مەۋلانا جالالىدىن رۇمى(1207 - 1273)
مەۋلانە 1207- يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى بۈگۈنكى ئافغانىستان چىگرىسى ئىچىدە يەرئالغان خۇراسان رايونىدىكى بەلىخ شەھرىدە تۇغۇلغان . مەۋلانەنىڭ دادىسى بەلخ شەھرىنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن بىرى بولۇپ ، ‹‹ بىلگىنلەرىن سۇلتانى ››بىلىملىكلەر(ئالىملار)شاھى ( سۇلتانى،پادىشاھى) دەپ نام ئالغان ھۈسەيىن خاتىبى ئوغلى باھەددىن ۋەلەددۇر. ئانىسى بولسا، بەلخ ئەمرى رۈكنەددىننىڭ قىزى مۈمىنە خاتون ئىدى.
سۇلتانۈل ئۇلەما ( ئالملار شاھى ) باھەددىن ۋەلەد ، بەزى سىياسى ۋەقەلەر ۋە بارغانسىرى يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان موغۇل ئىستىلاسى سەۋەبىدىن بەلىختىن ئايرىلىشقا مەجبۇربولغان ، سۇلتانۈل ئۇلەما 1212-1213- يىللىرىدا ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە يېقىن دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە بەلختىن ئايرىلغان . سۇلتانۇل ئۇلەمانىڭ تۇنجى بولۇپ توختىغان يېرى (تۇنجى بېكىتى ) نىشابۇر بولغان . نىشابۇر شەھرىدە داڭ چىقارغان مەشھۇر مۇتاساۋۋىف ( سوفى ، تەسەۋۋۇفتا ئۆزىنى تەڭرى دەۋالغان كىشىلەر) فەرىدۈددىن ئاتتار بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ چاغدا مەۋلانە تېخى كىچىك بولسىمۇ فەرىدۈددىن ئاتتارنىڭ دېققىتىنى تارتقان ۋە ئۇنىڭ ماختاشلىرىغا ئېرىشكەن.
سۇلتانۈل ئۇلەما نىشابۇردىن باغدادقا ۋە كېيىن كۇفە يولى بىلەن كەبىگە قاراپ يول ئالغان . ھەج پەرزىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن قايتىشتا شامغا يولۇققان . شامدىن كېيىن مالاتيا، ئەرزىنجان، سىۋاس ، قەيسەرى ، نىغدە يولى بىلەن لارەندەگە( كارامان) كەلدى . كاراماندا سۇ بېشى ئەمىرمۇسانىڭ سالدۇرغان مەدرىسىگە يەرلەشكەن.
1222-يىلى كارامانغا كەلگەن سۇلتانۈل ئۇلەما ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بۇ يەردە 7يىل تۇرۇپ قالدى . مەۋلانە1225-يىلى شەرەفەددىن لالانىڭ قىزى گەۋھەر خاتۇنغا كاراماندا ئۆيلەندى . ئۆيلەنگەندىن كېيىن مەۋلانەنىڭ سۇلتان ۋەلەد ۋە ئالائەددىن چەلەبى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى تۇغۇلدى . ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن گەۋھەر خاتۇننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مەۋلانە بىر بالىسى بىلەن تۇل قالغان كەررا خاتۇن بىلەن ئۆيلەندى . ئىككىنجى قېتىملىق ئۆيلىنىشتىن كېيىن مۇزاففەرەددىن ۋە ئەمىرئالىم چەلەبى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى ۋە مەلىكە خاتۇن ئىسىملىك بىر قىزى ئارقا-ئارقىدىن دۇنياغا كەلدى .
بۇ يىللاردائانادولۇنىڭ چوڭ بىر قىسمى سەلچۇك دۆلىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاستىدا ئىدى . كونيا بولسا، بۇ دۆلەتنىڭ پايتەختى (باش شەھرى ) ئىدى . كونيا سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن ئىلىشىۋاتاتتى ( گۈزەل سەنئەت ئەڭ يۇقرى پەللىگە چىققان مەزگىل ئىدى ) ، كونيا ئالىملار ۋە سەنئەتكارلاربىلەن تولغان ئىدى .
قىسقىسى ، سەلچۇك دۆلىتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى ئىدى ۋە دۆلەت ھۆكۈمدارى ئالائەددىن كەيكۇباد سۇلتانۈل ئۇلەما باھەددىن ۋەلەدنى كاراماندىن كونياغا كۆچۈپ كېلىپ ،كونيادا تۇرۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلدى (تەكلىپ قىلدى)
باھائەددىن ۋەلەد سۇلتاننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ 1228-يىلى 5-ئاينىڭ 3- كۈنى ئائىلىسى ۋە دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە كونياغا كۆچۈپ كەلدى .سۇلتان ئالائەددىن ئۇنى كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ قارشى ئالدى ۋە ئالپۇناپا (ئىپلىكچى) مەدرىسىنى ئۇلارغا ئايرىپ بەردى (تەسىس قىلىپ بەردى)
سۇلتانۈل ئۇلەما 1231-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى كونيادا ئالەمدىن ئۆتتى . مەزارلىقىغا سەلچۇك سارىيىنىڭ گۈل باغچىسى تاللاندى ۋە شۇيەرگە( بۇ يەر ھازىرقى مۇزى ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقان مەۋلانا دەرگاھىغا )دەپنە قىلىندى .
سۇلتانۈل ئۇلەما ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تالىپلىرى ۋە مۇرتلىرى بۇ قېتىم مەۋلانانىڭ چۆرىسىگە توپلاندى ۋە مەۋلانانى دادىسىنىڭ بىردىنبىر ۋارىسى دەپ قارىدى . مەۋلانە ھەقىقەتەن پەن(ئىلىم) ۋە دىن جەھەتتە ئالىم بولۇپ يېتىشكەنىدى . ئىپلىكچى مەدرىسىدە ۋەز ئېيتاتتى . ئۇنىڭ ۋەزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن كەلگەنلەر مەدرىسكە توشۇپ تېشىپ كېتەتتى .
مەۋلانا 1244-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى شەمسى تەبرىزى بىلەن كۆرۈشتى . مەۋلانە شەمسىنىڭ مۇتلەق كامالەتكە يەتكەن ، جامالىدا تەڭرى نۇرلىرى پارلاپ تۇرغان زات ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئەمما ئۇلارنىڭ بىرلىكى ئۇزۇنغا بارمىدى. شەمسى تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى .مەۋلانە شەمسنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇزۇن يىل كۆپچىلىكتىن ئۆزىنى تارتتى (يالغۇزلۇقنى تاللىدى) . كېيىنكى يىللاردا سەلاھاددىن زەركۇبى ۋە ھۈسامەددىن چەلەبى ، شەمسى تەبرىزىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا تىرىشتى.
جالالىدىن رۇمى پەلسەپىۋى ئىدىيەدە يېڭى ئەپلاتونىزمنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىنسان يېتىشىدىغان ئالىي چەك «فەنا»، يەنى ئاللاھ بىلەن پۈتۈنلەي قوشۇلۇپ كېتىش، دەپ قارىغان. جالالىدىن رۇمى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان ھەمدە مۇزىكىلىق ئۇسسۇلنى ئاساس قىلغان دىنىي مۇراسىمنى يارىتىپ، بۇ مۇراسىمنى مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن. كونيادا ئالەمدىن ئۆتكەن ھەمدە ئۆزى سالغان مەسچىتكە دەپنە قىلىنغان. ئىسلام دىنىدا ئەسلى تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ تەكىتلىنىشىگە ئەگىشىپ، جالالىدىن رۇمىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئوبرازى ئاجىزلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆتكۈر پىكىر ۋە ئاجايىپ تىل ئۇسلۇبى بىلەن يېزىلغان، ئىنسان قەدىر-قىممىتى ۋە تەرىقەتنى كۈيلىگەن مەسنەۋىلىرى 19-ئەسىردىن كېيىن ياۋروپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، زور زىلزىلە قوزغىغان ۋە ياۋروپا ئىرادىچىلىك، سېھرى رېئالىزىم ئېقىملىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان. ياۋروپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان شەرق ئەسەرلىرى ئىچىدە ئەڭ نوپۇزلۇق ھېسابلىنىدىغان «مەسنەۋى رۇمى» بۈگۈنكى كۈندىمۇ بازىرى ئىتتىك كىتاب بولۇپ، دۇنيانىڭ نادىر مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىڭ ئاتاقلىق ئەسىرى 6 توملوق باياننامە داستان «مەسنەۋىي» (پەند-نەسىھەت) بىر قاتار مەسەل، شېئىرىي چۆچەكلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تەركىدۇنيالىق ۋە سىرلىقلاشتۇرمىچىلىق كۆز قارىشى تەرغىب قىلىنغان. بۇ ئەسەر كېيىن سوپىزمنىڭ «قۇرئان»ى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇستازى شەمشىدىنگە ئاتىغان لىرىك شېئىرلار توپلىمى قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
پارس تەسەۋۋۇپ شېئىرىيىتىنىڭ يىرىك ۋەكىللىرى ھېسابلانغان فەرىدىدىن ئەتتار بىلەن مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ، جۈملىدىن ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، بۇ شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا ناھايىتىمۇ كەڭ تارقالغان بولۇپ ، ھەتتا مەدرىسىلەردە دەرسلىك ئورنىدىمۇ قوللىنىلغان . كېيىنكى شائىرلار ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ پىر-ئۇستازلىرى سانىشىپ ، ناملىرىنى ھۆرمەت ۋە ئىپتىخار بىلەن ئەسلەشكەن . ئەسەرلىرىنى بولسا ئۆمۈر بويى مۇتالىئە قىلىشىپ ، ئۆگىنىپ نەزىرە يېزىشقان، ھەتتا مەۋزۇ ۋە غايىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ يېڭى ئەسەرلەر يارىتىشقان. تەدرىجىي ھالدا بۇ ھادىسە تۈركىي تىللىق ئەدەبىياتتا بىر خىل ئەنئەنىگە ئايلىنىپ ، ئۆزىگە خاس مەكتەپ بولۇپ شەكىللەنگەن .
ⅩⅤⅡ-ⅪⅩ ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك ئەدەبىياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇنىڭ كۆپلىگەن مىساللىرىنى كۆرىمىز. ئىبراھىم ئىبن يۈسۈپ خوتەنى، مۇھەممەد سىدىق رۇشىدى، ئابدۇللا خاراباتى، بابارەھىم مەشرەپ قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتى پىكرىمىزنىڭ روشەن دەلىلىدۇر.
جالالىدىن رۇمى «ھەققە يەتكۈچە ئەقلىڭنى ئىشلەت، ھەققە يەتتىڭمۇ بولدى، ئەقلىڭنى تاشلاپ، تەقۋانى دوست تۇتۇپ، پىكىرنى تەرك ئەت» دېگەن ئەقىدىنى قالدۇرۇپ، ئۆزىدىن كېيىنكى سوپىزىم ئەقىدىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ئاجايىپ دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە مۇتەپەككۈر بولغانلىقتىن، ھۆرمەتلىنىپ مەۋلانا جالالىدىن رۇمى دەپ ئاتىلىدۇ.
گەرچە جالالىدىن رۇمى بەلختە تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئەسەرلىرىنى شۇ دەۋردە مودا بولغان پارس تىلىدا يازغانلىقتىن، باشقىلار تەرىپىدىن ئىرانلىق، پارس دەپ تونۇلغان، ئەمما بەلخ تۈركىي تىللىقلارنىڭ قولىدا بولغان شۇ دەۋردىمۇ ۋە پارس تىللىقلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان ئافغانىستانغا تەۋە بولغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىزچىل تۈركىي تىللىقلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر بولغاچقا، تۈركىيە ئالىملىرى جالالىدىن رۇمىنىڭ ئىران نەسەبىدىن ئىكەنلىكىنى رەت قىلىدۇ.
ھاياتىنى «شۈكرى، كۆيدۈم، پىشتىم» دېگەندەك سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلىگەن مەۋلانا 1273- يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى (يەكشەنبە) ئالەمدىن ئۆتتى. مەۋلانانىڭ نامىزىنى ۋەسىيىتى بويىچە سادرەددىن كونەۋى قىلماقچى (چۈشۈرمەكچى) ئىدى ، ئەمما سادرەددىن كونەۋى ئەڭ ياخشى كۆرگەن كىشىسى بولغان مەۋلانادىن ئايرىلىشقا بەرداشلىق بېرەلمەي نامازدا ھوشىدىن كەتتى . شۇنىڭ بىلەن مەۋلانەنىڭ جىنازا نامىزىنى قازى سىراجەددىن چۈشۈردى.
مەلۇمكى، 2007- يىل مەۋلانا جالالىدىن رۇمى ھەزرەتلىرى تۇغۇلغانلىقىغا 800 يىل تولۇش مۇناسىۋىتىدە يۇنېسكو (UNESKO) تەرىپىدىن «خەلقئارا جالالىدىن رۇمى يىلى» دەپ ئېلان قىلىنغان.
مەۋلانانىڭ ئەسەرلىرى :
مەسنەۋى كىلاسسىك شەرىق ئەدەبىياتىدا ، بىر شېئىرتۈرىنىڭ ئىسىمى . ئەدەبىياتتا، ئوخشاش ۋەزىندە ۋە ھەر بېيىتى ئۆزئارا ئايرىم –ئايرىم قاپىيەلىك نەزىم تۈرىمۇ مەسنەۋى دېيىلىدۇ.
