تۇرپان قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەر بولۇپ، تەخمىنەن ئالتە، يەتتە مىڭ يىل ئىلگىرىكى يېڭى تاش قۇراللار دەۋرىدىلا ئىنسانلار بۇ يەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. ئىنسان پائالىيىتى سۇ مەنبەسىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەڭ دەسلەپكى ئىنسانلار ئەڭ بىۋاستە، ئەڭ قۇلايلىق سۇ مەنبەسىدىن پايدىلىنىپ، تۇرمۇش كۆچۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغان، ئەمما بۇ خىل سۇ مەنبەسى تۇرپان ئويمانلىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇلاق سۈيىدىنلا ئىبارەت.
تۇرپان ئويمانلىقىدا نوپۇسنىڭ تېز كۆپىيىشى، ئىقتىسادنىڭ ئۈزلۈكسىز گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلغان، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇلاق سۈيى ۋە بۇلاق كولاپ چىقارغان سۇنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى، يېڭىدىن سۇ مەنبەسى تاپمىسا بولمايدىغانلىقىنى بارغانسىرى ھېس قىلىشقا باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار ئەڭ ئۇلۇغ ئىجادىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان - يەر ئاستى قانال كارىزنى ئىجاد قىلغان.
كارىز- شىنجاڭدىكى ئەمگەكچى خەلق، بولۇپمۇ جۇڭگو شىنجاڭ تۇرپاندىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۇزۇندىن بۇيان ئىشلەتكەن، ئالاھىدە بولغان يەر ئاستى سۈيىنى ئۈنۈملۈك ئېچىپ پايدىلىنىش ئۇسۇلى ھىسابلىنىدۇ. شۇنداقلا خەلق ئاممىسى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، ئۇزۇن مۇددەت قۇرغاقچىلىق بىلەن كۈرەش قىلىش ئەمەلىيىتىدە ئىجاد قىلغان مۇنەۋۋەر سۇ قۇرۇلۇشى ھەم تۇرپاندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەقىل پاراستىنىڭ جەۋھىرى، كارىز يەر ئاستى سۈيىنى يەر ئاستى ئېرىقى ئارقىلىق يەر ئۈستىگە چىقىرىدۇ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ كەتمەيدۇ، كارىز سۈيىنىڭ مۇقىملىقى، قىش- ياز توختىماي ئېقىپ تۇرىدىغانلىقى، پايدىلىنىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئۆزلۈكىدىن ئېقىپ يەر ئۈستىگە چىقىدىغانلىقى ئۈچۈن، قۇرغاق رايونلارنىڭ تەبىئىي مۇھىتىغا ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ. كارىز قۇرغاق رايوندىكى تارىخىي ئۇزۇن، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سۇغىرىش ئەسلىھەسى بولۇش سۈپىتىدە ئىنسانلارنىڭ ماددىي مەدەنىيەت يارىتىش تەرەققىياتىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە كارىز يەنىلا قورغاق رايونلاردىكى قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم سۇغىرىش ئۇسۇلى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
تۇرپان ئويمانلىقى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، تۆت ئەتراپىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. ھۆل- يېغىن ئاز، ھاۋاسى قۇرغاق ۋە ئىسسىق، پارغا ئايلىنىش كۆپ، قۇم بۇران ۋە قۇرغاق ئىسسىق شامالنىڭ تەھدىتى ئېغىر. ئويمانلىقنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇىسى 13.9 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 49.6 سېلسىيە گىرادۇس ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىسى29.9- سېلسىيە گرادۇس، كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 16.5 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىشى 2 مىڭ 844 مىللىمېتىر بولۇپ، تىپىك ئىچكى قۇرۇقلۇق قۇرغاق كىلىماتقا كىرىدۇ. ئەقىل پاراسەتلىك تۇرپان خەلقى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان قۇرغاق رايون كىلىماتىغا ماس كېلىدىغان كارىزلارنى قېزىپ سۇ باشلاپ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.