گېتلىرنىڭ ئۈچ سەۋەنلىكى
گېتلىرنىڭ ئۈچ سەۋەنلىكى

ئەينى چاغدا دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي كۈچ _ ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇشتا چېنىققان 3 مىليون 25 مىڭ كىشىلىك گىرمانىيە قوشۇنى ياۋروپانىڭ غەربىدىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىنىڭ ھەممىسىدە غەلبە قىلغاندىن كېيىن ، " بابۇروسا" پىلانى ئۇرۇشىنى قوزغايدۇ . بۇ گېتلىرنىڭ بالتىق دېڭىزىدىن قارا دېڭىزغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قىلغان پۈتۈن لىنىيىلىك تۇيۇقسىز ھۇجۇمىنىڭ نامى بولۇپ ، گېتلىر ئۆزىگە تۇلۇق ئىشەنگەن ھالدا مەسلىھەتچىلىرىگە : ئۈچ ئايغا بارمايلا بىز سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزۈل _ كېسىل بىتجىت بولغانلىقىنى كۆرەلەيمىز ، _ دەيدۇ .
گېتلىر قىش پەسلى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنقى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتىلا سوۋېت ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغىلى بولىدۇ دەپ ھېسابلاپ ، ئۆز ئارمىيىسىگە سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ بەرمىگەن .
ستالىن ئەينى چاغدىكى ۋەزىيەتتىن ناھايىتى قورقۇپ كەتكەن ، بۇنىڭدىن يوقىرىقى مۆلچەرنى ھېچقانداق ئاساسى يوق دېگىلى بولمايدۇ . ستالىن ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردىمۇ ھەتتا نېمىس قوشۇنى ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىنمۇ گېتلىرنىڭ گېرمان _ سوۋېت شەرتنامىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ناپالىئوننىڭ كونا ھالاكەتلىك يولىغا ماڭغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمىگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ تەمىنلىگەن ، گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ توپلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا بەرگەن ئاخباراتلىرىغا ئىشەنمىگەن . ئۇنىڭ گۇمانلانغىنى گېتلىر بولماستىن ، بەلكى چېرچېل بىلەن رۇززۋېلىتنىڭ ئۆزىنى گېتلىغا قارشى ئۇرۇش توزىقىغا دەسسىتىشىدىن گۇمانلانغان . گېتلىرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى قۇماندانلارنىڭ قىسىملارنى ئۇرۇش ھالىتىگە كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەلىپىمۇ ستالىن تەرىپىدىن رەت قىلىنغان . سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھاۋا مۇدائىئە قىسىملىرى گىرمانىيە ئايروپلانلىرىنى توسۇشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاچقا گىرمانىيە ئايروپلانلىرى ئارقا - ئارقىدىن توختىماي سوۋېت ھاۋا بوشلىقىغا كېرىپ ، سوۋېت ئىتتپاقى ئايررودوروملىرىنى سېستىمىلىق سۈرەتكە ئېلىپ ، بۇنىڭ بىلەن يۈزلىگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئايروپلانلىرىنىڭ ئۇرۇش باشلىنىش بىلەنلا يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىلىشىغا سەۋەپچى بولغان .
ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باش شتاب باشلىقى گېنرال ژۇكۇۋ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بالتىق دېڭىزىدىن ئوكرائىناغىچە پۈتۈن لىنىيىلىك ھۇجۇمغا ئۇچىرىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئېلىپ كېلىپ ، چۈش كۆرۈۋاتقان ستالىننى ئۇيغاتقاندىمۇ ، سىتالىن ئاللىقاچان يۈز بەرگەن بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان . ئۇ دېپلۇماتىيە مىنىستىرلىقىغا بىرلىن بىلەن ئالاقىلىشىشقا بۇيرۇق بەرگەن ھەمدە ياپۇنىيىنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈپ قويۇشىدىن ئۈمىد كۈتكەن . 1941 - يىل ئىيۇلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ھەپتىسى گىرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇقۇم قىلغاندىن كېيىن ، ستالىن ناھايىتى جىددىلىشىپ كەتكەن . ئۇ بىر ھەپتىدە ھېچقانداق بىر بۇيرۇقمۇ چۈشۈرمىگەن . ھۋچقانداق بىر ھۆججەتكىمۇ ئىمزا قويمىغان . كەم دېگەندە ئۈچ كۈن كىشىلەر ستالىننىمۇ كۆرمىگەن . ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىمىغان . ئۇ يېزىدىكى داچىسىغا كرىۋېلىپ ، ئۈمىدسىزلىنىپ قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالغان . مولوتۇۋ ۋە باشقا سىياسىي بيۇرو ئەزالىرى ئۇنى ئىزدەپ داچىسىغا بارغاندىمۇ سىتالىن ئۇلارنى ئۆزىنى قولغا ئالغىلى كەلگەن چېغى دەپ ئويلىغان . ئەمەلىيەتتە ئۇلار ستالىننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىپ كەلگەن .
شۇ چاغدىن باشلاپلا ستالىن ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، دۆلەت مۇداپىئە كومتېتى تەشكىللىگەن ، ئۆزى رەئىس ۋە ئالىي قۇماندانلىقنى ئۈستىگە ئالغان . پۈتۈن بىر يازدا سوۋېت ئارمىيىسى ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ ، ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى 8 ئېيىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 4 مىليۇن ئوفېستىر - ئەسكىرى گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ ئەسىرگە چۈشكەن .
1942- يىل پۈتۈن دۇنياغا كەلگەن ئامەت شۇكى ، گېتلىر شۇ چاغدا خاتالىق ئۆتكۈزگەن . ئۇ گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ موسكىۋانى قورشاش ۋە بېسىپ كىرىش ۋاقتىنى گىرمانىيە ئارمىيىسى باش شتابى ئوتتۇرىغا قويغان . 1941 - يىلى 8 - ئايدىن 10 - ئايغا كېچىكتۈرگەن . بۇنداق كېچىكتۈرۈشنىڭ نېتىجىسى گىرمانىيىنىڭ ئالدىن يۈرۈش يۈرۈش قىلغۇچى قىسىملىرى موسكۋاغا يېقىنلاپ بارغاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قارا قىشىغا توغرا كېلىپ قېلىپ ، ئىلگىرلەشكە ئامالسىز قالغان .
گېتلىرنىڭ ئىككىنچى خاتالىقى ، مانا شۇ ۋەزىيەت ئاستىدا ، ئۇ ئەسلىدە ئەينى چاغدىكى ۋەزىيەت ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى يالغۇز سۇلىھى قىلىپ ، دۈشمەنلىرىنى پارچىلىسا بولاتتى ، بىراق ، ئۇنداق قىلماي ، ئەكسىچە پىيارىل خاربور ۋاقەسىدىن كېيىن ئۇنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشتىن ئىبارەت دو تىكىش قارىشى كۈچىيىپ كەتكەنلىكتىن ، 1941 - يىلى دېكابردا ئامېرىكىغا رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلغان .
گېتلىرنىڭ ئۈچىنچى خاتالىقى ، ئۇرۇش باشلىنىشى بىلەنلا ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە دىپلۇماتىيە ۋاستىسىنى بارغانسىرى ئاز ئىشلىتىپ ، ئەكسىنچە ئۆز تەبىئىتىدىكى تەشەببۇسى بولغان ھەربىي كۈچكىلا تايىنىۋالغان . گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسىرلىرىنى خورلىشى ، ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى يىلىلا 3 مىليۇن ئەسىرنىڭ ئۈلۈپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولغان . گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ پۇقرالارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشىمۇ ئامان قالغانلارنىڭ ئارقا - ئارقىدىن پارتىزانلار قوشۇنىغا قاتنىشىشىغا سەۋەپچى بولغان .
ئۇرۇشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى 1843 - يىلى يانۋاردىكى ستالىنگراد ئۇرۇشى ، گېتلىر 6 - جۈنتىۋەننىڭ چېكىنىشىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇماندانلىرىدىن ژوكۇۋ ۋە ۋاسلېۋسكىلار ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى ئىشقا سېلىپ ، 200 ئېنگىلىز چاقىرىمغا سوزۇلغان ئالدىنقى سەپتە گىرمانىيە ئارمىيىسىنى قورشاۋغا ئېلىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 5 مىليون 500 مىڭ كىشىلىك چوڭ قوشۇنى گىرمانىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش قوشۇنلىرىنى بىراقلا شەرق ياۋروپادىن قوغلاپ چىقىرىپ ، گېتلىرنىڭ دەسلەپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندىكى ئۇرۇش باشلاش نۇقتىسىدىنمۇ ئېشىپ ،1945 - يىل مايدا بېرلىننى ئىشغال قىلىدۇ .
()
«گېتلىرنىڭ ئۈچ سەۋەنلىكى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر:تارىختا ئەڭ كۆپ زېمىن ئىگىلىگەن مەشھۇر ئىمپېراتور
- . تارىختا ئەڭ كۆپ زېمىن ئىگىلىگەن مەشھۇر
- . گېتلىرنىڭ ئۈچ سەۋەنلىكى
- . دىيارىمىزدا تېبابەتچىلىك
- . قاراخانىلار سۇلالىسى بىلەن قوچو ئۇيغۇر
- . ستالىن ،گېتلىرنىڭ2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى سەۋ
- . بۈگۈنگىلا ئىشنىڭ
- . 7- لىكسىيە : شىنجاڭ غەربى خەن سۇلالىسى دە
- . ئۆتىلىدىغان دەرس تېمىسى : 2- لىكسىيە : شىن
- . جۇڭگۇ
- . ئۆتىلىدىغان دەرس تېمىسى : 1- لىكسىيە : جۇڭ
- . يەكەن خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان قەدىمكى
- . ئاۋرېل . سىتەيىن ۋە ئۇنىڭ ‹‹ئاسىيانىڭ
- . شىنجاڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان پۇل تار
- . شىنجاڭنىڭ داچەن پۇللىرى
- . جاللات گىتلېر ئىجاد قىلغان ۋەھشىي «بۆرە
- . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىدىكى
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . تارىختا ئەڭ كۆپ زېمىن ئىگىلىگەن مەشھۇر
- . گېتلىرنىڭ ئۈچ سەۋەنلىكى
- . دىيارىمىزدا تېبابەتچىلىك
- . قاراخانىلار سۇلالىسى بىلەن قوچو ئۇيغۇر
- . ستالىن ،گېتلىرنىڭ2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى سەۋ
- . بۈگۈنگىلا ئىشنىڭ
- . 7- لىكسىيە : شىنجاڭ غەربى خەن سۇلالىسى دە
- . ئۆتىلىدىغان دەرس تېمىسى : 2- لىكسىيە : شىن
- . جۇڭگۇ
- . ئۆتىلىدىغان دەرس تېمىسى : 1- لىكسىيە : جۇڭ
- . تارىختا ئەڭ كۆپ زېمىن ئىگىلىگەن مەشھۇر
- . ئۇيغۇرلاردا لۇغەتچىلىك-لۇغەتچىلىك تارى
- . ئاق تاغلىق غوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق
- . ئۇيغۇرلارنىڭ سالاملىشىش، كۆرۈشۈش ۋە ھا
- . خوتەن قەغەزچىلىكى ۋە ئۇنىڭ باش – ئاخىرى
- . «مۇقام» ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
- . ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىد
- . مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئىلىم روھى
- . بىزدىكى ھىساپلاش ئۇسۇللىرى
- . مەھمۇد قەشقەرى نامىدىكى ئۇيغۇر
- . ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە مۇپ
- . ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىشى ئىسىملىرى ۋە نۆۋە
- . تىل-ئەدەبىيات 6-يىللىق2-مەۋسۇم
- . چىڭگىزخان موڭغۇلمۇ ياكى تۈركمۇ؟
- . پۇلدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى كىم يازغان؟
- . كروران گۈزىلىنىڭ سىرى
- . تىپىش تەس بولغان ئېلكىتابلار
- . لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار كىم؟
- . ئاق تاغلىق غوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق
- . يەكەن خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان قەدىمكى