باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى مەشھۇر شەخسىلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر دۆلەت ۋە رايونلار بايراق ۋەگىرىبلەر

ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاسمىنىدىكى نۇرلۇق يۇلتۇز-خانىش ئاماننىساخان

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-01-22 13:50:07


 مەمەتجان ئابدۇللا

  مىلادىيە 1534-يىلى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاسمىنىغا بىر نۇرلۇق چولپان ئاپىرىدە قىلىندى. بۇ نۇرلۇق يۇلتۇزنىڭ ئاپىرىدە قىلىنىشى، دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا زور يۈكسىلىشلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەدەنىيلىشىشى، گۈللىنىشى، يۈكسىلىشىگە ئاساسىي ئۇل ھازىرلاپ بەردى.
  بۇنداق تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت سەھنىسىدە تېخىمۇ جۇلالىنىپ تۇرۇشىغا، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ رەتلىنىشىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشقۇچى، «ئىشرەت ئەنگىز ‹ھاياتنى جانلاندۇرغۇچى›» مۇقامىنىڭ ئىجادچىسى، «دىۋان نەفىسىي ‹شېئىرلار توپلىمى›»، «ئەخلاقى جەمىلە- گۈزەل ئەخلاق»، «شۇرۇھۇل قۇلۇب- قەلبلەر شەرھلىرى» ناملىق كىتابلارنىڭ مۇئەللىپى، يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانى ئابدۇرەشىدخاننىڭ خانىشى-خانىش ئاماننىساخاندۇر.
  ئۇيغۇر مەدەنىيەت گۈلشىنىنىڭ خۇشپۇراقلىق گۈلى، مەشھۇر شائىرە، مۇزىكانت، مۇقامشۇناس خانىش ئاماننىساخان تەخمىنەن مىلادىيە 1534-يىلى تەۋەللۇت تاپقان، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا شېئىر ۋە مۇزىكىغا ھېرىسمەن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇزىكىغا ھېرىسمەنلىكى ۋە تەبئىي ئىشتىياقىنى تۆۋەندىكى پارچىلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:
  بوۋاقنىڭ بىر ئىشى مىرزا مەھمۇد بىلەن گۈلجەمىلە ئاغىچىنى ھەيران قالدۇرغانىدى، يەنى قاتتىق قىرقىراپ يىغلاۋاتقان بوۋاق مۇزىكا ئاۋازىنى ئاڭلىسا دەرھال توختايتتى ھەم قارا قاقتەك كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچە خۇددى مۇزىكىغا ئەسىر بولۇپ زوق ئېلىۋاتقان كىشىلەرگە ئوخشاش جىمىپ كەتتى. بۇ ئىش ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەيرانلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. (كۈيلەر خانىشى-مەلىكە ئاماننىساخان، ياسىنجان سادىق چوغلانى11-بەت).
  ئاماننىسا قېلىن ئالقاتلار ئارىسىدا ناخشا ئېيتقاچ ئالقات تېرىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا جەرەن بالىسى بوينىدىكى قوڭغۇراقنى جىرىڭلىتىپ سەكرەپ ئويناپ يۈرەتتى. پۈتكۈل ئالقاتزارلىقتىكى قۇش-قاناتلارمۇ ئاماننىساغا جۆر بولۇپ ئورمانلىقنى چاڭ كەلتۈرۈپ سايرىشاتتى. (مەلىكە ئاماننىساخان-تۇرسۇن يۇنۇس، 16-بەت).
   ئۇ سەككىز يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئەلشىر نەۋائىيدىن قالسىلا كىچىك تۇرۇپلا شېئىر يېزىش نۆۋىتى بويىچە ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ (ئەلشىر نەۋائىي يەتتە يېشىدىن باشلاپلا شېئىر ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن دەپ قارىلىدۇ).
   تارىختا ئۆتكەن لۇتفي، ئەلشىر نەۋائىي، ئابدۇراھمان جامى قاتارلىق مەشھۇر شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىر ۋارىسى بولغان خانىش ئاماننىساخان، كىچىكىدىنلا تالانتلىق بولۇپ چالغۇ-ئەسۋابلاردىن قالۇن، دۇتار، ساتار، تەمبۇر قاتارلىقلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالىدىغان، بىر نەچچە يىللىق مەكتەپ ھاياتى ۋە دادىسى مىرزا مەھمۇدنىڭ قاتتىق تەلەپ قويۇشى نەتىجىسىدە مەنتىق، پەلسەپە، ھېساب ئىلمى، ئىلاھىيەت، تارىخ قاتارلىق پەنلەرنى چوڭقۇر ئۆگەنگەندىن سىرت، يەنە ھۆسىنخەت، شېئىرىيەت، مۇزىكا بىلىملىرىنى پۇختا ئىگەللىگەن. مىلادىيە 1547-يىلى ئۇ خانىدانلىققا كىرىپ كەلگەن (يەنى ئاماننىساخان 13 ياشقا كىرگەن ۋاقتى). ئۇ ئوردىغا كىرگەندىن باشلاپ مۇقامنى رەتلەشكە رەسمىي يۇسۇندا كىرىشكەن بولۇپ، سۇلتان ئابدۇرەشدخان، ئۇستازى قەدىرخان ياركەندىي قاتارلىق مۇقام سۆيەر كىشىلەرنىڭ ئىلھامى ۋە يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى ئۇنىڭ مۇقام رەتلىشىگە تېخىمۇ ياخشى بولغان شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەن. ئۆزىنىڭ مۇقامغا بولغان چەكسىز ئىشتىياقى، سۆيگۈسى، كۆڭۈل گۈلشەنىنىڭ ئۈلپەتدىشى بولغان، مۇقام دېڭىزى ۋە مۇزىكا دۇنياسىغا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرگەن. ئۇ يېشى كىچىك تۇرۇپلا شۇ ۋاقىتتىكى تارىختا تالاي-تالاي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، مۇقام رەتلەشتىن قىلچىمۇ باش تارتمىغان، سان-ساناقسىز دۈشمەنلەرنىڭ ھەر تەرەپتىن خىرس قىلىشى ۋە يوشۇرۇن قەست قىلىشىدىنمۇ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ سەركىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۇلىقى بولغان، ئۆزى ۋە ئەلشىر نەۋائىي، نەۋبەتىي، مەھزۇن، ھافىز شىرازىي، مەشھۇرىي، زىيائىي، ئايازىي، مەزھەرىي، زەلىلي، ھافىز خارەزىمىي، سەئىدىي، ھۈسەينىيى، نىزارىي، ناقىسسىي، رەشىدىي، گەدائى قاتارلىق مەشھۇرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىدىن تەركىب تاپقان ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەپ چىققان.
   ئاماننىساخان، ئۇستازى قەدىرخان ياركەندى، مەھمۇد ئۇستاز قاتارلىقلارسىستېمىلىق ھالدا رەتلىگەن ۋە تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى ھالەتكە يەتكەن مۇقام تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:

1. راك مۇقامى (ھۆرلۈككە تەلپۈنۈش) چوڭ نەغمە قىسمى 236 مىسرا، داستان قىسمى بەش داستان 97 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 38 مىسرا جەمئىي بولۇپ 368 مىسرا

2. چەببىيات مۇقامى (ياد ئېتىش، ئەسلەش) چوڭ نەغمە قىسمى 178 مىسرا، داستان قىسمى تۆت داستان 74 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 50 مىسرا جەمئىي بولۇپ 302 مىسرا

3. سىگاھ مۇقامى (بۇ مۇقامنىڭ بۇرۇنقى نامى-پەسىللىك مۇقامى) چوڭ نەغمە قىسمى 158 مىسرا، داستان قىسمى ئۈچ داستان 64 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 42 مىسرا جەمئىي بولۇپ 264 مىسرا

4. چاھارگاھ مۇقامى (خەلقنىڭ ئاسايىشلىققا، تاڭغا، گۈزەل ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈشى) چوڭ نەغمە قىسمى 148 مىسرا، داستان قىسمى ئۈچ داستان 56 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 34 مىسرا جەمئىي بولۇپ 238 مىسرا

5. پەنجىگاھ مۇقامى (مۇكەممەللىك، توققۇزى تەللىك، بۈيۈك شادلىق) چوڭ نەغمە قىسمى 216 مىسرا، داستان قىسمى بەش داستان 72 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 34 مىسرا جەمئىي بولۇپ 322 مىسرا

6. ئۆزھال مۇقامى (كۆجەك مۇقامى-كىچىك پېئىللىق، ئۆزىنىڭ ھالى) چوڭ نەغمە قىسمى 154 مىسرا، داستان قىسمى بەش داستان 88 مىسرا، مەشرەب قسمى ئىككى مەشرەب 52 مىسرا جەمئىي بولۇپ 294 مىسرا

7. ئەجەم مۇقامى (غەيرىي ئەرەب، ئەرەب بولمىغان) چوڭ نەغمە قىسمى 152 مىسرا، داستان قىسمى ئۈچ داستان 42 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئۈچ مەشرەب 30 مىسرا جەمئىي بولۇپ 224 مىسرا

8. ئوششاق مۇقامى (ئاشىق، ئاشىقلار، ئاشىقلارساداسى) چوڭ نەغمە قىسمى 202 مىسرا، داستان قىسمى تۆت داستان 62 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 48 مىسرا جەمئىي بولۇپ 312 مىسرا

9. بايات مۇقامى (يادىغا ئېلىش، ئەسلەش، سېغىنىش) چوڭ نەغمە قىسمى 147 مىسرا، داستان قىسمى ئۈچ داستان 72 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 54 مىسرا جەمئىي بولۇپ 273 مىسرا

10. ناۋا مۇقامى (جاسارەت، كۈچ-قۇۋەت) چوڭ نەغمە قىسمى 110 مىسرا، داستان قىسمى تۆت داستان 94 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 40 مىسرا بولۇپ جەمئىي 244 مىسرا

11. مۇشاۋىرەك مۇقامى (خاتىمە قىسمىدىكى ھاياجان، تۈگەنچى قىسمىدىكى شوخلۇق) چوڭ نەغمە قىسمى 162 مىسرا، داستان قىسمى تۆت داستان 62 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 30 مىسرا جەمئىي بولۇپ 254 مىسرا

12. ئىراق مۇقامى (چۆلى ئىراق، ئىراق چۆلى) چوڭ نەغمە قىسمى 186 مىسرا، داستان قىسمى ئۈچ داستان 76 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئۈچ مەشرەب 60 مىسرا جەمئىي بولۇپ 322 مىسرا

جەمئىي «ئون ئىككى مۇقام»، چوڭ نەغمە قىسمى 2049مىسرا، داستان قىسمى 46 داستان 859 مىسرا، مەشرەب قىسمى 512 مىسرا، جەمئىي بولۇپ 3417 مىسرا.

خانىش ئاماننىساخان 1567-يىلى ئوتتۇز تۆت  يېشىدا تۇغۇتىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ رەتلىگەن ئون ئىككى مۇقام ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكىلىق تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدىغان چوڭ ھەجىمدىكى بۈيۈك بەدىئىي قامۇس، ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام شەرق مۇزىكا مەدەنىيىتىدىكى بىباھا گۆھەر، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ يارقىن ، ئەڭ كۈچلۈك ۋە مىللىي خاراكتېرلىك خۇسۇسىيەتنى ، مىللىي ئىستېتىك پىسخىلوگىيىسىنى نامايەن قىلغان بىباھاگۆھەر. ئون ئىككى مۇقامدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئەنگۈشتىرىمىز ئەسىرلەردىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىغا ، ئىجتىمائىي ھاياتىغا ، پىسخىلوگىيىسىگە سىڭىپ كىرىپ، ئىجتىمائىي ھاياتىنى بېيىتىدىغان ، مىللىي غۇرۇرىنى ، ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدىغان ، سەنئەت ھۇزۇرىنى ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ئۇزۇق بولۇپ كەلمەكتە،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خانىش ئاماننىساخاننىڭ مۇقامنى رەتلەشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشتا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى مەدھىيلەنمەكتە ۋە مەڭگۈ ياد ئېتىلگۈسى!

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2