| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تارىخى بىلىملەر > تولۇق مەزمۇنى

دىيارىمىزدا تېبابەتچىلىك

ۋاقىت : 2012-12-30 22:04 | مەنبەسى : شىنجاڭ گىزىتى | ەمىنلىگۇچى : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

دىيارىمىزدا تېبابەتچىلىك

 

دىيارىمىزدا تېبابەتچىلىك


    قەدىمكى تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپلا بىزدە تېبابەتچىلىك بارلىققا كېلىپ مۇكەممەللىشىشكە باشلىغان. يىراق كونا تاش قوراللار  دەۋرىدە ئاغرىقلارنى مايلاش، قاقلاش، كۆيدۈرۈش، قان چېكىش، ئىلمە قىلىش، قىزىتىش، قۇمغا كۆمۈش، گىياھ سۈيىگە چىلاش، تېرىگە  ئېلىپ داۋالاش، ئۇچۇقداشتەك ئۇسۇللار قوللىنىلىش بىلەن بىللە قۇربانلىق قىلىش، نەزىر – چىراغ ئۆتكۈزۈش، پال سېلىش، تىل تۇمار  پۈتۈش، ئىسرىق سېلىش، پىر ئويناش، يۈدۈش، ئېزگۈ ئەرۋاھلارغا يېلىنىش، كېسەل پەيدا قىلغۇچى ئالۋاستىلارنى قوغلاپ كېسەلنى  ساقايتىشتەك داۋالاش ئۇسۇلىنىمۇ قوللانغان.
    ئوۋچىلىق دەۋرىدىن باشلاپ كونىچە ئۇسۇلدىكى داۋالاشلار بارغانچە سۇسلىشىپ، ئەمچى – تېۋىپلار مەيدانغا كەلدى. ئۇلار كېسەللەرنى  ئىچكى – كېسەل، تاشقى كېسەل دەپ ئايرىپ، ھەر خىل دورا – ئۆسۈملۈك، مەدەن، ھايۋانلارنىڭ ئەزالىرى ۋە باشقا تەركىبلەرنىڭ شىپالىق  رولىدىن پايدىلىنىپ، مۇرەككەپ، جاھىل، يامان سۈپەتلىك كېسەللەرنى داۋالىغان. بۇنىڭ بىلەن دورىگەرلىك – داۋالاش ئىشلىرى تەرەققىي  قىلىشقا باشلىغان.
    تۈرلۈك تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەجدادلىرىمىزنىڭ دورىگەرلىك، داۋالاش ئۇسۇللىرى، رېتسېپلىرى بىزگىچە تولۇق يېتىپ كېلەلمىگەن.  ھازىرغىچە دىيارىمىزدىكى مۇقەددەس تاغلار، گۈزەل بوستانلىقلار، دەريا ۋادىلاردىن قەدىمكى شەھەر – قەلئە خارابىلىرى ۋە قەبرىلەردىن  ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىلادىدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ھايات پائالىيىتىگە ئالاقىدار نەمۇنىلار تېپىلىش بىلەن بىللە، ئىپتىدائىي  تېبابەتچىلىككە دائىر دورا – دەرمەكلەر، شىپالىق ئۆسۈملۈكلەر، مەدەن – دورا قاتارلىقلارمۇ تېپىلغان. شۇ قاتاردا نەچچە مىڭ يىللار  ئىلگىرىكى يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ ياتقان قەدىمكى تارىملىقلارنىڭ تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىككە ئائىت بۇيۇملىرى ئارقا – ئارقىدىن  يورۇقلۇققا چىقىپ ئالىملارنى ھەيران قالدۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر نازۇك، يۇقىرى ماھارەت ۋە تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان قورساق  ئوپېراتسىيەسى بىلەن مېڭە سۆڭەك ۋە داس سۆڭەك ئوپېراتسىيەلىرىگە دائىر مەلۇماتلارنىڭ مىلادىدىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرىكى قەبرىلەردىن  تېپىلغانلىقى تارىملىقلارنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا ئاجايىپ مۆجىزە ياراتقانلىقىنى ئىسپاتلىغان. <<شىنجاڭ گېزىتى>>نىڭ 1993 –  يىلى 30 – ئۆكتەبىردىكى سانىنىڭ 1 – بېتىدە (ئۇيغۇرچە)، ئارخېئولوگىيە خادىملىرىنىڭ دىيارىمىزنىڭ يالقۇنتاغ ئېتىكىدىن 2000 يىل  بۇرۇنقى ئون نەچچە قۇرۇق جەسەتنى تاپقانلىقى، جەسەتلەرنىڭ بەلبېغىغا ئېسىلغان تېرە خالتىلاردا يۇمشىتىلغان ۋە كاللەك دورا –  دەرمەكلەر بارلىقى، بەزى جەسەتلەرنىڭ كۆكرىكى ۋە قورساق قىسمى ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولۇپ، ئوپېراتسىيە قىلىنغان جايلارنىڭ چاچ ۋە  قىل بىلەن تىكىلگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن.
    80 – يىللاردىن كېيىن، دىيارىمىزدىن تېپىلغان باش سۆڭەك، مېڭە سۆڭەك، داس سۆڭەك ۋە كۆكرەك، قورساق ئوپېراتسىيەسىگە دائىر  ماددىي مەنبەلەر خېلى كۆپ بولۇپ، بۇ قەدىمكى تارىملىقلارنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى مېدىتسىنا ئىلمىنى تەتقىق قىلىشىتا قىممەتلىك ئىسپات  بولالايدۇ. ئەقىل – پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز مىلادىنىڭ ئالدى – كەينىدىكى سىپتا تاش قوراللار بىلەن مىس، تۆمۈر قوراللار بىللە  ئىشلىتىلگەن دەۋرلەردىلا ئەمەس، بەلكى، غەربىي خەن دەۋرىدىن 1000 يىللار ئىلگىرىلا كۆكرەك، قورساق، مېڭە، داس سۆڭەك قاتارلىق نازۇك  ئىچكى – تاشقى ئەزالارنى بىمالال ئوپېراتسىيە قىلالىغان، ئوپېراتسىيەدە كېسىلگەن جايلارنى چاچ ۋە قىل بىلەن ئۈنۈملۈك تىكەلىگەن.
    مېدىتسىنا تارىخچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىنسانلار ئاۋۋال تاشقى كېسەللەرنى، ئاندىن ئىچكى كېسەللەرنى داۋالاشنى ئۆگەنگەن. مۇشۇ  تەرەققىيات قانۇنىيىتىدىن قارىغاندا، ئېھتىمال تارىملىقلار ئاللىبۇرۇنلا تاشقى كېسەللەرنى ساقايتىش باسقۇچىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن تاشقى  كېسەللەرنى ئوپېراتسىيە قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان بولسا كېرەك. ۋاھالەنكى، تارىملىقلارنىڭ تاشقى كېسەللەرنى ئوپېراتسىيە قىلىشنى  ئىجاد قىلىپ، سىناق قىلىپ ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ ئۇنى جەمئىيەتتە ئومۇملاشتۇرۇشقا قانچە ئەسىر سەرپ قىلغانلىقى بىزگە نامەلۇم.  شۇڭا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تېبابەتچىلىك ئىلمىگە بولۇپمۇ، نازۇك ئىچكى – تاشقى كېسەللەر ئوپېراتسىيە تارىخىغا بۈگۈنكىدەك كىشىنى  ھەيران قالدۇرىدىغان ۋە تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان تېببىي پەن ئۆلچىمى بىلەن ئەمەس، بەلكى يىراق ئىپتىدائىي دەۋرلەردىن ئىزدەنسەك،  ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىنسانىيەت تېببىي ئىلمىغا قانچىلىك زور تۆھپە قوشقانلىقىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.

()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%

«دىيارىمىزدا تېبابەتچىلىك»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>