شائىر مۇھەممەد بىننى ئابدۇللا خاراباتى ( مىلادىيە 1638 - 1730 ) ئاقسۇ ناھىيەسى ، ئېگەرچى يېزىسى چوغتال كەنتىدىن بولۇپ، يەكەن خانلىقىنىڭ ئاخىرى، خوجىلار زامانىسىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىدا ياشىغان.
مۇھەممەدنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى داۋاملىق ئوقۇتۇشقا كۆپ كۈچ چىقارغان. ئۇ ئاقسۇ، قەشقەر، بۇخارا قاتارلىق ئوتتۇرا ۋە ئالىي دەرىجىلىك مەكتەپ-مەدرىسلەردە بىلىم تەھسىل قىلىپ، ئۇيغۇر، جۈملىدىن شەرق مۇسۇلمان ئەللىرى ئەدەبىياتى، پەلسەپە، مەنتىقە قاتارلىق ئىلىملەرنى پۇختا ئۆزلەشتۈرگەن. ئۆز يۇرتىغا كەلگەندىن كېيىن ئىماملىق ۋە مۇددەرىسلىك بىلەن شۇغۇللانغان.
مۇھەممەدنىڭ ئىجادىي تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى بۇخارادا ئوقۇپ تۇرغان چاغلىرىدا سېزىلىشكە باشلىغان. ئۇ، ئۇ يەردە فىقھى، ئىسلام پەلسەپىسىگە دائىر يىرىك مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىپ، مەكتەپداش تالىپلار ۋە مۇددەرىسلەر ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغان. ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن دىنىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن ئىلمىي-ئىجادىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەت، تولغان ئەقىل - پاراسەت يۇرتداشلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ. ئىناۋىتى يۇقىرىلاپ، كىشىلەر چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئىخلاس قىلىدىغان مۆتىۋەر زاتقا ئايلىنىدۇ، دانىشمەن ئالىم سۈپىتىدە ئىززەتلىنىدۇ. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئالىمنى ئالاھىدە ئۇلۇغلاپ «ھاجى خاراباتى» مەقبەرىسى ۋە خانىقاسىنى تىكلەيدۇ. ئالىمنىڭ خانىقاسى ئۆلىما-تالىپلار، ئىلىمخۇمار كىشىلەر توپلىنىپ مۇنازىرە، مۇتالىئە ئېلىپ بارىدىغان ، ئىلمىي ئۇتۇقلىرىنى كۆرەك قىلىدىغان بىر ئىلىم دەرگاھىغا ئايلىنىدۇ.
مۇھەممەد «خاراباتى» تەخەللۇسى بىلەن ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى «كوللىيات مەسنەۋى خاراباتى»، «مەسنەۋى خاراباتى» نامىدا توپلام قىلىنغان. ئالدىنقىسى 13 مىڭ مىسرا ھەجمىدە بولۇپ، شائىر 88 ياشقا تولغاندا توپلام قىلىنغان.
«كوللىيات مەسنەۋى خاراباتى» رېئالىزىملىق ۋە خەلقچىللىق روھقا باي ئەسەر ، «كوللىيات مەسنەۋى خاراباتى» نىڭ قوليازما ۋە تاش باسما ھالەتتىكى بىر قانچە نۇسخىسى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇلاردىن مىلادىيە 1822-يىلى ئاقسۇلۇق كاتىپ موللا مۇھەممەد خوجا بىننى موللا توختى سوپى ئاخۇن تەرىپىدىن كۆچۈرۈلۈپ، ھازىر ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا ساقلىنىۋاتقان قوليازما نۇسخىسىنى، مىلادىيە 1909-يىلى تاشكەنت ئارىپجانوپ مەتبەسىدە بېسىلىپ، ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسىنى، يەنە تەخمىنەن مىلادىيە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تاشكەنت «غۇلامىيە» مەتبەسىدە بېسىلىپ، ھازىر مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن .