[بىلگەجان] بالام ئەقىللىق بولسۇن دېسىڭىز

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > پەرزەنىت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-08-18 23:30:26

 

بىز ھەر ۋاقىت بالىلىرىنىڭ ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك ئەقىللىق ئەمەسلىكىدىن رازى بولمىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاغرىنىشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەمما ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەقلىدىن گۇمان قىلغانلىقىنى ناھايىتى ئاز ئۇچرىتىمىز. ئۇنداق بولسا بالىنىڭ ئەقىللىق بولۇش-بولماسلىقىدا ئاتا-ئانىنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىرغىچە ئەقىل ئىرسىيەت بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئالىملار تا ھازىرغىچە بىرەر ”ئەقلىي گېنى“نى تېپىپ چىققىنى يوق. ئاتا-ئانىلار گېنلىرىنى بالىلىرىغا ئىرسىيەت قالدۇرىدۇ، شۇغىنىسى، نورمالدا گېننى تاللاش ئاتا-ئانىنىڭمۇ ھەم بالىنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ نۇقتىدا توختالمايمىز. تۆۋەندە ئاتا-ئانىلارنىڭ چىقارغان قارارلىرى بالىلىرىنىڭ ئەقىللىق بولۇشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى.

 

ئامېرىكىدا ئىلگىرى سۈت پاراشوكىدا بوۋاقلارنى بېقىش ئىنتايىن ئومۇملاشقان بولۇپ، 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا چوڭلار ۋە بالىلاردىكى سېمىزلىك كېسىلىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىپ كىتىشى تۈپەيلى، تەتقىقاتچىلار بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ئىزدەشنى باشلىدى ۋە نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك ئامىللارنى تىپىپ چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە، بوۋاقلارنىڭ سۈت پاراشوكىدا بېقىشىمۇ سېمىزلىكنىڭ يامراپ كېتىشىدىكى بىر ئامىل ئىكەنلىكى ئاشكارا بولدى. بولۇپمۇ 2001-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى Metthew W. Gillman باشچىلىقىدىكى تەتقىقاتچىلار دۇنياغا داڭلىق مېدىتسنا ژۇرنىلى بولغان ئامېرىكا مېدىتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى JAMA دا «بوۋاق مەزگىلىدە ئېمىتلىگەن ئۆسمۈرلەردىكى ئېغىرلىقى ئېشىپ كىتىش خەۋىپى» ماۋزۇسىدىكى ماقالىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ بۇ مەسلىگە سەزگۈرلىكى زور دەرىجىدە ئېشىشقا باشلىغان. بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىمىتلگەن بالىلارنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئېغىرلىق ئېشىپ كىتىش خەۋىپى سۈت پاراشوكىدا بېقىلغان بالىلاردىن مۇتلەق تۆۋەن بولغان. ئەگەر بىر مەزگىل ئېمىتىلىپ ئاندىن سۈت پاراشوكىدا بېقىلغان ياكى باشتىن ئاخىر سۈت پاراشوكىدا بېقىلغان بالىلاردا ئېغىرلىق ئېشىپ كىتىش ۋە سېمىزلىك كېسىلى نىسبىتى پەقەت ئېمىتىلگەن بالىلاردىن يۇقىرى بولغان. بۇ مۇھىم تەتقىقات نەتىجىسى كىشىلەرنىڭ بۇ مەسلىگە بولغان قارىشىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ۋە كۆپلىگەن سېمىزلىك كېسىلىنىڭ خەۋىپىگە ئېغىر دەرىجىدە ئۇچرىغان تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش قايتىدىن بەكرەك ئومۇملىشىشقا باشلىغان.

 

مانا ئەمدى 2015-يىلى 3-ئايدا دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مېدىتسىنا ئىلمىي ژۇرنىلى بولغان ”لانسىت“ (ئوپېراتسىيە پېچىقى) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالە ئانىلارغا تېخىمۇ كۈچلۈك بىر سىگنالنى تارقاتتى.

لانسىت (ئوپېراتسىيە پىچىقى) يەر شارى ساغلاملىقى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ”بالىنى ئۇزۇن مۇددەت ئېمىتىش بىلەن چوڭ بولغاندىكى ئەقىل كۆرسەتكۈچى ۋە پۇل تېپىش ئىقتىدارى باغلىنىشلىق“ نامىدىكى ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:

بىر 3500 يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى 30 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن بىر يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە ئۇزۇنراق ئېمىتىلگەن بوۋاقلار چوڭ بولغاندا ئەقلى كۆرسەتكۈچى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان، مەكتەپتە ئۇزۇنراق ئوقۇغان ۋە كىرىمىمۇ يۇقىرىراق بولغان.

ماقالىنىڭ باش ئاپتورى، برازىلىيە پېلاتاس فېدېراتسىيە ئونىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور بېرناردو لېسسا ھورتا مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: ”ئېمىتىشنىڭ بالا مېڭىسى تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرلىرى ئاللىقاچان ئېنىقلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەسىرنىڭ قورامىغا يەتكۈچە داۋاملىشىدىغانلىقى تازا ئېنىق ئەمەس ئىدى.

بىزنىڭ تەتقىقاتىمىز ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئېمىتىشنىڭ ئاز دېگەندە 30 ياشقا بارغان مەزگىلگىچە ئەقىلنى ئاشۇرىدىغانلىقىغا تۇنجى پاكىتنى تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە شەخس ۋە جەمئىيەت قاتلىمىدا تەربىيىلىنىش ۋە پۇل تېپىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ تەتقىقاتنىڭ ئۆزگىچە يېرى شۇكى، بىز تەتقىق قىلغان كىشىلەر توپىدا يۇقىرى كىرىملىك ۋە يۇقىرى تەربىيە كۆرگەن ئاياللارنىڭ ئىمىتىش نىسبىتى باشقا ئىجتىمائىي قاتلامدىكى ئاياللاردىن يۇقىرى بولماستىن، بەلكى ھەر قايسى ئىجتىمائىي سىنىپلار ئارىسىدا تەكشى تارالغان. ئىلگىرى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئىمىتىش بىلەن ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈكنىڭ تەسىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىشتا مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدلەشكە ئۇچرىغان ئىدى، بىزنىڭ بۇ ئىلمىي ئەمگىكىمىز بۇ مەسىلىنى تۇنجى قېتىم ھەل قىلدى.“

ھورتا ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەر 1982-يىلى برازىلىيىنىڭ پېلوتاس شەھىرىدە تۇغۇلغان 6000 بوۋاقنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشتىن ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلغان. ئىمىتىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بالىلىق دەۋرىدە خاتىرىلەنگەن ۋە قاتناشقۇچىلار ئوتتۇرىچە 30 ياشتا ئەقىل كۆرسەتكۈچى IQ سىنىقى ئارقىلىق بەلگىلەنگەن ھەمدە شۇ ياشتىكى مائارىپ تەربىيىسى ۋە كىرىمى ھەققىدە ئۇچۇرلار توپلانغان.

يېرىمدىن سەل كۆپرەك (3493 نەپەر) قاتناشقۇچىنىڭ ئەقىل كۆرسەتكۈچى ۋە ئېمىتىلىش ئۇچۇرلىرى تولۇق خاتىرىلەنگەن. تەتقىقاتچىلار بۇ كىشىلەرنى ئېمىتىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا ئاساسەن 5 گۇرۇپپىغا بۆلگەن ۋە 10 تۈرلۈك ئەقىل كۆرسەتكۈچىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىئولوگىيىلىك ۋە ئىجتىمائىي ئامىللار نەزەرگە ئېلىنىپ ئانالىزدا بۇلارنىڭ تەسىرى چىقىرىپ تاشلانغان. بۇلار تۇغۇلغاندىكى ئائىلە كىرىمى، ئاتا-ئانىنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى، گېنېتىكىلىق ئەجدادى،  ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانىنىڭ تاماكا چېكىش ئەھۋالى، ئانا يېشى، تۇغۇلغاندىكى ئېغىرلىقى ۋە تۇغۇت ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

بۇ تەتقىقات ئېمىتىلگەن بارلىق بالىلاردا ئېمىتىلمىگەن بالىلارغا قارىغاندا ئەقىل كۆرسەتكۈچى، مائارىپ تەربىيىسى ۋە قورامىغا يەتكەندىكى كىرىمىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە يەنە، ئېمىتىلىش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، بولۇپمۇ 12 ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ئېمىتىلگەندە پايدىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. مەسىلەن، بىر يىل تولۇق ئېمىتىلگەن بوۋاقلار چوڭ بولغاندا بىر ئاي ئېمىتىلگەن بوۋاقلاردىن IQ سى 4 نومۇر يۇقىرى بولغان، 0.9 يىل ئۇزۇنراق ئوقۇغان ۋە 30 ياشتىكى كىرىمى 30% يۇقىرى بولغان.

