خېلى يىللار ئىلگىرى مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلىغان ئىدىم. غەربكە ماڭغان پويىزدا بىر مۇخبىر بىر دېھقاندىن سوراپتۇ : «سىز ئىككىلا بالىڭىزنى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە كىرگۈزۈپسىز، پەرزەنت تەربىيىسىدە بىرەر ياخشى ئۇسۇلىڭىز بارمۇ - قانداق؟». دېھقان دادىنىڭ جاۋابى ئويلىمىغان يەردىن چىقىپتۇ:
«ئەمەلىيەتتە باشقا ئالاھىدە ئۇسۇلۇممۇ يوق - مەن پەقەت بالامنى ماڭا ئۆگىتىشكە يېتەكلىدىم شۇ!».
ئەسلىدە بۇ دېھقان كىچىك ۋاقتىدا ئائىلە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن مەكتەپتە ئوقىيالمىغاچقا، تەبىئىي ھالدا بالىسىنى يېتەكلەپ كەتكۈدەك مەدەنىيەت سەۋيىسىمۇ يوق ئىكەن. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يەنە بالىلىرىنى ئۆز مەيلىگە قويىۋەتمەپتۇ ۋە ھەر كۈنى بالىسى مەكتەپتىن قايتقاندىن كىيىن، دادىسى ئۇنىڭغا ئاۋال مەكتەپتە مۇئەللىم سۆزلىگەن مەزمۇنلارنى ئۆزىگە سۆزلەپ بېرىشنى، ئاندىن تاپشۇرۇقىنى ئىشلەشنى تەلەپ قىپتۇ. ئۆزىمۇ يېنىدا بىللە ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەپتۇ، بىلمىگەنلىرىنى بالىسىدىن سوراپتۇ. ئەگەر بالىسىمۇ بىلەلمىسە، ئەتىسى مۇئەللىمدىن سوراپتۇ. شۇنداق قىلىپ،
بالىسى ھەم ئوقۇغۇچى ھەم ئۇقۇتقۇچى بوپتۇ. تېخى ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى دىمەيلا قۇيۇڭ!
ھەتتا باشقىلارنىڭ بالىلىرى سىرتتا ئويناپ چاڭ چىقىرۋەتسىمۇ، ئۇنىڭ بالىلىرى تەۋرىنىپ قويماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىلىرىنىڭ نەتىجىسى باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە يۇقىرى بوپتۇ ۋە ئاخىرىدا نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە كىرىپتۇ.
بەلكىم بۇ دېھقان دادىنىڭ نەزىرىدە «پەرزەنت تەربىيىسى دىگەنلىك مۇشۇنداق ئاددىي بولىشى مۇمكىن» دۇر ۋە ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىر ئالاھىدە ئۇسۇلمۇ يوقتۇر. ئەمما، مائارىپچىلارنىڭ نەزىرىدە بۇ دېھقان دادىنىڭ ئۇسۇلى دەل تەربىيىچىلەرگە خاس ئۇسۇلدۇر.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !