| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تىخنىكا ۋە كەشپىيات > تولۇق مەزمۇنى

جەسەت غول ھۈجەيرىنىڭ مۇھىم كېلىش مەنبەسىگە ئايلىن

ۋاقىت : 2012-12-25 22:37 | مەنبەسى : خەلق تورى | ەمىنلىگۇچى : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

جەسەت غول ھۈجەيرىنىڭ مۇھىم كېلىش مەنبەسىگە ئايلىنىشى مۇمكىن

 جەسەت ئەزا كۆچۈرۈش بىلەن تەمىنلەيدىغان تەنگە ئايلىنىشى مۇمكىن ، ئۇ ھەتتا يەنە غول ھۈجەيرىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە ئايلىنىشىمۇ مۇمكىن . جەسەتنىڭ ئۆلگەن ۋاقتى بەش كۈنگە يەتكەندىمۇ ، ئالىملار يەنىلا يىلىك ئىچىدىن كۆپ مىقداردا غول ھۈجەيرە ئالالايدۇ ، بۇ غول ھۈجەيرىلەر كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇشتىكى كۆپ خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىدا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن . ئادەم تېنىدىكى يىلىك تەركىبىدە مېزېنخىما غول ھۈجەيرىسى ( MSC ) بار . بۇ خىل غول ھۈجەيرە قاتتىق سۆڭەك ، كۆمۈرچەك ، ماي ۋە باشقا تىپتىكى ھۈجەيرىلەرگە ئايلىنىدۇ . مېزېنخىما غول ھۈجەيرىسى كۆچۈرۈشنى قوبۇل قىلالىسىمۇ ، بىراق ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ قايسى خىل تىپتىكى ھۈجەيرىگە ئايلىنىشى ، ئۇلارنىڭ كىرگۈزۈلگەن ئورنىغا باغلىق بولىدۇ . مەسىلەن ، يۈرەككە كىرگۈزۈلگەن مېزېنخىما غول ھۈجەيرىسى ساغلام بولغان يېڭى توقۇلمىغا ئايلىنىشى مۇمكىن . بۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكىنى داۋالايدىغان بىر خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇل .

بىراق ، بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى كۆپ مىقداردىكى غول ھۈجەيرىگە مۇھتاج بولغاچقا ، داۋالاش خادىملىرى بىر تىرىك تەنچە ھەدىيە قىلغۇچىدىن يېتەرلىك بولغان غول ھۈجەيرىگە ئېرىشەلىشى ناتايىن . ئۇنداق بولسا ، جەسەت بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىغا ئايلىنالامدۇ ؟ ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ، بەدىنى ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ھۈجەيرىلەرمۇ ئىككى-ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ . ئەمما مېزېنخىما غول ھۈجەيرىسىنىڭ ھاياتلىق مۇھىتىدا ئەسلىدىلا ئوكسىگېن مىقدارى بولغاچقا ، ئامېرىكا مېيئامى ئۇنىۋېرستېتىدىكى جيانلۇكا.دېيبولىتو ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بۇ خىل ھۈجەيرىنىڭ ئوخشاش خىلىدىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئۇزۇنراق ياشىيالايدىغانلىقىنى گۇمان قىلىشتى .

بۇ ئىشنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار ئىككى جەسەتنىڭ بارماق سۆڭەكلىرىنى 5 كۈن ساقلىغان ، شۇنىڭدىن كېيىن ھەربىر بارماق سۆڭىكىنىڭ يىلىكى ئىچىدىن مېزېنخىما غول ھۈجەيرىسىنى ئايرىۋالغان ، ھەمدە ئۇنى قاچا ئىچىدە يېتىشتۈرگەن . 5 ھەپتىدىن كېيىن ، دېيبولىتو غول ھۈجەيرىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كۆمۈرچەك ھۈجەيرىسى بىلەن ماي ھۈجەيرىسىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان . مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇ ئامېرىكىدىكى فىلورىدا ئىشتاتىدا ئېچىلغان دۇنيا غول ھۈجەيرە يىغىنىدا تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى .

دېيبولىتو مۇنۇلارنى بىلدۇردى : بىر تىرىك تەنچە ھەدىيە قىلغۇچى تەمىنلىگەن يىلىك مىقدارى چەكلىك بولىدۇ . ئەمما بىر جەسەت ئادەم ھۈجەيرىسىنىڭ يېتەرلىك مەنبەسىگە ئايلىنىشى مۇمكىن .

شىۋىتسىيە كارولىن تېببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ قايتا ھاسىل قىلىش مېدىتسىنا مۇتەخەسسىسى پاۋلو . ماككىيارىنىنىڭ قارىشىچە يۇقىرىدا ئېيتىلغان تەتقىقات بىر تۈرلۈك چوڭ تەرەققىيات بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ جەسەت ھۈجەيرىسى بەلكى قارىماققا ئۇنداق ساغلام بولماسلىقى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى . بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ DNA سى ئەتراپتىكى توقۇلمىلارنىڭ ئۆلۈشى ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ئوچۇق تۇرۇشى سەۋەبىدىن تەسىرگە ئۇچىرىشى مۇمكىن . ئۇ : « بىز بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى چوقۇم بېكىتىشىمىز كېرەك » دېدى .

()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>