دوكتور ھورتانىڭ دېيىشىچە، ئانا سۈتىنىڭ ئەقىلگە بولغان پايدىلىق رولىنىڭ مىخانىزىمى بەلكىم ئانا سۈتىدە مېڭە يېتىلىشىدە زۆرۈر بولغان تويۇنغان ماي كىسلاتالىرىنىڭ بولغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ تەتقىقاتىمىز ئىمىتىش بىلەن پاراشوكتا بېقىشنى سېلىشتۇرغاندا ئىمىتىش قانچە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان بولسا ئەقىل كۆرسەتكۈچىنىڭ ئوڭ تاناسىپلىق ئېشىپ بارىدىغانلىقى ئىمىلگەن ئانا سۈتى مىقدارىنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

 

قىزىق يېرى، تەرەققىي قىلغان ئەللەردە بوۋاقلارنى سۈت پاراشوكىدا بېقىش چەتكە قېقىلىپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، تارىختىن بۇيان بالىنى 2 ياشقا توشقىچە ئېمىتىشنى ئەنئەنە قىلغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا سۈت پاراشوكى قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلمەكتە. بۇ قىزغىنلىق بولۇپمۇ ياش ئاتا-ئانىلار ئارىسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئەتراپىمىزدىكى چەتئەلنىڭ سۈت پاراشوكلىرىنى ئەكەلدۈرۈپ بوۋاقلىرىنى بېقىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ سانى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. گەرچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىمىتىش نىسبىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە ئائىت ئېنىق سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، مەن تونۇيدىغان ياش ئاتا-ئانىلار ۋە ئاتا-ئانىلاردىن ماڭا كېلىدىغان خەتلەرگە قاراپ سۈت پاراشوكىدا بېقىش يۈزلىنىشىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىمەن. ئۇنداق بولسا، ئاتا-ئانىلار بۇ خىل قارارنىڭ يۈرەك پارىسى بولغان بالىسىنىڭ كەلگۈسىگە قانداق تەسىرى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ قويامدۇ؟

بەزى ئانىلار مەندىن سۈت چىقمىدى، شۇڭا ئامال يوق دەپ قارايدۇ. ئەمەليەتتە، سۈت چىقمايدىغان ياكى يېتىشمەيدىغان ئاياللار باشقا جايلاردا ئەمەس ئافرىقىدىكى ئوزۇقلۇق ئەھۋالى ئەڭ ناچار جايلاردىكى ئاياللاردىمۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئەلۋەتتە بالىنى ئوپېراتىسيە ئارقىلىق تۇغقان بولسا ئۇنىڭ ھۆكۈمى باشقا چۈنكى بالا تۇغۇلۇش جەريانىدا ھەر تولغاقتا سېگناللار مېڭىگە بېرىپ يەنە شۇ سۈت ئاجىرىلىپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھورمۇنلارنى سىنتېزلەش ۋە قانغا قويۇپ بىرىشكە تۈرتكە بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا تۇغۇشقا بىر كۈن قالغان ئايالنى باشقا بىر بىر نەچچە ياشلىق بالا ئەمسىمۇ، ساغسىمۇ ئالدىراپ سۈت چىقمايدۇ بەلكى بالا تۇغۇلغان دەقىقىدىن باشلاپلا كىچىككىنە نارەسىدە كۈچسىز شورىسىمۇ سۈت ئۆزلۈكىدىن ئېقىپ چىقىدۇ. ئانىلار تەبئىي تۇغۇتنى تاللىماي، زۆرۈر بولمىسىمۇ تولغاق ئازابىدىن قورقۇپ ۋە ياكى ئاسانلىقنى كۆزلەپ ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق بالىنى دۇنياغا كۆز ئاچقۇزۇشنى قارار قىلغان مىنۇتتا بالىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئەقىللىق بولۇش-بولماسلىقنى ئويلاپ باققانمۇ؟

ئەمەلىيەتتە دەل شۇ ئازاپلىق تولغاق جەريانىدا ئانا مېڭىسى ئانا مېھرىگە تويۇنىدۇ (مەسىلەن ئوكسىتوسىن، يەنى مۇھەببەت ھورمۇنىنىڭ مىقدارى نەچچە ئون ھەسسە ئاشىدۇ) ۋە بالىنىڭ تۇغۇلغاندىن كىيىنكى ھاياتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن تەييارلىقلارنى كۆرىدۇ. ئەگەر ئوپراتسىيە قىلىنسا، ناركوز تەركىبدىكى خېمىيىلىك ماددىلار دەل شۇ نىېرۋىلارنى سەزمەس قىلىش ئارقىلىق ناركوزلاش مەقسىتىگە يىتىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە ئوپېراتىسيە قىلىپ تۇغقان ئاياللارنىڭ سۈت ئىشلەپچىقىرىشى تەبىئىي تۇغقان ئاياللاردىن ئومۇمىي جەھەتتىن سەل ناچارراق بولىدۇ ھەم سۈت ئىشلەپچىقىرىش دەسلىپىدە سەل كېچىكىپ باشلىنىدۇ.

