ئالىمنىڭ قاچان، قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە تېخى ئىشەنچىلىك بىر ماتېرىياللار تېپىلغىنى يوق، بەزىلەر ئۇنى «ئىستانبۇلنىڭ ئاقساراي دېگەن يېرىدا تۇغۇلغان» دەيدۇ. ئەمما ئىشەنچلىك مەلۇمات يوق. بەزى ماتېرىياللاردا «بۇ كىشىنىڭ 11- ئەسىرنىڭ ئاياغلىرىدا تۇغۇلغانلىقى مەلۇم» دەپ يېزىلغان بولسىمۇ، ئىشەنچلىك دەلىل كەلتۈرۈلمىگەن. 1936- يىلى ھىندىستاننىڭ دۇبەي شەھىرىدە ئېچىلغان ئاسىيا ئۆلىمالىرى تارىخىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، جامالىدىن ئاقسارايىنىڭ چىڭگىزخان ئىستىلا قىلغان بىر ئەلدە تۇغۇلۇپ ھىندىستانغا قېچىپ كەلگەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. چىڭگىزخاننىڭ 1- قېتىم غەربكە يۈرۈش قىلىشى 13- ئەسىرىنىڭ باشلىرى، يەنى 1219- يىلى باشلانغان. دېمەك، ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى بالدۇر دېگەندىمۇ 13- ئەسىرنىڭ باشلىرى، يەنى 1220- يىللىرى ئەتراپىدا چىڭگىزخان ئىستىلا قىلغان ئەلدىن ھىندىستانغا قېچىپ بارغان بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. تېبابەت تارىخى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش خاراكتېرلىك تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئابدۇرىھىم قادىر قۇمۇلى ئەپەندى: «ئۇيغۇر تېبابىتى قەدىمكى ئەسەرلىرى ۋە تەتقىقاتى» (5) ناملىق ئەسىرىدە ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى يازغان: «ئالىمنىڭ قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە، بەزىلەر بۇ كىشىنى ئىستانبۇلنىڭ ئاقسارايى دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، دەيدۇ. ئەمما تولۇق دەلىل يوق، چۈنكى، ئىستانبۇلدىن خېلىلا يىراق بولغان ھىندىستانغا قېچىپ بېرىش ئېھتىمالدىن يىراق. يەنە بەزىلەر، غەربىي ئاسىيا، كىچىك ئاسىيا، ئىراق ۋە ئىران تەرەپلەردە ئاقساراي دېگەن شەھەرلەردە تۇغۇلغان، دەيدۇ. گەرچە، بۇ جەھەتتە يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كېرەك، دەپ قارىغاندىمۇ، مېنىڭچە، تۆۋەندىكىلەردىن جامالىدىن ئاقساراينى خوتەن قارىقاش ناھىيەسىدىكى ئاقساراي يېزىسىدا تۇغۇلغان، دەپ دەسلەپكى خۇلاسىنى چىقىرىشقا بولىدۇ. 1978- يىلى بىز خوتەنگە ئۇيغۇر تېبابىتى تارىخىنى تەكشۈرگىلى بارغاندا، پىشقەدەم تېۋىپلار بىزنى مۇنداق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى: يەنى، بۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خوتەنلىك مەرھۇم ئابدۇللا موللام مەۋلۇۋىي، مەرھۇم ھەسەن داموللام مەۋلۇۋىي، مەرھۇم مەتنىياز مەۋلۇۋىي ۋە ئاتۇشلۇق زەينۇل ئابىدىن مەۋلۇۋىي قاتارلىق ئۆلىمالار ھىندىستان لەكنۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي ئىنىستېتۇتىغا ئوقۇشقا بارغاندا مۇئەللىم دەرس ئۆتۈۋاتقان بىر كىتابنى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ئاراڭلاردا خوتەندىن كەلگەنلەر بارمۇ؟» دەپ سورىغان ھەمدە «بۇ كىتاب خوتەننىڭ ئاقسارايى دېگەن جايىدا تۇغۇلۇپ ھىندىستانغا قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇر تېببىي ئالىمى جامالىدىن يازغان «ئاقساراي» دېگەن كىتاب بولىدۇ» دېگەن. بۇ كىشىلەر ئۆز يۇرتىدىن چىققان بۇ ئالىمدىن ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھەمدە ئوقۇش پۈتكۈزۈپ خوتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا، مەرھۇم پىشقەدەم تىۋىپ ئەھمەد ھاجى، مەرھۇم ھاجى ئېلخان ھەزرىتىم، داڭلىق دورىگەر ئىمىننىياز ئاخۇنۇم قاتارلىقلارغا ناھايىتى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەرگەن. بۇ دەل، 1936- يىلى چىقىرىلغان يەكۈن ۋە مەرھۇم ئۇيغۇر تىبابىتى ئالىمى ئۇستاز ئابدۇلھەمىت يۈسۈف ھاجىنىڭ «شىنجاڭدىن ھىندىستانغا ئوقۇشقا بارغان بىر قىسىم كىشىلەر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ كىشىنىڭ خوتەن قارىقاش ناھىيە ئاقساراي يېزىسىدىن بارغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقان» دەپ يازغىنىغا ئوخشاش.
ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى مۇڭغۇللارنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ ھىندىستانغا قېچىپ كەتكەنلىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنراق كېلىدۇ. ئالىم ھىندىستانغا بارغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تېبابىتى ھەققىدىكى يۇقىرىقى ئەسەرنى يېزىپ، («ئاقسارايى» كۆزدە تۇتۇلىدۇ – ئا) ئۆز يۇرتىنى سېغىنىش ۋە ئۆزىنىڭ ئاقسارايلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، باشقا تېببىي كىتابلاردىن ئۆزگىچە ھالدا ئۆز كىتابىغا «ئاقسارايى» دەپ نام قويغان. مەزكۈر ئەسەردە ئۇيغۇر تېبابىتى نەزەرىيەلىرى، ھەر قايسى ئۆلۈم كېسەللىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ داۋاسى، يەككە ۋە مۇرەككەپ دورىلار سۆزلەنگەن بولۇپ، نەزەرىيە قىسمى ئاساسەن باشقىلار تەرىپىدىن ئىبىنسىنانىڭ «ئەلقانۇن» نى كىچىكلىتىپ يازغان «مۆجىزىلقانۇن» (ئەلقانۇندىكى مۆجىزىلەر) دېگەن ئەسەردىكى خاتا كەتكەن جايلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ يورۇتۇپ بېرىلگەن ئىلمى ئاساسلاردىن تەركىب تاپقان. شۇڭا، مەزكۇر قىسمى «ئەسلى ئاپتور (ئىبىن سىنانى دېمەكچى) مۇنداق دېگەن، ئۇ (مۆجىزىلقانۇننىڭ ئاپتورىنى دېمەكچى) مۇنداق دەپتۇ، مەن مۇنداق قارايمەن» دېگەن شەكىلدە يېزىلغان. ئۇنىڭدا «ئەلقانۇن» دىكى قىيىن مەزمۇنلار يورۇتۇپ بېرىلگەن. «مۆجىزىلقانۇن» دىكى خاتا مەزمۇنلار تۈزىتىلگەن. ھەر قايسى بۆلۈم كېسەللىكلىرىدىن 180 خىلى سۆزلەنگەن. يەككە دورىلاردىن 390 خىلى، مۇرەككەپ دورىلاردىن 144 خىلى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتى قەدىمكى ئەسەرلىرىمىز ئىچىدىكى تىۋىپلىرىمىزلا ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردىمۇ سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئالىم جامالىدىن ئاقساراينىڭ «ئاقساراي» ناملىق كىتابىنىڭ ئىلمىي قىممىتى ناھايىتى زور بولۇپ، ئەرەب يېزىقىدا پۈتۈلگەن بۇ قىممەتلىك ئەسەر قولدىن قولغا تارقىلىپ، 1899- يىلىغا كەلگەندە لەكنۇدا رەسمىي نەشر قىلىنىپ، 1929-يىلىغىچە دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلام تېبابىتى ئىنىستىتۇتىدا دەرسلىك قىلىپ ئىشلىتىلگەن.
دىيارىمىزدكى بىر قىسىم تىۋىپلار ئۆز قولىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەزكۇر ئەسەرنىڭ نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىپ تېبابەت ئەمەلىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
ئەسكەرتىش:
«دېڭىز ئۈنچىلىرى»، «قاراقاشنى چۈشىنەيلى»، «مەشھۇر ئۇيغۇر تىۋىپلىرى» قاتارلىق كىتابلاردا جامالىدىن ئاقسارايى 19- ئەسىرلەردە ئۆتكەن دەپ يېزىلغان. ئەمما يېتەرلىك دەلىل ئىسپات كەلتۈرۈلمىگەن. بىراق ئالىمنى 12- ئەسىرلەردە ئۆتكەن دېگەن قاراشنى ياقلىغۇچىلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىسپاتى ئازراق بولسىمۇ چىنلىققا ئىگە.
مەنبە: خوتەندە ئۆتكەن داڭلىق تېۋىپلار دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.