باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

ئىستۇدېنتلارغا توققۇز نەسىھەت

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2014-12-08 16:20:01

‹‹ئىستۇدېنتلارغا توققۇز نەسىھەت›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !


1.مەكتەپ قىرائەتخانىسىغىلا كىرىۋالماڭ. ئىلمىي ئۇنۋانىڭىز يۇقىرى بولغان تەقدىردىمۇ، كەلگۈسىدىكى خىزمىتىڭىز ئۈچۈن تەييارلىقلىرىڭىزنى پۈتگۈزگەن بولۇشىڭىز ناتايىن. ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتىڭىزدا ئېرىشىدىغىنىڭىز پەقەت يۇقىرى نومۇرلار ئەمەس، بەلكى مول ھاياتىلىق تەجرىبىلىرى بولۇشى كېرەك.
2.ياتىقىڭىزدا سودا قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. بۇنىڭغا كېتىدىغان چىقىممۇ ئاز، بۇ ئەلۋەتتە ئاشخانىلاردا قاچا يۇغاندىن ياخشىراق. كېچىچە توردا قارتا ئوينايدىغانلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، توردا تىكىشىپ قارتا ئويناش بولسا قىمار، ھەرگىزمۇ سودا ئەمەس، قىمار ئادەمنى خۇمار قىلىدۇ.
3.باشقىلارغا قەرز بولماڭ. بۇ ئادەتتىكى مەكتەپ ياكى داڭلىق، ئوقۇش پۇلى قىممەت پۇقراۋى مەكتەپلەرنى تاللىشىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك مەسلە. كۆپلىگەن كىشلەر ئادەتتىكى مەكتەپلەردىمۇ ياخشى تەلىم-تەربىيەدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ، دېگەن قاراشقا قوشۇلىدۇ، شۇڭا قەرزى يوق بولۇش قەرزدار بولۇپ داڭلىق مەكتەپتە ئوقۇغان، دېگەن نامنى سېتىۋالغىنىڭىزدىن ياخشىراق.
4. مەكتەپ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىڭ. بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق باشقىلارنى چۈشىنىشنى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى، باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ۋە باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى ئۆگىنىۋالالايسىز.
5. ئىجتىمائىي پەن ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇماڭ. ئىنگلىز تىلى دوكتور ئاسپېرانتلىقىدا ئوقۇغانلاردىن ئاز قىسمىلا ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خىزمەت تاپالايدۇ. مەكتەپ سىرتىدا ئىلمىي ئۇنۋاننىڭ سىزگە ھېچقانچە پايدىسى تەگمەيدۇ، پەقەت ئىلمىي ئۇنۋان ئۈچۈن جىقراق پۇل خەجلەش پۇرستىگە ئىگە بولىسىز، خالاس.
6.دائىم چېنىقىپ تۇرۇڭ. تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىۋېرستېتتىكى چاغدا چېنىقىپ تۇرىدىغانلارنىڭ كىرىمى ئۇيقۇچان، ھۇرۇنلارنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ يۇقىرى ئىكەن، سىزنىڭ تەنتەربىيە ماھىرى بولۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت بىرەر كوماندىغا ئەزا بولۇپ چېنىقىپ تۇرسىڭىزلا بولىدۇ.
7. ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزدىن كۈتكىنى بويىچىلا ياشىماڭ، بولمىسا، بىر كۈنلەردە ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىڭىزنى بايقايسىز.
8. ئۆزىڭىز قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىپ سىناپ كۆرۈڭ. ئىش قىلغاندا نەتىجە قازىنىشىڭىزنىلا ئويلىماي، خۇشاللىققا ئېرىشىشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىڭ.
9. مۇۋەپپەقىيەتكە ئۆزىڭىزگە خاس قارىشىڭىز بولسۇن، مۇۋەپپەقىيەتنى پۇل، نام-ئاتاق بىلەن ئۆلچىمەڭ.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2