سۈت ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانى بوۋاق بىلەن ئانا ئوتتۇرىسىدىكى چەكسىز ھەمكارلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بولغاچقا، يەنى بال ئەممىسە سۈت تىزلا كېسىلىدۇ، بالا قانچە كۆپ ئەمسە شۇنچە كۆپ سۈت ئىشلەپچىىقىرىلىدۇ، ئەگەر يىڭى ئانىلار دەسلىپىدە ئېمىتىشتە ئازراق قىينچىلىققا دۇچ كەلسىلا بەل قويۇۋېتىپ ئېمىتىشتىن ۋاز كەچمەسلىكى لازىم. ئامرىكىدا دوختۇرخانىدا چىقىش ئالدىدا ۋە چىققاندىن كېيىن مەخسۇس «ئېمىتىش مەسلىھەتچىلىرى» دەپ كەسىپ نامى بىلەن ئاتالغان سېستىرالار دوختۇرخانىدا ۋە ئۆيىڭىزگىچە كىلىپ ئانىلارغا توغرا ئۇسۇلدا بوۋاقنى ئېمىتىشنى مەشىق قىلدۇرىدۇ. ھەم تۇغۇتتىن بۇرۇن ھەربىر ئاتا-ئانا بولغۇچى مەيلى يىڭى ياكى كونا بولسۇن چوقۇم تۇغۇت تەييارلىقى ۋە بالا بېقىش دەرسلىرىگە پۇل تۆلەپ دوختۇرخانىدا ئاز دىگەندە ئىككى ئاي (ھەپتىدە ئىككى سائەت) دەرسكە قاتنىشىشى شەرت. مۇشۇ جەرياندا تۆرەلمىنىڭ يىتىلىشى ۋە تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق ۋە تۇغۇتتىن كېيىن ئۇچرايدىغان مەسلىلەر توغرىسىدا بىلىمگە ئىگە بولىدۇ. قىسقىسى، سېمىزلىك كېسىلى ۋە ھەددىن زىيادە قان ياكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولمىغان، ئوپېراتسىيە قىلىنمىغان ئاياللاردا سۈت يېتىشمەسلىك دەيدىغان ئىش تېگى-تەكتىدىن مەۋجۇت ئەمەس.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئاتا-ئانىلار بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا بالىنىڭ قانچىلىك ئەقىللىق بولۇپ تۇغۇلىدىغانلىقىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ ھەمدە بالىلار يېتىلىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۈستىدە چىقارغان ھەر بىر قارارى بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىگە ۋە كەلگۈسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش-قازىنالماسلىقىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. ئەگەر سىز بىر ئانا بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنى ئويلاپ جىددىي زۆرۈرىيەت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بالىڭىزنى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشنى تاللىسىڭىز ۋە قانداقتۇر سەۋەبلەر بىلەن بالىڭىزنى ئېمىتمەي سۈت پاراشوكىدا بېقىشنى قارار قىلغىنىڭىزدا بالىڭىزنىڭ ئەقىللىق چوڭ بولۇشىنى ئۆز قولىڭىز بىلەن زىيانغا ئۇچراتقان بولسىز. سىز كەلگۈسىدە بالىڭىزنى ئەقىللىق ئەمەس دەپ ئاغرىنغاندا، ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك ئەقلىي قارارلارنى چىقارغانلىقىڭىزنىڭمۇ ئويلىشىپ قويۇشىڭىز ۋە بالىڭىزنىڭ ساغلام، ئەقىللىق چوڭ بولۇشىغا چىقارغان قارارلىرىڭىزنىڭ قانداق تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنىمۇ ئويلىشىپ قويۇشىڭىز كېرەك.

قىسقىسى، ھەر بىر ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن رازى بولمىغىنىدا ھەر ۋاقىت شۇنچە كۆڭۈل بۆلۈۋاتسام، ياخشى ماددىي شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتسام نېمە ئۈچۈن مەن كۈتكەندەك ئەقىللىق بولمايسەن دەپ ئاغرىنىشقا باشلىغىنىدا ئۆزىنىڭ بالا ھەتتا دۇنياغا كۆز ئېچىشتىن بۇرۇن ۋە بالا يېتىلىش جەريانىدا بالىنىڭ ئەقىللىق چوڭ بولۇشى قانچىلىك ئەقلىي قارارلارنى چىقارغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى لازىم. ياش ئاتا-ئانىلار ۋە بولغۇسى ئاتا-ئانىلارغا دەيدىغىنىم، بالام ئەقىللىق بولسۇن دېسىڭىز، بالىڭىزنىڭ سىز كۈتكەندەك بولۇشىغا ياردەم قىلىشنى ئۇنى تەبىئىي ئۇسۇلدا دۇنياغا كۆز ئاچقۇزۇش ۋە ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشتىن باشلاڭ. ئانا سۈتى بالىڭىز ئۈچۈن دۇنيادىكى ھەر قانداق ئوزۇقلۇقتىن ياخشى ئوزۇقلۇقتۇر.

مەنبەلەر:

Gillman MW, Rifas-Shiman SL, Camargo CA et al. Risk of overweight among adolescents who were breastfed as infants. JAMA, 285(19), 2461-2467

 

http://www.eurekalert.org/pub_releases/2015-03/tl-tlg031615.php

 

دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت بىلگە (تور نامى بىلگەجان) 1985-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان. ئۇ 2009-يىلى ئامېرىكا ۋايومىڭ ئۇنىۋېرستېتى مولىكۇلا ۋە ھۈجەيرە ھاياتلىق ئىلىمى كەسپىگە تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن دوكتورلۇققا قوبۇل قىلىنغان. 2013-يىلى 5-ئايدا 28 يېشىدا دوكتورلۇقنى تاماملاپ، ئامېرىكا تەبئىي پەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئەڭ ياش ئۇيغۇر دوكتور بولۇپ قالغان. ئۇ ھازىر ئامېرىكا تېكساس بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقات ئىنىستىتۇتى گېنىتىكا فاكۇلتىتىنىڭ دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىسى. ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى ئاساسلىقى گېنىتىكا، ھامىلە يېتىلىش بىئولوگىيىسى، مېتابولىزىملىق كېسەللىكلەر ۋە مېڭە ئىلىمى قاتارلىق ساھەلەرگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بىئو-مېدىستسىنا تەتقىقاتىغا مەركەزلىشىدۇ.

ئەسلى مەنبە: http://bilge.eldawa.com/?p=456

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • يانفون رادىياتسىيەسىگە سەل قارىماڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈرەك سوقۇشى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئائىلىدە ھەسەلدىن پايدىلىنىپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بوۋاقلار ساغلاملىقى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قۇۋۋەت ئىچىملىكى قان بېسىمىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۇرمۇش ساۋاتلىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ساغلاملىق بىلىملىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىشتا قول-پۇتى ئاساس مۇزلايدىغان ئاياللار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئائىلىدە ھەسەلدىن پايدىلىنىپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ۋە ئاياللار ساغلاملىقى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نورمال ئەرلەرنىڭ ئاشنىسى بىلەن توي قىلماسلىقىدىكى سەۋەبلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار قىشتا كۆز ئاسراشقا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلىدىڭىزمۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قېرىشنىڭ دورىسى چىقتى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەزى كېسەللىكلەرنى چاي ئىچىپمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى 20 دۆلەت گۇرۇھىغا يىڭى ھاياتىي كۈچ ئىلىپ كەلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئوباما تېخىمۇ كۆپ مۇساپىر قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىش توغرىسىدىكى سۆزلەرگە رەددىيە بەردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مۇساپىرلار «قۇربانلىق قوي» ئەمەس

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فىرانسىيە ساقچى تەرەپ بىلەن تېررورچىلار شىددەتلىك ئېتىشىپ كەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • پارىژ تېررورلۇق ۋەقەسىدىكى بومبا ھۇجۇمىنى قوزغىغۇچىنىڭ رەسىمى ئېلان قىلىندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فىرانسىيەنىڭ بىر ئايروپىلانى بومبا تەھدىتىگە ئۇچراپ، قونۇشقا مەجبۇر بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئوباما APEC رەھبەرلىرى يىغىنىدا ما يۈن بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كۆزىتىش كامىراسىدا توققۇزىنچى ھۇجۇم قىلغۇچى پەيدا بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • سەئۇدىي ئەرەبىستاندىكى قار-يامغۇر 13 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015