ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
يېقىندا مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىلارغا سۈت ئىچكۈزسە ئۇلارنىڭ چىشىغا قۇرت چۈشۈش ئېھتىماللىقى كۆرىلىدۇ. يېمەكلىكنىڭ چىشنى چىرىتىش شەكلى ئادەتتە مۇنداق ئىككى خىل بولىدۇ:
بىرىنچى، كىسلاتالىق چىرىتىش، يەنى ئېغىز بوشلۇقىنىڭ كىسلاتا ئىشقارلىق دەرىجىسى 5.5 بولغاندا چىش ئىمال ماددىسى بوشاپ زەخىملىنىدۇ، گەرچە شۆلگەي ئېغىز بوشلۇقىنىڭ كىسلاتا ئىشقارلىق دەرىجىسىنى تۇراقلاشتۇرسىمۇ، بىراق ئۇزاققىچە مېۋە شەربىتى ۋە قۇرۇق ئۈزۈمگە ئوخشاش كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە چىشنىڭ چىرىشى تېزلىشىدۇ.
ئىككىنچى،قەنت، ھەسەل سۈيى،سۈت ۋە كىراخمال مىقدارى يۇقىرى بولغان بولكا مىكرو ياخشى كۆرىدىغان قەنت مىقدارى كۆپ يېمەكلىك، بالىلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈت ياكى سۈت پاراشوكى ئىچىپ ياتسا، شۆلگەينىڭ ئاجرىلىشى ئازىيىدۇ، مىكروب سۈتتىكى لاكنوزىنى پارچىلاپ، چىشنىڭ چىرىشىگە سەۋەب بولىدۇ، شۇڭا بالىلارغا ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈت ئىچۈرۈشكە توغرا كەلسە، سۈتنى نەيچە بىلەن ئىچكۈزۈش، چىشنىڭ مىكروب بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !