ئىگىلەش ھوشيارلىق ۋە چەبدەسلىكنى تەلەپ قىلىدۇ . ئەگەر كىم ئورەك ئىگىلىيەلمىگەن بولسا شۇ كىشى توپقا مەسئۇل بولۇپ ، بالچۇقنىمەيدان سىرتىدىن توپ ئۇرۇش كالتىكى بىلەن مەيدان ئىچىگە ھەيدەپ ئەكىرىپ ، پەم بىلەن ئوتتۇرىسىدىكى مەركىزىي ئورەككە سولاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ . قالغان ئويۇنچىلار ھەم ئۆزىنىڭ ئورىكىنى ، ھەم مەركىزىي ئورەكنى قوغدايدۇ . ھەر بىر ئورەكنىڭ ئىگىلىرى توپنى مەركىزىي ئورەكتىن يىراقلاشتۈرۈش ئۈچۈن ، ئورەككە كىرىش ئېھتىمالى بولغان توپنى كالتەك تايىقى بىلەن ئۇرۇپ يىراققا ھەيدىۋېتىشكە ھەرىكەت قىلىدۇ . ئورەك باققۇچى مۇشۇ مەقسەتتە تايىقىنى ئورەكتىن چىقارغان ھامان ئورەككە ئىگە بولالمغان توپ ھەيدىگۈچىپۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، چاققانلىق بىلەن تايىقىنى ھېلىقى بوش ئورەككە تىقىۋالسا ، بۇ ئورەكنىڭ ئىگىسى ئوردىسىدىن مەھرۇم قالىدۇ -دە ، ئورىكى (ئوردىسى) نى ئىگىلىۋالغان كىشى ئورنىدا مەيداننىڭ سىرتىغا چىقىپ قايتىدىن توپ ھەيدەشكە مەسئۇل بولىدۇ . ئويۇن مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا دەۋرسىمان داۋاملىشىۋېرىدۇ . ئارىلىقتا ئويۇننى تېخمۇ قىزىتىش ۋە ئەۋجىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئويۇن باشلىقنىڭ «كۆچ-كۆچ» دېگەن كوماندىسى بىلەن تەڭ ، ئورەك ئىگىلىرى تايىقىنى كۆتۈرۈپ ، ئۆز ئارا ئورەك ئالماشتۇرىدۇ . ئەگەر مۇشۇ «كۆچ -كۆچ» پەيتىدە ئورىكى يوق توپ ھەيدىگۈچى چاققانلىق بىلەن بىرەر بوش ئورەككە تايىقىنى سېلىۋالسا ، ئۇ ئورەك شۇنىڭغا مەنسۇپ بولۇپ ، بىخەستەلىك قىلىپ كىم ئورەك ئىگىلىيەلمىگەن بولسا ، شۇ داۋاملىق توپ ھەيدەشكە مەسئۇل بولىدۇ . ئەگەر توپ ھەيدىگۈچى بالىچۇقنىباشقىلارنىڭ ئۇرۇپ يىراقلاشتۇرۇشىغا يول قويماي ، ئەپچىللىك بىلەن توپنى مەركىزىي ئورەككە كىرگۈزۈۋالسا ، شۇ ھامان بىر قېتىملىق ئورەك كۆچۈش (كۆچ-كۆچ) بولىدۇ . شۇ جەرياندا ھەر كىم چاققانلىق بىلەن ئورەك ئىگىلىشى شەرت . ناۋادا ئورەك ئىگىلىيەلمەي سىرتتا قالغىنى يەنە توپ ھەيدەپ كېلىشكە مەسئۇل بولىدۇ . ئەگەر ئىككى كىشىنىڭ تايىقى ئورەككە سېلىنىپ قالسا ، كىمنىڭ تايىقى ئورەككە بالدۇر سېلىنغان بولسا ، ئورەك شۇ كىشىگە مەنسۇپ بولىدۇ . كىم بۇرۇن ئىگىلىگەنلىكى ئايرىلمايدۇ ئورەك تالىشىش يۈز بەرسە ئويۇن باشلىقى ھۆكۈمى بىلەن يەنە بىر قېتىم«كۆچ-كۆچ» قىلىنىدۇ . بۇ ئويۇننى ئويغاشتا ئوينىغۇچىلار توپ كالتىكى بىلەن بىر -بىرسىنىڭ پۇتىغا ياكى باشقا جايلىرىغا ئۇرۇشقا ، بالىچۇقنى قولى بىلەن تۇتۇپ ئويناشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ . ئويۇن تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار سېزىلىسە ، ئۇ كىشى ئويناشتىن مەھرۇم قىلنىدۇ ياكىباشقا ئۇسۇللار بىلەن تەنبىھ بېرىلىدۇ .
ئوردىكام ئويۇنى ئىنتايىن قىزىقارلىق بولۇپ ، چەبدەسلىكنى ، ھوشيارلىقنى ، پەملىك بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . بۇ ئويۇن كىشىنىڭ غەيرىتىنى ، ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ ، ئىتتىپاقلىق ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ
- «ئۇيغۇر فولكلورى»-
ياغلىق تاشلاش - ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ياش - ئۆسمۈرلىرى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تېزلىك، ھوشيارلىق تەلەپ قىلىدىغان قىزىقارلىق ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى، بۇ ئويۇنغا ئاز بولغاندا 15 تىن ئارتۇق قىز - ئوغۇل قاتناشسا بولىدۇ. قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى بۇنىڭدىن ئاز بولسا، ئويۇن قىزىمايدۇ.
ئويناش ئۇسۇلى: ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار بىر يەرگە يىغىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئىچىدىن ئىختىيارىي ئاساستا ياكى چەك تاشلاش ئارقىلىق ياغلىق تاشلىغۇچى بەلگىلىنىدۇ. قالغانلار دۈگىلەك چەمبەر ھاسىل قىلىپ يېقىن - يېقىن ئولتۇرىدۇ. ياغلىق تاشلىغۇچى دۈگىلەك چەمبەر ھاسىل قىلىپ ئولتۇرغانلارنىڭ كەينىدىن ئايلىنىپ يۈگۈرۈپ، ياغلىقنى خالىغان بىرىنىڭ كەينىگە بىلدۈرمەي تاشلايدۇ. ئەگەر ئارقىغا ياغلىق تاشلانغان بالا ياغلىق تاشلىغۇچى ئايلىنىپ ئۆز يېنىغا كەلگۈچە ياغلىقنىڭ كەينىگە قويۇلغانلىقىنى بىلمەي قالسا، ياغلىق تاشلىغۇچى تاشلانغان ياغلىقنى ئېلىپ ياغلىق تاشلانغان بالىنى چەمبەرنى ئايلىنىپ يۈگۈرۈپ ئۆز يېنىغا كەلگۈچە ئۇرىدۇ. ئاندىن ئىككىسى ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەگەر ياغلىقنىڭ ئارقىغا قويۇلغانلىقىنى سېزىپ قالسا، ئۇ ھالدا ياغلىقنى ئېلىپ ياغلىق تاشلىغۇچىنى قوغلاپ، ياغلىق تاشلانغان بالىنىڭ ئورنىغا كېلىۋالغىچە ئۇرىدۇ. ئۇرالمىسا، ئۇنىڭ ئورنىغا ياغلىق تاشلىغۇچى ئولتۇرىدۇ - دە، ياغلىق تاشلىغۇچى ئويۇن باشلايدۇ. ئويۇن ئاشۇ تەرىقىدە تاكى ئويۇنچىلار بولدى قىلغىچە داۋاملىشىدۇ.
دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: ئىككى قات قىلىپ ئىشلىگەن ياغلىق بىلەن بىر - بىرىنىڭ باش قىسمىغا ئۇرۇشتىن ۋە باشقا جايلىرىغا ئورغاندىمۇ قاتتىق ئۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش لازىم.
ياڭاق ئويۇنى
قاياق ئويۇنى
ئوردىكام ئويۇنى
ئۇيغۇر خەلق ئويۇنى ياغلىق تاشلاش
قارلىق ئويۇنى
قارلىق ئويۇنى--ئۇيغۇرلاردا ئالاھىدە خاراكتېرىگە ئىگىدۇر. ئۇيغۇر خەلقى قارنى « خۇدانىڭ رەھمىتى » دەپ بىلىدۇ. شۇڭا، تۇنجى ياغقان قار خۇشاللىقىدا«قارلىق ئويۇنى » نى باشلايدۇ. بەزىلەر تۇنجى قار يېغىشتىن بۇرۇنلا«قارلىق » تاشلىنىدىغان ئۆينى نىشانلاپ قويىدۇ. تۇنجى يېغىۋاتقان ياكى تۇنجى قار يېغىپ توختىغان ھامان:
قاردا قارلىق تاشلىدۇق،
بۇ ئويۇننى باشلىدۇق.
يېڭى قارنىڭ خوشلۇقىدا،
سىزگە قارلىق تاشلىدۇق.
دەپ باشلانغان ۋە
قارلىق ئاپارغان كىشىنى،
پەم بىلەن تۇتسىلا.
يۈزلىرىگە قار سۈركەپ،
ئالدىمىزغا كەلسىلە.
دەپ ئاخىرلاشقان قارلىقنى يېزىپ، نىشانلانغان ئۆيگە يېقىن بولسا پىيادە، يىراق بولسا ئۇلاغلىق بېرىپ، قارلىقنى ئۆينىڭ بەلگىلىك بىر يېرىگە تىقىپ قويۇپ، ئۆيدىن چىقىۋېتىپ «پالانى يەردە قارلىق قويۇپ قويدۇم»دەپلا قاچىدۇ. قارلىق تاشلانغان ئۆيدىن بىر ئادەم قوغلايدۇ. ئەگەر ئۇنى تۇتۇۋالسا، ئۇنىڭ يۈز - كۆزىنى بوياپ جۇۋىنى تەتۈر كىيگۈزۈپ مەھەللىمۇ مەھەللە ئايلاندۇرىدۇ. تۇتۇلۇپ قالغان تەرەپ ئالاھىدە مېھمان چاقىرىپ«قارلىق چېيى » ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئەگەر قارلىق ئەكەلگۈچى تۇتۇلماي قېچىپ كەتسە، قارلىق تاشلانغان ئۆي قارلىق چېيى بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مەھەللىدە قىش بويى «قارلىق چېيى»ئۈزۈلمەيدۇ.
«قارلىق ئويۇنى» ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەتكە سېغىنىش ۋە ئاقنى ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت قەدىمكى ئېتىقادىدىن كېلىپ چىققان
«ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى» دىن
قوشماق ئاداش ئويىنى بىلەن توپۇق ئويۇنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دوستلۇق، ۋاپادارلىق، ساداقەتمەنلىكنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئويۇن.
قوشماق ئاداش ئويۇنى - خەلقىمىز ئىچىدە كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئىككى ياشنىڭ ساداقىتىنى ئىپادىلەشنىڭ سىمۋولى قىلىنغان. ئويۇن ئۆرۈك ئۈچكىسىدىن جۈپ (قوشماق) چىققان مېغىز تاللىنىپ قوشماق ئوينىغۇچى ئىككى تەرەپ بىردىن يەيدۇ. يېيىش ۋاقتىدا، ۋاقىت بەلگىلەپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كىم بالدۇر «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قوشماق ئاداش» دەۋالسا شۇ ئۇتقان بولىدۇ. ئۇتتۇرغۇچى ۋەدىلەشكەن نەرسىنى ئۇتقۇچىغا بېرىدۇ. بۇ ئويۇن كۆرۈنۈشتە ئاددىي بولغان بىلەن ئىككى دوستنىڭ بىر ئۈچكە ئىچىگە سىغقان قوشماق مېغىزدەك دوستلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ.
مۆكۈشمەك ئويۇنى-- ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەھەللىلەردە توپلىشىپ ئوينايدىغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئويۇن پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ پائالىيەت چەبدەسلىكنى، يۈگۈرۈش تېزلىكىنى، چىداملىقىنى، كوللېكتىۋىزملىق روھىنى ئۇرغۇتۇشقا ئەھمىيىتى ناھايىتى زور.
مۆكۈشمەك ئويۇنى كۆپىنچە ھاللاردا ئايدىڭ كېچىلەردە ئوينىلىپ، مەيدان تاللىمايدۇ. ئويۇنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ چەكلىمىسى بولمايدۇ. خالىغان بىر جايدا ئوينالسا بولىۋېرىدۇ. ئويناشتا ئالدى بىلەن ئىككى كىشى باش بولۇپ رامباتلىشىش ئارقىلىق ئادەملەرنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلىدۇ ھەمدە بىر ئورۇننى نۇقتا قىلىپ بەلگىلەيدۇ. مۆكۈش نۆۋىتى ئالغان تەرەپ ئالدى بىلەن مۆكىدۇ. يەنە بىر تەرەپ پەللىدە قالىدۇ. مۆككۈچىلەر مۆكۈپ بولغاندىن كېيىن پەللىدە قالغان تەرەپنىڭ بىر قانچىسى پەللىنى ساقلاپ قالغانلىرى مۆككەنلەرنى ئىزدەيدۇ. ئىزدىگۈچىلەر مۆككۈچىلەرنى مۆكۈۋالغان يەردىن تېپىۋالسا بىر - بىرلەپ تۇتىدۇ. ئەگەر تۇتۇۋالالمىسا مۆككۈچىلەر پەللىگە ياكى باشقا تەرەپكە قاراپ قاچىدۇ. پەللە ساقلىغۇچىلار پەللىنى قوغداپ مۆككۈچىلەرنى پەللىگە كىرگۈزمەي تۇتۇۋېلىشقا كىرىشىدۇ. مۆككۈچىلەر بولسا مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەپ، تۇتقۇزماي پەللىگە كىرىشكە تىرىشىدۇ. ئويۇن جەريانىدا پەللە باققۇچىلار مۆكۈۋالغان جايدىن ياكى پەللە باققۇچىلار مۆكۈپ، مۆككەن تەرەپ پەللە باقىدۇ. ئەگەر مۆككۈچى تەرەپنىڭ بىر ئەزاسى بولسىمۇ تۇتۇق بەرمەي پەللىگە كىرىۋالالىسا يەنىلا مۆككۈچى تەرەپ مۆكۈنۈپ پەللە باققۇچى تەرەپ پەللە باقىدۇ. ئويۇن شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىۋېرىدۇ. ئەگەر پۈتۈن بىر ئاخشام مۆككۈچىلەرنى تاپالماي قالسا ئەتىسى ئاخشىمى داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ. لېكىن، بۇ خىل ئۇسۇلدا ۋاقىت ئۇزىراپ كېتىئۇ. شۇڭا، مۆككۈچىلەردىن بىر - ئىككىنى تۇتۇشنى شەرت قىلسىمۇ بولىدۇ.
قوشماق ئاداش ئويۇنى
مۆكۈشمەك ئويۇنى
بالا بەزلەش
« بالا بەزلەش » ئويۇنى--يېشى ئوخشاش بولمىغان قىز ئوغۇل ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوينىشىغا ماس كېلىدىغان ،پەسىل ئايرىماي ئوينىلىدىغان ئويۇن .بۇ ئويۇن ئاز بولغاندا ئىككى بالا تەرىپىدىن ئوينىلىدۇ .چوڭ -كىچىك بالىلار خالىغان مەيدانغا يىغىلىپ ،ئۆز ئىختىيارى بويىچە گۇرۇپپىلاغا بۆلىنىدۇ ، ئەمما گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ ياش پەرقى چوڭ بولماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ.ئويۇن جەريانىدا ياشتا چوڭ بالىلار ئاساسلىق ئويۇن كۆرسىتىدۇ .ئۇلار ئويۇن باشلىنىشتىن ئاۋال شۇ ئويۇندا سۆزلىنىدىغان مەزمۇننى ئۆگىنىۋېلىپ ،ئاندىن ئويۇن جەريانىدا ئۆزىدىن كىچىپ بالىلارغا ئۆگىتىدۇ .ئۇلارغا ئۈلگە بولۇپ شۇ مەيداندا تەربىيەلەيدۇ .ئويۇن باشلانغاندا ياشتا كىچىك بالا :« ئانا، مەنمۇ بارىمەن ،مەن تويغا بارىمەن ،مەنمۇ تويغا بارىمەن ...ھۈ ...ھۈ ...» دەپ يىغلاپ ، بىر تەرەپكە ( ئۆي ئىچى بولسا ئىشىك تەرەپكە )يۈگىرىدۇ .باشتا چوڭ بالا ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ ،قولىنى مەھكەم تۇتىۋېلىپ :« ئوبدان ئۇكام ،ياخشى بالا دېگەن گەپ ئاڭلايدىغان ،چوڭلارغا ئەگەشمەيدىغان ،ئۇلار ھېلىلا قايتىپ كېلىدۇ ...» دەپ ئۇنى بەزلەيدۇ ھەمدە ئۇنىڭ دېققىتىنى چېچىپ ،چوڭلارنى ۋاقىتلىق ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۈۋەندىكى قوشاقنى توقۇيدۇ :
باش بارماق ،
بادام تىرناق .
ئوتتۇرا ئىلىك ،
قۇللەللەي بوۋاق .
ئېرىشمەك يۆللەللەي بوۋاق .
باش بارماق تويغا بارىمەن دەيدۇ ،
بادام تىرناق مەنمۇ بارىمەن دەيدۇ .
ئوتتۇرا ئىلىك ئۇستىخان كۆتۈرۈپ بارىمەن دەيدۇ ،
قۇللەللەي بوۋاق چاي كۆتۈرۈپ بارىمەن دەيدۇ .
ئېرىشمەك قۇللەللەي ئۆيدە قېلىپ
كۆئۈندۈككە چۈشىمەن دەيدۇ .
بۇ قوشاقلارنىڭ باش -ئاخىرىنى چۈشەنمىگەن كىچىك بالا ئانىسىنىڭ خەقىشىنى تېخىمۇ قىلىپ ،ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ يېتىۋالىدۇ ، يەردە ئۆمىلەپ كىيىمىلەرنى پاسكىنا قىلىشقا باشلايدۇ .بۇنداق چاغدا چوڭراق بالا يىغلاۋاتقان بالىنى تەنقىدلەش ،خىجىل قىلىش مەخسىتىدە يەنە قوشاق توقۇيدۇ :
بالام -بالام كۆتى پوق ،
ئېرتاي دېسەم لاتا يوق .
لاتا دېگەن ئۆگزىدە ،
چىقاي دېسەم شوتا يوق .
شوتا دېگەن دەرەختە ،
كېسەي دېسەم پالتا يوق .
پالتا دېگەن بازاردا ،
ئالاي دېسەم پۇلۇم يوق .
پۇلۇم دېگەن ساندۇقتا ،
ئاچاي دېسەم ئاچقۇچ يوق .
ئاچقۇچ دېگەن ئاكامدا ،
ئەكېلەي دېسەم چارە يوق .
قوشاق توقۇلۇپ بولغىچە ھېلىقى كىچىك بالا يىغىسىنى توختىتىپ ، ئاتا -ئانىسىنى ۋاقىتلىق ئۇنتۇپ ئۇيقۇغا كېتىدۇ ياكى باشقا ئويۇن بىلەن مەشغۇل بولىدۇ .ئاندىن چوڭ ياشتىكى بالىلار كىچىكلەرنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ ئويۇنلىرىنى ئوينايدۇ .لېكىن ، ئۆزىدىن كىچىكلەرنىڭ قىلىقىغا دېققەت قىلىپ ،ئورۇنسىز ھەرىكەلەرگە چەك قويىدۇ ،ئامان -ئېسەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ .
« ئۇيغۇر خەلق ئويۇنلىرى » دىن ئېلىندى
توپۇق ئويۇنى - شەرتى مېغىز، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك، مۇددىتى ئۇزۇن، ئەر - ئايال، قېرى - ياش ھەممىگە تەڭ ئومۇملاشقان ئويۇن. بۇ ئويۇنمۇ دوستلۇقنىڭ ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئۇنتۇلماس،، ساداقەتمەن بولۇشنى سىناش ئويۇنى بولۇپ، قوي ياكى ئۆچكىنىڭ توپۇقى لازىم. توپۇق توي قوي ياكى ئۆچكىنىڭ ئارقا پۇت سېنىدىن چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇستەھكەم ئۇيۇللۇققا ئىگە. گۆش بىلەن توپۇق سۆڭىكى ئارىسىدىكى ئۇيۇللۇققا سىمۋول قىلىنغان.
توپۇق ئويۇنىنىڭ ئوينىلىشى: توپۇق ئوينىغۇچى ئىككى كىشى بىر يەردە تۇرغان بولسۇن ياكى يىراق يەردە بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ دوستلۇق سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىر يەنە بىرىگە پاكىزلانغان توپۇقنى تېشىپ يىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. توپۇقنى قوبۇل قىلغان دوستى ئۇنى ئېلىپ يېنىدا ساقلايدۇ. توپۇق بەرگۈچى خالىغان مەزگىلدە تۇيۇقسىز توپۇقنى سورايدۇ. توپۇق ئالغۇچى دەرھال چىقىرپ بېرىشى لازىم. شۇندىلا ئۇ ئۇتقان بولىدۇ شۇ چاغدا، تۇپۇق بەرگۈچى قوي، كالا، ھەتتا تۆگە سويۇپ چاي (مەشرەپ) بېرىپ دوستىنىڭ ساداقىتىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. مۇبادا دېگەن ۋاقتىدا توپۇقنى چىقىرىپ بېرەلمىسە، توپۇق ئالغۇچى ئۇتتۇرغان بولۇپ ئۇتقۇچى تەرەپكە مەشرەپ - چاي بېرىدۇ.
توپۇق ئويۇنى ئۆز ئارا دوستلۇق ۋە ساداقەتمەنلىكنى سىنايدىغان، ھوشيارلىقنى ئاشۇرىدىغان ئەنئەنىۋى ئويۇن بولۇپ، ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
مەنبە: «ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى»
توپۇق ئويۇنى
موللاق ئېتىش ئويۇنى
موللاق ئېتىش ئويۇنى ئۇيغۇر ياش يىگىتلىرى ئارىسىدا بىر قەدەر كەڭ دائىرىلىك ئومۇملاشقان، ياشلار ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان قىزىقارلىق ئويۇنلارنىڭ بىر تۈرى.
بۇ ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقىچە ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ۋە مىللىي ئالاھىدىلىك ياخشى گەۋدىلەنگەن ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىر تۈرى. بۇ ئويۇننى دارۋازلىق ئويۇنلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا سېرىكچىلىك تۈسىنى ئالغان كۈلكىلىك ئويۇن دېيىشكە بولىدۇ.
موللاق ئېتىش مول مەزمۇن ۋە رەڭگارەڭ شەكىلگە ئەنئەنىۋى ئويۇن بولۇپ، ئۇ ئادەتتە ياز، كۈز پەسىللىرىدە بۇغداي خامانلىرى، چىملىق ياكى موللاق ئېتىش ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان سورۇنلاردا يىگىت - قىزلار ئورتاق ئوينايدىغان ئويۇندۇر.
موللاق ئېتىش ئويۇنى ئۆز ئىچىدىن بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ. يەنى يەرنى تۇتۇپ موللاق ئېتىش، يەنى تۇتماي موللاق ئېتىش، يۇمىلاپ موللاق ئېتىش، بىر قول بىلەن موللاق ئېتىش، تەپكە تاختا ئۈستىدە موللاق ئېتىش قاتارلىق تۈرلىرى بولۇپ، ئوينىلىدىغان زامان - ماكان ئوخشاش بولمىغانلىقى، ئويناش ئوبيېكتلىرىمۇ پەرقلىنىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، مەزمۇن ۋە شەكلىمۇ ئۆزگىچە، ھەر - خىل بولىدۇ. بۇ ئويۇن مەيلى بۇغداي خامانلىقلىرىدا ئوينالسۇن، ياكى چىملىقلاردا ئوينالسۇن، ئوخشاشلا موللاق ئېتىش ئارقىلىق بەلگىلىك ئارىلىققا يېتىپ بېرىش ياكى ئۆز كۆڭلىنى ئېچىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار سورۇننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان كوماندا ياكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ قىزغىنلىق بىلەن ئوينايدۇ.
خاماندا ئويناشقا توغرا كەلگەندە يىگىتلەر بۇغداي ئورۇپ بولۇپ ھاردقۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن كۆڭۈل ئېچىش مەقسىتىدە ئۆز ئارا موللاق ئېتىشىپ مۇسابىقىلىشىپ ھاردۇق چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بۇغداي ئەنجىسى ئېزىلىپ يۇمشىغان ۋاقىتتا ياشلار مومىنى مەركەز قىلىپ ئۇلاغلارنى خاماندا ھەيدىگەچ ئۇلاغلارغا ئەگىشىپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۇلانما موللاق ئاتىدۇ. بۇ خىل مۇسابىقە ئىككى ياكى بىر قانچە كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئىككى كوماندا ئارا ئېلىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ. ئويۇن جەريانىدا مۇنداق كونكرېتنى تەلەپلەر قويۇلىدۇ: موللاق ئاتقۇچى كىشى خامان ئىشلىرىنى ئاقسىتىپ قويماسلىقى، ئۇلاغلارنى نورمال ئايلاندۇرۇشى، خامان تېپىۋاتقانلارغا پۇتلاشماسلىقى، موللاق ئاتىمەن دەپ ئۇلاغنىڭ ئالدىغا كىرىۋالماسلىقى، خاماندا مېڭىۋاتقان ئۇلاغلارغا ئېسىلىپ سۆرۈلۈۋالماسلىقى لازىم. موللاق ئېتىش بىلەن خامان تېپىشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. موللاق ئېتىشنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىش بىلەن بىرگە ھەرىكىتى كۆركەم، نازۇك بولۇشى، ئۆز سالامەتلىكى ۋە پاكىزلىقىنى ئاسىرىشى كېرەك. ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار باشتا كېئىشىۋلغىنى بويىچە نۆۋەت ۋە قېتىم سانى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۆز ئارا ئالمىشىپ ئويۇن كۆرسىتىش يولى بىلەن ئويۇننى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.
بۇ ئويۇننى چىملىق، قۇملۇق ۋە ئوت - چۆپى قېلىن جايلاردىمۇ ئويناشقا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئويۇنغا قاتنىشىدىغان بالىلار ئىختىيارىي ھالدا كوماندا ياكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنىدۇ. ئويۇن بەلگىلىك ئارىلىقتا موللاق ئېتىپ بېرىش ياكى بىر باشلىغانچە ئۆز ئارا زەنجىرسىمان چاتما موللاق ئېتىش شەكلىنى ئاساس قىلىپ ئوينىلىدۇ. ئويۇن باشلىنىش ئالدىدا كېلىشكەن بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش لازىم.
باشقىلارنىڭ بىمالال، خاتىرجەم ئويۇن كۆرسىتىشىگە كاشىلا بولماسلىق، ئۇلارنى تۇتۇۋېلىپ ياكى تېپىپ يېقىتىۋەتمەسلىك، بەلگىلىك ئارىلىقتا موللاق ئېتىپ بېرىش، قائىدىگە بويسۇنۇش، ئويۇننى باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇشتا كوماندىغا چوقۇم رىئايە قىلىش لازىم.
