گۈلمىرە شەمشىدىن ھاجى نىيازى يازمىسى
ئېشەككە ھارۋىنى قېتىپ، ھارۋىغا بىر پارچە كىگىز، ئەسكى كۆرپىنى سېلىپلا، ئىككى پۇتىمىزنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ، لىككى لىككاڭ ئېتىزغا باراتتۇق، ئېتىزغا بېرىش يولىدا، ئىگىسى يوق ئېتىزلاردىن بۆلجۈرگەن ئوغرىلاپ يەيتتۇق، ھەتتا سەۋزە ئوغرىلىغان چاغلىرىمىزمۇ بولغان. بىر چاغدا ئەمدى سەۋزىنى كولاۋاتساق، بىر يەردىن ۋارقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى، قاچە، قاچ! ئەسلى، قوناقلىققا كىرىپ كەتكەن ئىگىسى بىزنى كۆرۈپ قاپتۇ ئەمەسمۇ!
ئېتىزىمىز بەكلا يىراق بولغاچقا چۈشلىكى ئېتىزدا ئىشلىگەنلەر ئۆيگە قايتمايتتى، مەن ئەمدى شۇ كىچىك بولغاندىكىن يۈگۈر يېتىم ئىشلىرىغا يۈگرەيمەندە، ئۆيگە كەلسەم، چوڭ ئانام تاماقنى سېلىپ تەييار قىلىپ قوياتتى، مەن تاماقنى بىر قولۇمغا، يوغان چاي چۆگۈنىنى بىر قولۇمغا كۆتۈرۈپ ئېتىزغا ماڭاتتىم. مايماق كۆتۈرۈپ، ھېلىقى تاماقنىڭ سەي سۈيى تۆكۈلۈپ، قۇرغاقلا بولۇپ قالاتتى، بىچارە تاغىلىرىم ئامال يوق يەيتتى دە...
شۇ چاغلاردا ھېلىقىدەك بىر ۋېلىسپىتكە ئاپئاق يەشىكنى تېڭىپ، يېزىمۇ يېزا، كەنتمۇ كەنت يۈرۈپ چوكا مۇز ساتىدىغانلار بولىدىغان، ئېسىڭلاردا بامىكىن؟! شۇ چوكا مۇز ساتىدىغاننىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بىز ئۈچۈن شۇنداق ئېنىقتە، ھەپتىنىڭ قانچىسى چۈشتىن كېيىنمۇ چۈشتىن بۇرۇنمۇ ئىشقىلىپ كېلىدىغان چاغدىلا دەرۋازىنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋالاتتۇق، ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن ئانىمىزدىن پۇل ئېلىش بىر جەڭدە... مەن مۇنداق ئالاتتىم پۇلنى:
- ئانوۋ،،، ئانوۋ....-يېنىغا بېرىپ، ئاغزىمنى ئېچىپ، ئېتىكىگە سۈركىلەتتىم. مۇشۇ قىلىقىم چىققان كۈنى ئېنىقلا مېنىڭ پۇل دېگەن كۈنۈم!
بىزنىڭ چوڭ ئۆيدە بىر قىزىل ساندۇق بولىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرۇنقى رەڭسىز تېلىۋىزوردىن بىرسى قويۇقلۇق. ھېلىقى تېلىۋىزور تۇرۇپ تۇرۇپ چىقماس بولۇپ، گىژىلداپ تۇرۋالاتتى، تاغام مېنى سىرتتىكى ئانتېننا خادىسىنى ئۇياق بۇياق تېپىپ بېقىشىمنى بۇيرۇيتتى، مەن تولا تېپىپ، ئۆيگە قاراپ ۋارقىرايتتىم:
- چىقتىمۇ؟ چىقتىمۇ؟
- چىقتى! ھە بولدى،- مەن ئەمدى قويۇۋېتىشىمگە، يەنە تاغامنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى:
- ھەييى، يەنە چىقمىدى، بىردەم شۇنداق تۇتۇپ تۇرە!
ئەسلى مېنىڭمۇ شۇ كىنونى كۆرگۈم باتتى ئەمەسمۇ!```````
ئاشۇ قىزىل ساندۇقتا شۇنداق پەيزى يېمەكلىكلەر بار ئىدى. بۇرۇنقى قاراشېكەرلەر ھەقىقەتەن ساپ جۇمۇ، يەنە تېخى قۇرۇق يەل-يېمىش، كەمپۈت ئىشقىلىپ بەك جىق نەرسىلەر باتتى. مەن ئۈچۈن ئۇ ساندۇق بىر خەزىنە... نەۋرە ئىنىم ئىككىمىز سىرتتا ئويناپ ئويناپلا بىر نەرسە يېگۈمىز كېلىپ قالسا، ئاشۇ ساندۇقنىڭ ئالدىدا تۇرۋالاتتۇق،«نېرى تۇر، تېلىۋىزورنىڭ ئالدىنى توسۇۋالدىڭ!» دېگەنلەر كار قىلمايتتى، قاچان شۇ نەرسىلەردىن ئېلىپ بەرمىگۈچە، نەپسىمىز تاقىلداپ كېتەتتى. كېيىنچە بىز تولا قۇلۇپ سالمىغان چاغلاردا ئۆزىمىز ئېلىپلا يەۋېلىپ، چوڭ ئانام بىزنىڭ ئاغرىپ قېلىشىمىزدىن ئەنسىرەپ، ئۇ نەرسىلەرنى باشقا جايغا قويۇپ قويۇپتۇ. بىز ئۈچۈن بىردەمچىلىكتە ئۇلارنى تېپىش. نەۋرە ئىنىم ئىككىمىز بىردەم يوقاپ كەتسەكلا، چوڭ ئانام بوۋامنىڭ ھاسسىنى كۆتۈرۈپ ئىزدەيدۇ. ئەلۋەتتە، بىر قېتىمدىلا تېپىۋالىدۇ، چۈنكى بىز يەنىلا شۇ يەيدىغان نەرسىلەرنى تىقىپ قويغان يەردە، مۆكۈنۈپ تازا يەۋاتقان تۇرساق...
