كۆپ ۋاستىلىك دەرسلىك ئىشلەشتە نىمىلەرگە ئەھمىيەت
يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-27 10:48 مەنبەسى: ئاپتورى: خۇشدىل كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كومپىيۇتېر جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشتى. جۈملى
 |
 |
ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كومپىيۇتېر جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشتى. جۈملىدىن مائارىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ساھەسىدىمۇ بۇ خىل ئومۇملىشىش ناھايىتى گەۋدىلىك بولدى . يىقىنقى يىللاردىن بىرى پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى بىلەن ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى چەت يىراق يېزا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىمۇ تورلاشتۇرۇلغان كومپىيۇتېر ئوقۇتۇش ئۆيى، كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۆيى ... قاتارلىقلار كۆپلەپ قۇرۇلۇپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم بولغان ياردەمچى ۋاستىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۋاتىدۇ. نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ يادروسى بولغان كومپىيۇتېردىن پايدىلىنىپ كۆپ ۋاستىلىك دەرسلىك ئىشلەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇش ئىلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا مىللىي مائارىپىمىزنىڭ گۈللىنىشى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان جاپاكەش باغۋەنلىرىمىزنىڭ ئەجىر مەھسۇلاتى بولغان مىللىي تىل يېزىقتىكى كۆپ ۋاستىلىك دەرسلىكلىرىمىز كۆپلەپ تۈزلىۋاتىدۇ ۋە توردا ئىلان قىلنىپ ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ . لىكىن ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ كۆپ ۋاستىلىك دەرسلىك لايىھەلەش ۋە تۈزۈش سەۋىيسى ئوخشاش بولمىغاچقا تۈزۈلگەن كۆپ ۋاستىلىك دەرسلىكلىرىمىزدە بىر قىسىم مەسىلىلەر ساقلانماقتا. كۆپ ۋاستىلىك دەرسلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس مەزمۇنىنى جانلىق، ئوبرازلىق ۋە تەسىرلىك قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈشتە ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئارزۇسىنى تۇرغۇزۇپ ، بىلىم ئىلىش ئستىكى ۋە قىزغىنلىقىنى قوزغۇتۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنى يەنە ساقلاپ قايتا ئىشلىتىش ۋە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، نەچچە يىللىق كۆپ ۋاستىلىك دەرسلىك لايىھىلەش ۋە تۈزۈش جەھەتتىكى تەجرىبەمگە ۋە بىلىمىمگە ئاساسەن ئۆزەم بىۋاستە ۋە توردىن كۆرگەن بىرقىسىم دەرسلىكلەرنى كۆرۈش، ئىشلىتىش ۋە چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ ساقلاندى مەسىلىلەرگە قارىتا « كۆپ ۋاستىلىك دەرسلىك ئىشلەشتە نېمىلەرگە ئەھمىيەت بېرش كېرەك » لىكى جەھەتتىكى ئۆز كۆز قارشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن . كۆپ ۋاستىلىك دەرسلىك بەلگىلەنگەن ئوقۇتۇش نىشانىغا يېتىشى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىشى، دىققىتىنى دەرسكە مەركەزلەشتۈرۈشى ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىشى كېرەك، شۇڭا دەرس مەزمۇنىغا يېزىق ، ئاۋاز ، رەسىم ، سۈرەت، كارتون، ۋىدىئو(视频) قاتارلىق كۆپ خىل ۋاستىلەرنى ئۈنۈملۈك ۋە مۇۋاپىق تاللاپ ئىشلىتىشىمىز ھەم ئۇنى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن: 1) كۆپ ۋاستىلىك دەرسلىكنىڭ ئېكران يۈزىنى لايىھىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرشىمىز لازىم . كۆپ ۋاستىلىك دەرسلىكنىڭ ئېكران يۈزىنى لايىھىلەشتە ھەر بىر ئېكراندىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلارنىڭ تىزلىشى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئەتراپلىق،رەتلىك،چىرايلىق،جانلىق، ئوبرازلىق، تەبىئىي، ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ئىھتىياجىغا ئۇيغۇن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلكىگە ماس كىلىشى كېرەك. پۈتكۈل دەرسلىكنى تۈزۈش ئىدىيىسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن ئېكران يۈزىنى لايىھىلەشنى بىردەكلىككە ،ئۈزلۈكسىزلىككە ۋە سىستېمىلىققا ئىگە قىلىش كېرەك . مۇھىم نۇقتا ۋە تۈرلۈك كۆرگىلى بولىدىغان ئۇچۇرلار (مەسلەن تېكىسىت ، رەسىم ، سۈرەت، كارتون، كۆرنۈش چاستوتىسى قاتارلىقلار) ئېكران يۈزدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇردىغان، كۆزىتىش دەرجىسى يۇقىرى ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرلىشى ھەم چوڭراق كۆلەمنى ئىگىلىشى كېرەك. ئېكراننىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كومپىيۇتېر بىلەن ئىشلەتكۈچىنى تېخىمۇ دوستانە ، تۈرلۈك ۋاستىلەرنى قولايلىق ئىختىيارى كونتىرول قىلالايدىغان، مەشغۇلات ئىلىپ بارالايدىغان قىلىپ لايىھىلەش كېرەك . 2)كۆرسىتىشنى لايىھىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرشىمىز لازىم . كۆرسىتىش لايىھىلەش ئوقۇتۇش تەرتىپى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن ئېكران يۈزدىكى ھەرقايسى بۆلەكلەرنى كۆرسىتىش ئالاھىدىلىكى، شەكلى، ئۈنۈمى،تەرتىۋى ۋە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش شەكىللىرىدىن تىزىملىك، رەسىم ،كونۇپكا، قىززىق نۇقتىلىق يېزىق، رەڭدار خەت قاتارلىقلارنى لايىھىلەشنى كۆرسىتىدۇ. مەسلەن: كۆزنەك، كونۇپكىلار رۇشەن ئايرىش سىزىقى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرشى مۇئەييەن سېترېئولۇق تۇيغۇغا ئىگە بولىشى، كۆزنەكنىڭ ئارقا كۆرنىشى، گىرۋەك سىزىقى ۋە ئېكراننىڭ رەڭگى پەرىقلىق بولىشى، كونۇپكا چىگرا يۈزدىن چوقچىيىپ چىقىپ تۇرشى ۋە ئۈستىگە ئۇنىڭ ئىقتىدارى يېزىق ئارقىلىق چۇشەندۈرۈلىشى، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش شەكللىرىنىڭ ئۈنۈمى، ئۇلىنىشى توغرا بولىشى كېرەك. بەت يۈزى ئالماشقاندىكى ھەركەتلەر مۇۋاپىق، جەلىپ قىلارلىق بولىشى، دىققەتنى چىچىۋەتمەسلىكى كېرەك . 3) رەڭنى ماسلاشتۇرۇپ لايىھىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرشىمىز لازىم . رەڭنى ماسلاشتۇرۇپ لايىھىلەش ئارقا كۆرنۈش رەڭگى، يېزىق رەڭگى، پۈتۈن ئىكراننىڭ رەڭگىنى لايىھلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتە رەڭلەر ماسلاشقان، كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان، تەبىئىي بولۇشى لازىم. ئوقۇتۇشتا پۈتۈن ئىكراننىڭ رەڭگى بەك سۇس ۋە بەك يورۇق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى، بۇنداق بولغاندا ئاسانلا كۆزنى تالدۇرۇپ قويىدۇ، قىنىق قىزىل قاتارلىق ئىسسىق رەڭلەرنى زىيادە كۆپ ئىشلىتىش ئالدىراقسانلىق كەيپىياتنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ، شۇڭا سەل تۇتۇقراق يېقىملىق رەڭلەرنى تاللاش كېرەك . پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا رەڭ مۇئەييەن سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ ئادەمنىڭ ھېسياتى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، ( مەسلەن: قىزىل رەڭ قىزغىنلىق، شاد-خۇراملىق، باتۇرلۇقنىڭ سىمۋولى، سىېرىق رەڭ تەمكىنلىك پارلاق، ئېسىللىقنىڭ سىمۋولى، يېشىل رەڭ ھاياتلىق ، جانلىق ،تنىچ ، ئۇمىدنىڭ سىمۋولى،كۆك رەڭ جىمجىتلىق ،مەڭگۇلۇكنىڭ سىمۋولى،بىنەپشە رەڭ مۇلايىم ، ئېغىر بىسىق،يېقىملىق ، ئېسىلزدىلىكنىڭ سمۋولى ،ئاچ قىزىل رەڭ گۇزەللىك ،يارقىن ، چىرايلىق، يەڭگىللىكنىڭ سىمۋولى ،قارا راڭ غەمكىن ، قورقۇنۇچلۇق ، جىددىيلىك سىرلىقلىقنىڭ سىمۋۇلى، ئاق رەڭ سۈزۈك، پاك، ئاددى–ساددا، ئوچۇق–يورۇقلۇقنىڭ سىمۋولى، كۈل رەڭ ئىناق، مۇستەھكەم، جىمجىت سېخىيلىقنىڭ سىمۋۇلى) شۇڭا كۆزنەك، تەگلىك قاتارلىقلارنىڭ رەڭگىنى لايىھىلىگەندە بۇلاردىن پايدىلىنىشىمىز لازىم. يەنە كۆرۈنۈشلەرنىڭ مەزمۇندا ئىپادىلەنگەن كەيپىيات ئۇنىڭدا ئىشلىتىلگەن رەڭ بىلەن بىردەك بولغاندا تېخىمۇ ياخشى، ھېسياتنى ئۇرغۇتۇش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ . 4) تېكسىت لايىھىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرشىمىز لازىم . كۆپ ۋاستىلىك دەرسلىكتە تېكسىت ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇھىم. تېكسىتنىڭ سۆز-جۈملىلىرى ئىخچام، ئىملاسى توغرا، تېكسىتنىڭ ئىككى تەرىپى توغرىلانغان، خەت شەكلى، چوڭ- كىچىكلىكى، ئورنى، رەڭگى، بېزىكى بىردەك ماسلاشقان بولۇشى لازىم. نۇقتىلىق مەزمۇنلار چوڭراق خەت بىلەن كۆرسىتىلىشى، تېكسىتنىڭ قۇر، خەت، ئوڭ-سول، يۇقىرى-تۆۋەن ئارلىقى مۇۋاپىق تەڭشىلىشى لازىم. خەتنى بېزەشتە مەزمۇننى گەۋدىلەندۈرۈش ھەم يىزىقنى ئېستېتىك تۇيغۇغا تېخىمۇ باي قىلىش ئۈچۈن خەتنىڭ ئاستىغا سىزىق سىزىش، يانتۇ قىلىش، قارا قىلىش كېرەك . 5) دەرس مەزمۇنىغا ماسلاشقان رەسىم، سۈرەتلەرنى كىرىشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرشىمىز لازىم . رەسىم، سۈرەتلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى شەيئىلەرنى تونۇش، چۈشۈنۈش، سېلىشتۇرۇش ۋە پەرق ئېتىشىگە ياردەم بېرىدۇ. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار كۆرۈپ باقمىغان ياكى كۆرەلمەيدىغان مەنزىرە ۋە شەيئىلەرنى رەسىم، سۈرەتلەر ئارقىلىق تونۇپ، شۇ ھەقتىكى تەجرىبىلەرگە ئىگە بولالايدۇ. شۇڭا كۆپ ۋاستىلىك دەرسلىككە دەرسنىڭ مەزمۇنىغا ماسلاشقان، ئىپادىلىنىشى ئاددى، ئېنىق، ئوبرازلىق، جانلىق، سۈپىتى ھەم ئۈنۈمى ياخشى رەسىم، سۈرەتلەرنى تاللاپ ئۇلارنىڭ ئورنى، چوڭ-كىچىكلىكىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ كىرىشتۈرۈش لازىم. 6) ئاۋاز (تىل، مۇزىكا ۋە تەقلىدى ئاۋاز)لايىھىلەپ كىرىشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرشىمىز لازىم . كۆپ ۋاستىلىك دەرسلىكتە ئاۋاز دىققەتنى جەلىپ قىلىش، كەيپىياتنى كۆتۈرۈش، روھىي ھالەتكە تەسىر كۆرسىتىش جەھەتتە سەل قاراشقا بولمايدىغان رولغا ئىگە. ئاۋاز ئوقوغۇچىلارغا چىن ۋە ھەقىقىي تۇيغۇ بىرىشى، كۆرۈنۈشتىكى ھىسيات بىلەن بىردەك بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارنى بىزار قىلىپ زىرىكتۈرمەسلىكى، دەرسخانا كەيپىياتىنى بۇزماسلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى چېچىۋەتمەسلىكى لازىم. ئىشلىتىلگەن تىلنىڭ تاۋۇشلىرى توغرا ۋە ئېنىق، تىلى ئۆلچەملىك، ئىنتۇناتسىيىسى يېقىملىق، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولۇشى، مۇزىكىنىڭ مېلودىيىسى، رىتىمى، ئاھاڭى ئاساسى تمىغا ماس كىلىشى، تەقلىدىي ئاۋاز ئۈنۈمى چىنلىققا يېقىنلىشىشى، ئاۋازنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى مۇۋاپىق بولۇشى لازىم. ئوقۇتۇش لايىھىسىگە ئاساسەن ئۇنى دەرسلىككە ئىشلەتكەندە قويغىلى، توختاتقىلى، ئالدى كەينىگە سۈرۈپ كونتىرول قىلغىلى بولدىغان ھالەتتە كىرىشتۈرۈش كېرەك. 7) ۋىدىئو (视频) نى كىرىشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرشىمىز لازىم . كۆپ ۋاستىلىك دەرسلىكىمىزگە مەيلى كارتون ئىشلەپ قىستۇرايلى، ياكى كۆرنۈش چاستوتىسىنى قىستۇرايلى چوقۇم دەرس نىشانىنى ئاساس قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى كۆرۈنۈشلەرنى كىرىشتۈرۈش ماھارىتىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كۆرۈنۈشلەرنى كىرىشتۈرۈش تۇرمۇش، پىسخىكا، سەنئەت لوگىكىسىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. بىر كۆرۈنۈشتىن يەنە بىر كۆرۈنۈشكە ئۆتۈشتە تەبىئىي، راۋان بولۇش، سەكرەپ ئۆتۈپ كىتىش تۇيغۇسى ۋە ئۈزۈلۈپ قىلىش تۇيغۇسى بولماسلىق، ئوقۇتۇش سۈرئىتى، يۆنىلىشى، بەدىئىي تۈزۈلۈشى، رەڭگى، يورۇقلۇقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ماسلىشىشنى ساقلاش كېرەك. ئوقۇتۇش لايىھىسىگە ئاساسەن ئۇنى قويغىلى، توختاتقىلى، ئالدى كەينىگە سۈرۈپ كونتىرول قىلغىلى بولدىغان ھالەتتە ئورنى، چوڭ- كىچىكلىكىنى مۇۋاپىق تەڭشىشىمىز كېرەك. 8) بېزىكىنى لايىھىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرشىمىز لازىم . ياخشى بولغان كۆپ ۋاستىلىك دەرسلىك بولۇشى ئۈچۈن بېزىكىنى لايىھىلەش ئىنتايىن مۇھىم. چېگرا يۈزىنى تېخىمۇ كۆركەم، قىزىقارلىق، جانلىق قىلىش ئۈچۈن، بەزى مۇۋاپىق بېزەكلەرنى قوشۇش، سېڭدۈرۈشكە تىگىشلىكىنى مۇۋاپىق سىڭدۈرۈش ئوقۇغۇچىلارنى بىۋاستە گۈزەللىكتىن بەھرىمان قىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى قوزغىتىپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئۆستۈرىدۇ. كۆپ ۋاستىلىك دەرسلىك ئىشلەش ئىنتايىن ئىنچىكە ھەم مۇرەككەپ خىزمەت. يۇقارقى تەييارلىقلار دەرسلىكىنى تۈزۈشتىن ئىلگىرى بىر تۇتاش ئىنچىكە پىلانلىنىشى ۋە لايىھەلىنىشى كېرەك.ئۇنداق بولمايدىكەن، دەرسلىكنىڭ مۇۋەپپىقيەتلىك بولۇش-بولماسلىقىغا، دەرسلىك تۈزۈش ئۈنۈمى ۋە دەرسلىكنىڭ سۈپىتىگە زور دەرجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ. سەۋىيەمنىڭ چەكىلىك، تەجرىبەمنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان كۆز قاراش ۋە نۇقتىنەزەرلەردە مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمىلىك ۋە نۇقسانلارنىڭ بولۇشى تەبئىي. كەسىپداشلىرىمنىڭ تەنقىد ياردەملىرىنى ئايىماي، كۆپ ۋاستىلىك دەرسلىك لايىھەلەش ۋە تۈزۈش سەۋىيىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئورتاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن تەھىرلىگۇچى:يانتاق
|
------分隔线----------------------------