ئۇزۇن مەزمۇنلۇق ھېكايىلەرنى شېئر شەكلىدە ئىپادىلىمەكچى بولغاندا، قاپىيەلەشتۈرۈش ئاسان بولغاچقا كۆپىنچە مەسنەۋى تۈرى قوللىنىدۇ . مەسنەۋى كىلاسسىك شەرىق شېئىرلىرىنىڭ بىر تۈرى بولسىمۇ ، مەسنەۋى دېيىش بىلەن تەڭ مەۋلانانىڭ مەسنەۋىلىرى ئېسىمىزگە كېلىدۇ.
مەۋلانا مەسنەۋىنى ھۈسامەددىن چەلەبىنىڭ تەكلىبى بىلەن يازغان . كاتىبى ھۈسامەددىن چەلەبىنىڭ ئېيتىشىچە مەۋلانا مەسنەۋى بېيىتلىرىنى ئايلانغاندا ، ئولتۇرغاندا ، ماڭغاندا ، ھەتتا ساما ئويناۋىتىپ سۆزلەيدىكەن ، چەلەبى ھۈسامەددىنمۇ ئاغزىدىن چىققاننى يېزىپ خاتىرلەيتتىكەن .
مەسنەۋىنىڭ تىلى پارسچە بولۇپ ، 1278-يىلى مەۋلانە مۇزىيىدا تېپىلغان ئەڭ بۇرۇنقى مەسنەۋى نۇسخىسىغا ئاساسلانغاندا بېيىت سانى 25618 ئىكەن.
مەسنەۋىنىڭ ۋەزىنى :
فائىلاتۇن – فائىلاتۇن- فائىلاتۇن
مەۋلانە ئالتە جىلتلىق مەسنەۋىسىدە تەسەۋۋۇپتىكى ئوي-پىكىرلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلانغان ھېكايىلەر ئارقىلىق بايان قىلغان .
دىۋانى كەبىر
دىۋان شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى توپلانغان دەپتەر، يەنى دىۋانى كەبىر چوڭ ھەجىملىك دەپتەر ياكى چوڭ دېۋان دېگەن مەنىلەردە . مەۋلانەنىڭ تۈرلۈك مەزمۇنلار سۆزلەنگەن شېئىرلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ دېۋاندا بار. دىۋانى كەبىرنىڭ تىلى فارىسچە بولسىمۇ يەنە دىۋانى كەبىر ئىچىدە ئەرەپچە ،تۈركچە،رۇمچەشېئىرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.
دىۋانى كەبىر 21كىچىك دىۋان (باھىر) بىلەن رۇبائى دىۋانىنىڭ بىرىكىشى بىلەن تۈزۈلگەن. دىۋانى كەبىرنىڭ بېيىت سانى 40000دىن ئاشىدۇ.
مەۋلانەدىۋانى كەبىردىكى بەزى شېئىرلىرىنى شەمىس تەخەللۇسى بىلەن يازغانلىقى ئۈچۈن بۇ دىۋان ،‹‹ دىۋانى شەمىس ››دەپمۇ ئاتىلىپ كەلمەكتە. بۇ دىۋاندىكى شېئىرلار ۋەزىن ۋە قاپىيەسىگە ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ،تۈزۈلگەن.
مەكتۇبات ( مەكتۇپ)
مەۋلانانىڭ سەلچۇكلۇق ھۆكۈمدارلارغا ۋە شۇ دەۋىردىكى ئۆلىمالارغا نەسىھەت تەرىقىسىدە ، ئۆزىدىن سورالغان دىنى ۋە ئىلمى جەھەتتىكى سوئاللارغا چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن يازغان 147پارچە مەكتۇپىنى ( خېتىنى ) كۆرسىتىدۇ.
مەۋلانا بۇ مەكتۇپلىرىنى ئەدەبىي مەكتۇپ يېزىش قائىدىلىرىگە ماس كەلمىگەن ، خۇددى بىرسى بىلەن ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقاندەك شەكىلدە يازغان . مەكتۇپلىرىدا « قۇلىڭىز،كەمىنىلىرى، مەن دېڭىز گىبى ...» دېگەنگە ئوخشاش پاساھەتلىك كەلىمىلەرگە پەقەت ئورۇن بېرىلمىگەن.
خىتاپلىرى ئورۇن ۋە مەرتىۋە ناملىرىدىن مۇستەسنا ، مەكتۇپ يازغان كىشىنىڭ ئەقلىگە ، ئىشەنچىسىگە ۋە قىلغان ياخشىلىقلىرىغا قارىتا قايسى خىتاپ قىلىش ئۇسۇلى ماس كەلسە شۇنى قوللانغان.
فىھى مافىھ
فىھى مافىھ نېمە بولسا مۇشۇنىڭ ئىچىدىدۇر دېگەن مەنىدە كەلگەن . بۇ ئەسەر مەۋلانەنىڭ تۈرلۈك مەجلىسلەردە قىلغان سۆھبەتلىرىدۇر. بۇلارتارىختىن بۇيان مەۋلانەنىڭ ئوغلى سۇلتان ۋەلەد تەرىپىدىن بىر كىتاپ قىلىپ توپلانغان دەپ قارالماقتا.
بۇ ئەسەر 61 بۆلۈمدىن تۈزۈلگەن . بۇ بۆلۈملەرنىڭ بىر قىسمى سەلچۇك ۋەزىرى سۈلايمان پەرۋانەگە خىتابەن قەلەمگە ئېلىنغان .بۇ ئەسەرگە بەزى سىياسى ۋەقەلەرمۇ كىرگۈزۈلگەن . شۇ سەۋەبلىك بۇ ئەسەرتارىخ تەتقىقاتىدىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.
ئەسەردە جەننەت ۋە جەھەننەم ، دۇنيا ۋە ئاخىرەت ، ياخشىلىقنى ئۈگەتكۈچى ۋە ئۈگەنگۈچى ،ئاشىق ۋە ساما دېگەندەك مەزمۇنلار ئىشلىتىلگەن.
مەجالىسى سەبا ( يەتتە مەجلىس)
مەجالىسى سەبانامىدا ئېيتىلغاندەك مەۋلانەنىڭ يەتتە مەجلىسى ، يەتتە ۋەز-نەسىھەتىنىڭ توپلانمىسىدىن مەيدانغا كەلگەن .مەۋلانەنىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرى چەلەبى ھۈسامەددىن ۋە ياكى ئوغلى سۇلتان ۋەلەد تەرىپىدىن خاتىرىلەنگەن ۋە ئەسلى ئېيتىلىشى بويىچە خاتىرىلەنگەن بولۇپ ، ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىگەن ، پەقەت خاتىرىلىگۈچىلەر يېنىغا ئەسكەرتىش ۋە چۈشەنچىلىرىنى قوشۇپ خاتىرىلىگەن . ئەسەر پۈتكەندىن كېيىن مەۋلانانىڭ كۆرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن بولىشى مۇمكىن.
شېئىر يېزىش مەقسىدى بىلەن ئەمەس ، بەلكى ئوي-پىكىرلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن شېئىرنى قورال قىلغان مەۋلانە يەتتە مەجلىستە شەرىھلەنگەن ھەدىسلەرنى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا يىغىنچاقلىغان.
1.توغرا يولدىن ئايرىلغان توپلۇملارنىڭ ( جامائەتنىڭ ، كۆپچىلىكنىڭ ) قايسى يول بىلەن قۇتۇلىدىغانلىقى
2. جىنايەتتىن قۇتۇلۇش ، ئەقىل يولى بىلەن غەپلەتتىن ئويغىنىش
3. ئېتقاتتىكى قۇدرەت
4. تەۋبە قىلىپ توغرا يولنى تاپقانلارنىڭ ئاللاھنىڭ سۆيگەن قۇلى بولىدىغانلىقى
5. بىلىمنىڭ قەدرى
6.غەپلەتتە قېلىش
7. ئەقىلنىڭ پايدىسى
بۇ يەتتە مەجلىستە ئەسلى شەرىھلەنگەن ھەدىسلەر بىلەن يەنە 41 ھەدىسمۇ بار. مەۋلانانىڭ تاللىغان ھەربىر ھەدىسى ئىجتىمائىي ئالاقە بىلەن ئالاقىدار. مەۋلانا يەتتە مەجلىسنىڭ ھەربىر بۆلىمىنى ھەمدۇسانا ۋە مۇناجات بىلەن باشلىغان . چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك مەزمۇنلارنى ۋە تەسەۋۋۇپنى كۆرگەنلىرىنى ھېكايە ۋە شېئىر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىپادىلىگەن . بۇ يول مەسنەۋىنىڭ يېزىلىشدىمۇ ئوخشاش قوللىنىلغان.