ھاممام سەيپۇڭخانا ئاچىدىغان بازارنىڭ ئارىلىقى بىزنىڭ ئۆيگە سەل يىراقراق ئىدى، كۈندە چۈشتە ئۇنىڭغا تاماق توشۇش بىر ۋەزىپە. باشتا ئاچام ئىككىمىز بىر كۈندىن توشۇدۇق، كېيىنچە، ئاچام توشۇغىلى ئۇنىمىدى. مەن بوزەك بولامدىم؟ مەنمۇ ئۇنىمىدىم، ئەمما بىر تاكتىكا بەك ئىشلەپ كەتتى-دە ماڭا، ئۇ بولسىمۇ، كۈندە چۈشتە تاماق توشۇپ ئاپارسام، ھاممام ماڭا ياندىكى دۇكاندىن بىر تال چوكا مۇز ئېلىپ بېرەتتى. مەن شۇ چوكا مۇزنى كۆزلەپ بولسىمۇ، بىر يىلدىن ئارتۇق تاماق توشۇغانىدىم.
بىزنىڭ يەنە شۇ چوڭ ئۆينىڭ بىر كىلومېتىر نېرىسىدا بىر چوڭ خامان بولىدىغان، ئىشقىلىپ مۇشۇ كەنتتىكى ھەممە خەقنىڭ خامىنى توپلاشقاندەك. خامان تېپىدىغان چاغدا بەزىلەر ئات، ئېشەك، قېچىرلار بىلەن تۇلۇقنى قېتىپ تەپسە، بەزىلەر تراكتورنىڭ توچىيىنى چىقىرۋېتىپ بېشىغا تۇلۇقنى قېتىپ تېپەتتى. خامان سورىدىغان بىر مەزگىل بار، شامال چىقىپ بەرسە ياخشى، ئەگەردە شامال چىقمىسا دېھقانلار ئاشۇ شامال چىقىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ ۋارقىرايتتى:«ھولېي ھولېي ھولېي ھولېي...» دەپ. يا بىر ئۇ شامالنى ھېلىقىدەك شامال بېرىش ماشىنىسىدا بەرگىلى بولمىسا.
مۇشۇ خامانلىقتا، بىر مۇنچە كۈن ئۆتىدۇ، شۇ ۋاقىتتا، چۈشلۈكى تۈگۈل كېچىسىمۇ مەخسۇس ئادەم يېتىپ خامانلىققا قارايتتى. بىزنىڭ قوشنىمىز شۇ خامانلىقتا يېتىپ سوغۇقتا شامالداراپ قاپتىكەن، ئاغزى بىر تەرەپكە مايماق بولۇپ، شۆلگىيى توختىماي ئاقىدىكەن. شۇ بىر ئىش بىلەن، خوتۇنلار گەپ تاپسا كۆرۈڭ، خامانلىقتا جىن باركەن، ئاۋۇ خالىق ئاخۇننىڭ بالىسى ئىرايماخۇن شۇ خامانلىقتا بىر ئاخشام يېتىپلا جىن تېپىۋېتىپتۇ، كۆزلىرى ئالىيىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك ئۆرلەپ يېتىپتۇمىش....ئۇ بالىغۇ ئانىسىنىڭ ئوبدان ئىسسىقلىق قىلىپ كۈتۈشى بىلەن ساقىيىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ خېلى جىق ئادەملەر ياتتى، ھېچكىم ئۇنداق بولمىدى. ئەمما، شۇنداق بولسىمۇ، مەن مۇمكىن ئەمەس، خامانلىققا يېقىن يوللىمىدىم، يۈرەكلەر سۇ ھە!
قوي باقىدىغان ۋاقىتلىرىمىز قىززىقتى تېخى، قويلارنى ئېغىلدىن ئەچىقىش ئاسان، كەچتە ئېغىلغا كىرگۈزۈش بىر جەڭ. مەھەللىدىكى بالىلار قويلىرىنى ھەيدەپ كەلگەندىكىنلا، مەنمۇ تەڭلا قويلىرىمنى ھەيدەپ چىقاتتىم. نەچچەيلەن قويلىرىمىزنى بىرلەشتۈرىۋېتىپ، دامبا (خابا دەيمىز ئادەتتە) دا ئولتۇرۇپ، ياۋا ئۈزۈملەرنى تېرىپ، تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ، بەزىدە كىتاب ئوقۇپ، بەزىدە ئويۇن ئويناپ دېگەندەك كۈننى كەچ قىلاتتۇق. ئويۇن بىلەن بولۇپ كېتىپ، بەزى قويلارنى تاپالماي، ئىزدەپ كېتىۋاتقان، كەچتە سانىساق بەزىلەرنىڭ ئارتۇق، بەزىلەرنىڭ كەم چىقىۋاتقان، قوشنىلارنىڭ قوتانلىرىغا كىرىپ قوي ئىزدەپ كېتىۋاتقان....