دېمەك، موللاق ئېتىش ئويۇنى قاچان، قەيەر، قايسى شەكىلدە ئوينالسۇن، چوقۇم قائىدە بويىچە مەقسەتلىك ئوينىلىدۇ. ئويۇنغا تەۋە ھەر قايسى تۈرلەر، ھەر قايسى تۈرلەرنىڭ مەزمۇن دائىرىسى شۇنىڭغا كېتەرلىك مەيدان، ۋاقىت، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئالدىن بەلگىلىنىدۇ.
بۇ ئويۇن ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ياخشى تەرەققىي قىلىپ ساغلام، قابىل، باتۇر بولۇپ يېتىلىشىدە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. بەدەن چېنىقتۇرۇش جەھەتتىن بەدەن ئورگانىزملىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
ئۇيغۇر ئويۇنلىرىدىن«بارات كەلدى» ئويۇنى
بۇ ئويۇننىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا پەيدا بولۇش تارىخىي خېلىلا ئۇزاق ھەم بىر قەدەر مۇرەككەپ . بۇ ئويۇننىڭ نامىدىكى « بارات » سۆزى ھىجىريە يىل ھېسابىدا 8-ئاينىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇغۇر ھىجىرىيە 8-ئاينىڭ يەنى بارات ئېيىنىڭ 14-كۈنى كېچىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈش ئادىتى زامان -زامانلاردىن بېرى مۇراسىم شەكلىدە داۋاملىشىپ كەلگەن .
بارات كېچىسى چوڭلار تائەت-ئىبادەت بىلەن تۈنەپ چىقسا ،ياشلار يىغىش قىلىپ بىرەر مال سويۇپ بىر سورۇنغا جەم بولۇپ ،نەغمە ناۋا قىلىپ ،ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناپ يېرىم كېچىگىچە ئولتۇرۇش قىلىدىغان بولغان . ئۆسمۈرلەر كونا ياغلىق قاپاقتىن بىرنى خادىغا بېكىتىپ ،ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈپ ،مەھەللە ئارىلاپ ،ھەر بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە :
بارات كەلدى بۈگۈن كېچە ،
ئۇخلىماڭلار تاڭ ئاتقۇچە .
بارات كەلدى تۇيدۇڭلارمۇ ؟
قازانغا ياغ قۇيدۇڭلارمۇ ؟
پوشكال -قۇيماق سالدىڭلارمۇ ؟
بىزگە ئاتاپ قويدۇڭلارمۇ ؟
بارات ئامەت ،ھايات ئامەت ،
ئەجەپ ياغدى بۈگۈن رەھمەت .
بارات كەلدى تۇيدۇڭلارمۇ ؟
يامان ئىشنى قويدۇڭلارمۇ ؟
باراتۇللا ، ھەبىبۇللا ،
مۇھەممەدۇن روسۇلىللا .
بارات كەلدى ئۇيۇماڭلار (1)،
باشنى ياستۇققا قويمايلار .
قەلەم چالۇر بېرىڭ قالماي ،
باراتۇللا ،ھەبىبۇللا ،
مۇھەممەدۇن روسۇلىللا .
بارات كەلدى ئاجايىپ تۈن ،
قەدىر بولدى شۇبۇ تۈندە .
ئۇخلىماي ئولتۇرۇڭ ئەمدى ،
شۇبۇ سوۋمەن (2) ئۇزاق تۈندە .
باراتۇللا ،ھەبىبۇللا ،
مۇھەممەدۇن روسۇلىللا .
بارات قوشاقلىرىنى ئېيتىپ قاپاقلىرى كۆيۈپ تۈگىگەندە بىريەرگە جەم بولۇپ ،ھەرقايسى ئۆيلەردىن سوۋغات قىلىنغان پوشكال -قۇيماق قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى يىگەچ ،ھېكايە تېپىشماق ئىيتىشىپ يېرىم كېچىگىچە ئوينايدۇ .
-------------------------------------
(1)ئۇيۇماڭلار - قېتىپ قېلىش ،ئۇخلاپ قېلىش .
(2)سوۋمەن - قىرائەت ،دۇئا- تىلاۋەت قىلىدىغان ئۆي .
تەھىرلىگۇچى:يانتاق
|