باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

يالقۇن روزى : ئەلۋىدا، قەھرىمانىمىز ئابدۇراخمان ئابلىكىم

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-01-22 02:17:19

‹‹يالقۇن روزى : ئەلۋىدا، قەھرىمانىمىز ئابدۇراخمان ئابلىكىم›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !


ئەلۋىدا، قەھرىمانىمىز ئابدۇراخمان
يالقۇن روزى
 ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى ھەسرەتكە تولدۇرغان بىر مۇسۇبەت خەۋىرى 2015- يىلى 1- ئاينىڭ 21 – كۈنى چۈشتە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىن دۇنيانىڭ جاي جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا تارقالدى.بۇ تۇيۇقسىز شۇم خەۋەردىن ۋاقىپلانغان ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئىشىنەلمەي ھەيرانلىق ئىلكىدە باشلىرىنى چايقاشتى.ئۇلار مىللىتىگە شەرەپ بەرگەن باھادىر ئوغلى، ئاسىيا بوكس چىمپىيۇنى ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ شۇ قەدەر ساغلام ۋە ياش ھاياتىنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز ئاخىرلاشقانلىقىغا قاتتىق قايغۇرۇشتى. قەلبى مۇسۇبەت مۇڭىغا تولغان ئۇيغۇرلار كۆپكۆك كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ تۇرىدىغان، يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدىن پالۋانلارغا خاس مەغرۇر سالاپەت چىقىپ تۇرىدىغان بۇ باھادىر ئوغلىنىڭ ئۇنتۇلماس ئوبرازىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشتى.

ئابدۇراخمان ئابلىكىم 1978 – يىلى 6 – ئاينىڭ 1- كۈنى ئالتاي شەھىرىدە، قاراخانىيلارنىڭ ئاستانىسى بولغان قەشقەر شەھىرىنىڭ چاسا كوچا مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئابلىكىم ئاكا بىلەن ئاتىكەم ھەدىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان.بوكسقا ئوتتەك ئىشتىياقى بار ئابدۇراخمان 16 يېشىدا شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا تاللىنىپ، شىنجاڭ بوكسچىلىقىنىڭ بەرپاچىسى ئابلىكىم ئابدۇرېشىتنىڭ مەشقاۋۇللىقىدا تەربىيەلەنگەن. ھەرقانچە جاپالىق مەشىق بولسىمۇ قىلچە ۋايساشنى بىلمەيدىغان،چىدامچانلىقى ۋە سەۋىرچانلىقى ئاجايىپ كۈچلۈك ئابدۇراخمان تەربىيەلىنىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تۇغما بوكسچىلاردا بولىدىغان بەدەن ساپاسىنى ۋە پىسخىكىلىق ساپاسىنى نامايەن قىلىپ ئۇستازىنى ۋە كەسىپداشلىرىنى مەمنۇن قىلغان ھەم ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە بىر دۇنيا چىمپىيۇنى بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. 1999 – يىلى ئۆزبىكىستان پايتەختى تاشكەندە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگراملىقلا گۇرۇپپىسىدا چىمپىيۇن بولۇپ خەلقىمىزنى چەكسىز ھاياجانغا چۆمدۈرگەن.
ئاسىيا بوكس چىمپىيۇنى ئالتۇن كەمىرىنى 21 يېشىدا بېلىگە باغلىغان ئابدۇراخمان ئابلىكىم شۇنىڭدىن كىيىن تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە كۆپ قېتىم شەرەپ قۇچۇپ جۇڭگو بوكس ساھەسىدىكى خەلقئاراغا تونۇلغان، سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان ئەزىمەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
ئۇ 2009 –يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدا مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر زېھنى كۈچى ۋە مول تەجىربىسى بىلەن يېڭى بىر ئەۋلاد بوكسچىلارنى تەربىيەلىگەن.
ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ شەخسىيتىدىن ئېيتقاندا،ئۇ مىجەزى ئېغىر، گەپ-سۆزى ئاز، سەمىمىيىتى كۈچلۈك،يالغان-ياۋىداق گەپلەر بىلەن خۇشى يوق، غەيۋەت-شىكايەتكە نەپرەتلىنىدىغان،دوست تۇتۇشقا ئامراق، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان، مەسىلىلەرنى مەرت-مەردانىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىغان، مىللىي تۇيغۇسى ساغلام، كىتاب ئوقۇشقا، تەپەككۇر قىلىشقا ھېرىسمەن ئالىيجاناپ ئىنسانىي پەزىلەتكە ۋە ئېسىل ئادەتكە ئىگە باھادىر ئەزىمەت ئىدى.
ئابدۇراخمان ئابلىكىم 21- چىسلا سەھەردە ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدە يۈرەك-مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن 37 يېشىدا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتى.ئۇنىڭ ئايالى ئاينۇر ئىككى قىزىنى ئېلىپ تۇققان يوقلاپ خوتەنگە كەتكەن بولغاچقا، ئابدۇراخمان كېسىلى تۇيۇقسىز تۇتقاندا ئىككى ئاغىنىسىغا جىددىي تېلېفون بېرىپ ئۆزىنىڭ بولالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار دوختۇرغا ئاپپىرىش مەقسىتىدە ئۈلگۈرۈپ كەلگىچە ئۇنىڭ ئادەمدە ئۇنتۇلماس تەسىر قالدۇرىدىغان كۆك كۆزلىرى مەڭگۈلۈك يۇمۇلغان.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ئابدۇراخمان ئارىمىزدىن ئەنە شۇنداق تۇيۇقسىز كەتتى.ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئايالى ئاينۇر دادىسىدىن يېتىم قالغان ئىككى قىزىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتقىنىچە بۇ بىۋاپا دۇنيادا تۇل قالدى. ئابدۇراخماننىڭ دادىسى ئابلىكىم ئاكا بىلەن ئانىسى ئاتىكەم ھەدە تەقدىرگە تەن بېرىپ باھادىر ئوغلىنىڭ دوستلىرىغا ئېسىلغىنىچە تاراملاپ ياش تۆكتى. جۇڭگو بوكس شاھى ئابدۇشۈكۈر مىجىت قاتارلىق جان-جىگەر سەبداشلىرى ئۇنتۇلماس ئۇستازى مەرھۇم ئابلىكىم ئابدۇرېشىتنىڭ يېنىغا كەتكەن بۇ قېرىندىشىنى «ئەلۋىدا،ئابدۇراخمان،جايىڭ جەننەتتە بولسۇن»دىيىشىپ ھەسرەت ئىلكىدە ئۇزۇتۇپ قويۇشتى. بۇغدا تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى ئاپپاق قار بىلەن چۈمكەلگەن گۈلساي قەبرىستانلىقىدا يېڭى بىر قەبرە پەيدا بولدى.شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ مەشىق زالىدا بىر جۈپ پەلەي بوش قالدى.


 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2