باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى مەشھۇر شەخسىلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر دۆلەت ۋە رايونلار بايراق ۋەگىرىبلەر

شەرق شېئىرىيىتىنىڭ جىلۋىدار گۈلتاجى ئەلىشىر نەۋائىي

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-01-22 13:45:28

\
      شەرق شېئىرىيىتىنىڭ ئاجايىپ جىلۋىدار گۈلتاجى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر ئەلشىر نەۋائىي  1441-يىلى 9-فېۋرالدا ھىراتتا تۇغۇلغان. ئۇ يەتتە يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە «خەزائىنۇل مەئانى» ناملىق دىۋانى بىلەن «خەمىسە» ناملىق داستانلار توپلىمى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ .
     ئەلشىر نەۋائىي بىر ئۆمۈر بالا-چاقىسىز ئۆتكەن. بۇنىڭ شەخسى ۋە سىياسىي سەۋەبلىرى بار ئىدى. ئۇ 7 ياش چېغىدا شاھرۇھ مىرزا ئۆلۈپ كېتىپ، شاھزادىلەر ئوتتۇرىسىدا تەخت تالىشىش جېدىلى كۆتۈرۈلۈپ، كىشىلەر ئامانلىق ئىزدەپ تەرەپ-تەرەپكە كۆچۈپ كەتكەن ئىدى. غىياسىدىن (نەۋائىينىڭ ئاتىسى) ئائىلىسىمۇ ئىراققا كۆچۈپ بېرىپ 3 يىلچە ياشىغان. ئەلشىر نەۋائىي 12 ياشقا كىرگەندە ئاتىسى غىياسىدىن(بۇ چاغدا قايتىپ كېلىپ بىر ناھىيەگە ھاكىم بولغان ئىدى) ۋاپات بولۇپ، نەۋائىي ئوبۇلقاسىم بابۇرنىڭ قولىغا قالغان. نەۋائىي 15 يېشىدا ھۈسەيىن بايقارا بىلەن بىرگە ئوبۇلقاسىم بابۇر ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان. 1458-يىلى پايتەخت سۇلتان ئەبۇ سەئىد تەرىپىدىن ئىگىلەنگەندىن كېيىن، ئوبۇلقاسىم بابۇرنىڭ ئەربابلىرى ۋە يېقىنلىرىنىڭ مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان. شۇ قاتاردا ئەلشىر نەۋائىينىڭمۇ مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ، سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراپ سەمەرقەنتكە كېتىشكە مەجبۇر بولغان. دېمەك ئەلشىر نەۋائىي يىگىتلىك چېغىدا سىياسىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ئەلشىر ناۋائىي ھىراتتا تۇرغان 18--19 ياش مەزگىللىرىدە، دۆلەتمەن ئائىلىلەردىن بىر كىمنىڭ قىزىغا ئاشىق بولغان ۋە يىگىت -قىز ئوتتۇرىسىدا ئىشىق-مۇھەببەت رىشتى باغلانغان. بۇ ئاشىق-مەشۇق ئوتتۇرىسىدا خەت ئالاقە ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ كەلگەن. بۇ ھەقتە ئەلشىر نەۋائىنىڭ غەزىلىدە ئېنىق بايانلار بار.
     بىراق ئەلشىر ئىشىق كويىغا كىرگەن ۋاقىتلاردا، ئۇ ھىراتتا ئىگە-چاقىسىز، باش پاناھسىز بولۇپ قالغانىدى. بۇ غۇربەت ئۇنىڭ ئىشىق ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا چوڭ توسقۇنلۇق قىلدى. باي-باينىڭ قاياشى بولغان ئۇ زاماندا، نەسەب مەرتىۋە سۈرۈشتۈرىدىغان ئائىلىدە ئۆسكەن بۇ قىز ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ئۆزىگە ئوخشاش دۆلەتمەن ئائىلىگە ياتلىق بولۇشنى راۋا كۆرىدۇ.
     نەۋائى بىرىنچى قېتىم ۋەدىلەشكەن مەشۇقى ۋاپاسىزلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىگە «فەقىرلەر»(نامراتلار)دىن لايىق تاپىدۇ. ئەپسۇسكى نىكاھلىنىشقا مۇۋەپپەق بولالمايدۇ. بۇ لايىقى تۇيۇقسىز تەگكەن كېسەل بىلەن ۋاپات بولىدۇ.
     دېمەك ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر شائىر، بۈيۈك تىل ئۇستىسى ئەلشىر ناۋائىنىڭ ئۆمرىنى بويتاق ئۆتكۈزۈۋېتىشىنىڭ شەخسى سەۋەبلىرى مۇشۇلار بولسا كېرەك. (ھاجى ئىمىن تۇرسۇننىڭ«ئەلشىر ناۋائى ھەققىدە»ناملىق كىتابىدىن)
تۈركىيە تىل قورۇمى(ئاكادېمىيەسى)تەييارلىغان «مىزانۇل ئەۋزان» نىڭ كىرىش سۆزىدە ئەلشىر نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكىنى مۇنداق كۆرسەتكەن:
① دىۋانلار(«خەزائىنۇلمەئانى»)؛
1) «غەرەيبۇسسىغەر» (بالىلىق غارايىباتلىرى)؛
2) «نەۋادىرۇششەباب»(يىگىتلىك نادىرلىقلىرى)؛
3) «بەدائئۇلۋەسەت»(ئوتتۇرا ياشلىق گۈزەللىكلىرى)؛
4) «فەۋائىدۇلكىبەر»(قېرىلىق پايدىلىقلىرى)؛
5) «دىۋان فانى» (پارسچە توپلام)؛
② «خەمىسە»(«خەمىسە نەۋائى»)؛
6) «ھەيراتۇلئەبرار»؛
7) «پەرھاد ۋە شېرىن»؛
8) «لەيلى ۋە مەجنۇن»؛
9) «سەبئىي سەييارە»؛
10) «سەددى ئىسكەندەر»؛
③ تەزكىرىلەر؛
11) «مەجالىسۇننەفائىس»؛
12) «نەسائىمۇل مۇھەببەت» (مۇھەببەت خۇشپۇراقلىرى)؛
13) «رىسالەئى مۇئەمما»؛
14) «مىزانۇلئەۋزان»؛
15) «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»؛
④ تىل ۋە ئەدەبىياتقا دائىر ئەسەرلەر؛
16) «مۇناجات»؛
17) «چېھىل ھەدىس» (ئەربەئىن)؛
18) «نەزمۇل جەۋاھىر»؛
⑤ دىنىي، ئەخلاقىي، پەلسەپىۋى ئەسەرلەر؛
19) «لىسانۇتتەيىر»؛
20) «سىراجۇل مۇسلىمىن»؛
21) «مەھبۇبۇل قۇلۇب»؛
⑥ تارىخىي ئەسەرلەر؛
22) «تارىخي ئەنبىيا ۋە ھۆكۈما»؛
23) «تارىخي مۈلكى ئەجەم»؛
24) «زۇبدەتۇل تەۋارىخ»؛
⑦ تەرجىمھال ئەسەرلىرى؛
25) «ھالاتى سەئىد ھەسەن ئەردەشىر»؛
26) «خەمسەتۇلمۇتەييىرىن»؛
27) «ھالاتى پەھلىۋان مۇھەممەد»؛
⑧ ۋەسىقىلەر؛
28) «ۋەقفىنامە»؛
29) «مۇنشەئات»؛
      بۇلاردىن باشقا، بەزى مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەلشىر نەۋائىي ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئۆز قەسىدىلىرىنى توپلاپ، «فۇسۇلى ئەربەئە» (تۆت فاسىل) ۋە «لىستەئى زەرۈرىيە» (ئالتە زۆرۈرىيەت) ناملىق ئىككى توپلام تۈزۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن. بۇلاردىن باشقا «رىسالەئى مۇفرەدات دەرفاننى مۇئەمما» دېگەن ئەسىرى بولغان. «نەسىرۇل لەئالى» نى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. ئەلشىر نەۋائىي قانچە پارچە ئەسەر يازغانلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراش بار. 19-ئەسىردە ياشىغان خوتەنلىك ئالىم مۆجىزى 1854-1855-يىللىرى يازغان كىتابىدا «63 پارچە كىتاب يازغان» دېگەن ئۇچۇرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئەلشىر نەۋائىي ئۇلۇغ تىل ئۇستىسى ئىدى. چەتئەل ئالىملىرى نەۋائىي ئەسەرلىرىدە ئىشلىتىلگەن تىل بىلەن دۇنيادىكى بىر قىسىم داڭلىق ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنىڭ سانىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارغا قارىغاندا نەۋائىي ئىشلەتكەن سۆزلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2