ئەبۇنەسىر فارابى ياش ۋاقتىدا بالا ساغۇن مەدىرسلىرىدە ئوقۇغان. شۇ ۋاقتىدىلا ئىلمىي ھېكمەت (پەلسەپە)، ئىلمىي نۇجۇم (ئاستىرنومىيە) قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە تىرىشقان ئىدى. ئۇ، قەشقەردىن مەرۋىشاھىجاھانغا (خۇراسان) يۆتكىلىپ، ئۇزاق مۇددەت شۇ يەردە ئوقۇپ ئەرەپچە، پارىسچە تىل-ئەدەبىياتىنى ئۆگەنگەن. پۈتۈن ئۆمرىنى پەلسەپە تەتقىقاتى ۋە قەدىمكى يۇنان ئالىملىرىدىن ئارستوتېل، ئەپلاتون، ئەبىقۇر قاتارلىقلارنىڭ پەلسەپىۋى ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىسلام دىنى پەلسەپىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلام دۇنياسىدا يېڭى بىر پەلسەپىۋى ئېقىم ئېچىپ چىقىشقا ئۆمرىنى بېغىشلىغان پەيلاسوپ ئىدى. پەيلاسوپ فارابى ئىران، ئىراق، مىسىر، كەنئان (پەلەستىن) نى ساياھەت قىلىپ، نۇرغۇن ئىلىم ۋە تەجرىبىلەرنى ھاسىل قىلىش سىرتىدا، پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق تىللىرىنى ئۈگەنگەن. فارابى ئۆمرىدە دۇنياپەرەسلىك قىلمىغان، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولمىغان، ئىنتايىن پېقىرلىق ۋە كەمبەغەللىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. داۋاملىق قەدىمكى ئۇيغۇرچە كىيىم (تون، قالقان، يۇڭ چەكمەن، مەللە چاپان، كەش-مەسە) بىلەن يۈرەتتى. ئۇچىسىدا بىر خورجۇن بولۇپ، بىر تەرىپىدە كىتاب، كىيىمكېچەكلىرى؛ بىر تەرىپىدە چالغۇ ئەسۋابلىرى بار ئىدى. خەلىپە مۇقتەدىر بىللانىڭ ھوزۇرىغا مۇشۇ قىياپەت بىلەن كىرگەنلىكى ئۈچۈن ۋەزىرلەر تەرىپىدىن ھاقارەتلىنىپ، ئۇيەردىن يېنىپ شامغا كەتكەن (رەۋزىتوسسافانىڭ رىۋايىتى). پەيلاسوپ فارابى جاھانغا يېڭى پەلسەپە تارقىتىش ۋە مۇزىكا سەنئىتىدە ئاجايىپ ئىقتىدارلارغا ئىگە ئىدى.
فارابى بىر نەچچە تۈرلۈك چالغۇ ئەسۋاپلىرى ئىجاد قىلغان بولۇپ، زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەنلىرىدىن پەقەت قالۇن بار (ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر چالغۇ ئەسۋابى). پەيلاسۇپ فارابى باغداتتىن سۈرىيەگە يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردىمۇ رىيازەتلىك ھايات كەچۈرگەن ھەم پەلسەپە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ موھىم ئەسەرلىرىنى شۇ تەرەپتە يازغان. فارابى ئەرەب، پارىس، ئىبرانىي (يەھۇدىي) ۋە يۇنان تىللىرىنى ياخشى بىلەتتى. كېچىلەردە ئۇخلىماي تەتقىقات مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىناتتى.ئۆيدە بىر چىراغقا ئىگە بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، بەزى ۋاقىتلاردا كوچىلاردا ياندۇرغان ساقچى چىراغلىرى يورۇقىدا ئولتۇرۇپ كىتاب يازاتتى. پەيلاسوپ ئازادلىق ۋە ئەركىنلىكنى بەك ياخشى كۆرىدىغان كىشى بولغاچقا، پادىشاھلاردىن مائاش ئېلىپ ئۇلارغا باغلىنىپ قېلىشنى ياكى ھۆكۈمران تەبىقىلىرىنىڭ كونتىروللۇقىغا چۈشۈپ قېلىشتىن قاچاتتى. شۇڭا، كۆپىنچە باغلار ۋە دەريا بويلىرىدا ھەمدە ئورمانزارلىقلاردا مەشغۇلىيەت ئۆتكۈزەتتى. كىشىلەر بىلەن ئانچە بەك ئارىلاشمايتتى. كېيىن دەمەشق شەھرىنىڭ چوڭ بىر باغچىسىدا باغۋەن بولغان ئىدى. پەيلاسوپنىڭ ئىلىم ۋە پەزىلىتى دەمەشق ھۆكۈمرانى ئەمىر سەيفىددەۋلەگە ئاڭلانغاندىن كېيىن پەيلاسوپنى چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىپ، ئۇنىڭ يۈكسەك ئىقدىدارىنى ئېتراپ قىلىدۇ. ئۇنىڭغا يۇقىرى مائاش بېرىشكە ئىنتىلگەن بولسىمۇ، پەيلاسوپ كۈندىلىك تۇرمۇشقا يەتكۈدەك بىر نەرسە، يەنى تۆت دەرەم پۇل بەرسە بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن ئارتۇق بىر نەرسە تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
ئەبۇنەسىر فارابى ئۆمرىدە 113جىلىدتىن ئارتۇق كىتاب يازغان. بۇنىڭدىن بىزگە يېتىپ كەلگەنلىرى ناھايىتى ئاز تېپىلىدۇ. فارابى بۇخارا ئەمرى نۇھ بىننى سامانىينىڭ تەكلىپى بىلەن بۇخاراغا كېلىپ ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن دەسلەپ ئىسلام ۋە تۈرۈك پەلسەپىسى ئېنسىكلوپېدىيىسىدىن ئىبارەت بولغان ‹‹ئەتتە ئىلماتى سانىي›› ( ئىككىنجى تەلىمات) دېگەن ھەممىگە ياراملىق كىتابنى يېزىپ چىقىش ئارقىلىق، پۈتۈن ئەرەب، ۋە ئىسلام دۇنياسىدا داڭقى چىقىدۇ. ئۇنىڭغا شۇنىڭدىن باشلاپ (ئىككىنجى ئۇستاز) دېگەن ئۇنۋان بېرىلىدۇ (ئارىستوتېلغا بىرىنجى ئۇستاز دېگەن نام بېرىلگەنگە ئوخشاش).
فارابى كېيىن سەيفىددەۋلەنىڭ چاقىرتىشى بىلەن سۈرىيەگە كېلىپ ھەلەپ شەھرىگە ئورۇنلاشقان. ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئەسەرلىرىنى ھەلەپ شەھرى باغچىلىرىنىڭ تىنىچ ۋە ساپ ھاۋاسى ئىچىدە يېزىپ چىققان. فارابى مىلادى 971-يىلى 80 يېشىدا ھەلەپ شەھرىدە ۋاپات بولغان . گەرچە ئۇنىڭ تىبابەت ساھاسىدە بىرەر قانداق ئەمەلىي خىزمەت ئىشلىگەن تارىخى بولمىسىمۇ، ئەمما تىبابەت نەزەرىيىسى ۋە ئۇمۇرى تەبىئىييە، تىببىي پىسخولوگىيە، تىببىي ئەخلاق ھەققىدە ناھايىتى موھىم ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغانلىقى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئىبىنسىنا، زەكەرىيا رازى، نەفىسى، ئاقسارايى، داۋۇد ئەنتاكى، ئىبنى بەيتار قاتارلىق تېۋىپلار پايدىلىنىپ ئۆز ئەسەرلىرىنى يېزىپ چىققانلىقى ۋە بۇ ئەسەرلەردىن ھازىرقى كەڭ تىببىي خادىملارنىڭ پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى بۇرۇنقى چوڭ تىببىي ئۇستازلاردىن دەپ ھىساپلاشقا توغرا كېلىدۇ. فارابىنىڭ تىبابەتكە ئائىت يازغان ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىچە:
1) ماقالىتەين نەفىسىي ( روھ ۋە پىسخولوگىيە ھەققىدە)
2) ئەلمەھجۇداتىل مۇتەغەييىرە ( ئۆزگىرىپ تۇرغان مەۋجۇدات ھەققىدە)
3) ئەلئەقلۇل كەبىر ( چوڭ ئەقىل)
4) پەسىل ۋە ھاۋا كىلىماتى ھەققىدە ( بۇنىڭدا فارابى يەر يېرىم شارىنى يەتتە ئىقلىمغا بۆلۈپ، ھەر بىرسىنىڭ ھاۋا كىلىماتىنى تونۇشتۇرغان)؛
5) ئادەم ئۇخلىغاندا چۈش كۆرۈش ھەققىدە؛
6) كالام فى بايانى ئەئزائىل ھەيۋان ( ھايۋان ‹جۈملىدىن ئىنسان› ئەزالىرى ھەققىدە)؛
7) كىتابۇل جۇنۇن (ساراڭلىق كېسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە)؛
8) كىتابۇل ھېس ۋە ئىدراك ( ھېس قىلىش ۋە ئىدراك قىلىش ھەققىدە) بۇكىتابتا ئادەمنىڭ دۇنيانى توغرا تونۇشى ۋە ماجرالار ۋە ھادىسىلەر ھەققىدە توغرا تەپەككۇر قىلىشى، ئەقىل ۋە تەپەككۇرنىڭ توغرا ئىشلىتىلىشى ھەققىدە قىممەتلىك مەلۇماتلار بار.
9) لىمازا يەختىئۇل ئىنسان ( ئادەم نېمە ئۈچۈن خاتالىشىدۇ؟)؛
10) ئۇمۇرى تەبىئىييە ھەققىدە؛ پەيلاسوپ فارابىنىڭ يۇقۇرىقى ئەسەرلىرى ئادەمنىڭ پىسخولوگىيەلىك ۋە فىزىلوگىيىلىك خاراكتېرى ئىلمىي ئاساستا شەرھلەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەسەرلەر ئىبىنسىنانىڭ پەلسەپە ۋە تىبابەت خىزمەتلىرىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن.