نۇرغۇنلىغان ياپونغا قارشى ئۇرۇش قىلغان كىنولاردا ياپون باسقۇنچىلىرىنىڭ كەنتكە بېسىپ كىرگەن سەرخىل كۆرۈنۈشلىرى چىقىدۇ. ئۇنداقتا ھەقىقىي ئۇرۇش داۋامىدا ياپون باسقۇنچلىرىنىڭ كەنتكە قانداق ھالەتتە بېسىپ كىرگەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئەلۋەتتە بىلمەيسىز، ئۇنداقتا بىز بۇ ھەقتىكى بەزى رەسىملەرنى كۆرۈپ باقايلى.
«ئالۋاستى» دېگەن بۇ سۆزنى جۇڭگولۇقلار ياپونىيەنىڭ ئەينى چاغدا جۇڭگوغا باستۇرۇپ كىرگەن ئەسكەرلىرىگە قارىتا كەشىپ قىلىۋالغان سۆزى ياكى چەتئەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ، چەتئەل ئالۋاستىلىرى، مەسىلەن: ئەنگىلىيە ئالۋاستىلىرى، ئامېرىكا ئالۋاستىلىرى، گېرمانىيە ئالۋاستىلىرى دېگەندەك.
ئەڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، جۇڭگولۇقلار چەتئەللىكلەرنى تىللىسا دائىم مۇشۇ «ئالۋاستى» دېگەن گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىكەن. ئەگەر جۇڭگولۇقلار بىر-بىرىنى تىللىسا دائىم «قاراقچى، باندىت» دېگەندەك گەپلەر بىلەن تىللايدىكەن. «لىياۋجەي رىۋايەتلىرى» دە داۋجياۋ راھىبى بولسا «ئالۋاستى» دېگەن گەپنى «شەيتان» غا ئىشلىتىدىكەن.
چۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ دەسلەپكى تاجاۋۇز قىلىشنى ئاق تەنلىكلەر باشلىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى غەلىتە رەسىملەرنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئالۋاستىلار ناھايىتى سەت ھەم غەلىتە سىزىلغان. شۇڭا جۇڭگولۇقلار بەش ئەزاسى غەلىتە بولغان ئاق تەنلىكلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ «ئالۋاستى» دەۋالغان. بۇ خىل ئاتالغۇ كېيىن «تاجاۋۇز قىلغۇچىلار» دەپ ئومۇملاشقان.
ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە «ياپون ئالۋاستىلىرى» جۇڭگو زېمىنىغا باستۇرۇپ كىرگەچكە «ئالۋاستى» دېگەن ئۇقۇم ياپون ئالۋاستىلىرىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن.