باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! كەچلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن بۇگۈن:5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى يەكشەنبە
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكىتى ۋە كۆڭۈل ئېچىش

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-28 02:10:17

‹‹شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكىتى ۋە كۆڭۈل ئېچىش›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

     مەلۇمكى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ۋە تەنھەرىكەت ئويۇنلىرى بولىدۇ. مەيلى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بولسۇن، مەيلى تەنھەرىكەت ئويۇنلىرى بولسۇن، ھەممىسىدە كۆڭۈل ئېچىش بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، غەيرەتلىك، شىجائەتلىك، چىداملىق روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرۈش، پەم - پاراسەتنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ.

     سەنئەت ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى بولغىنىدەك، نۇرغۇن تەنھەرىكەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىمۇ ئەمگەكنىڭ تۇغۇندىسىدۇر. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئۇزاق تارىختىن بۇيان، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق داۋامىدا، ئات ئۈستى مەدەنىيىتى، تېرىم مەدەنىيىتى، ئوۋچىلىق مەدەنىيىتىگە ئائىت نۇرغۇن كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى ۋە تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى ئىجاد قىلغان ھەم ئۇنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ ئويناپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان نورۇز بايرىمى، موڭغۇللارنىڭ نادام بايرىمى قاتارلىق بايرام ۋە توي مۇراسىملىرىدا شۇنداقلا ئازسانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە ئات بەيگىسى، تۆگە بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، قىزقۇۋار، چېلىشىش، ئوقيا ئېتىش، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇشقا ئوخشاش تەنھەرىكەت تۈرلىرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرماقتىمىز. بۇ ئويۇن ياكى تەنھەرىكەتلەر تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا بىر قانچە مىللەتنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت بايلىقىغا ئايلىنىپ كەتكەن. مەسىلەن: ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىقلار ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئاممىۋى تەنھەرىكەت پائالىيىتىگە ئايلانغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان، ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى ھېسابلىنىدىغان چېلىشىش شەكىل ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ھەممە مىللەتكە ئورتاق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن. مەيلى مۇھەببەت ئىزھار قىلىش شەكلىنى ئالغان قىزقۇۋاردا بولسۇن، مەيلى جىددىي تۈس ئالغان ئوغلاق تارتىشىش ياكى ئات بەيگىسىدە بولسۇن، ھەممىسىدە ئات ئۈستى مىللەتلىرىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان جۇشقۇن ھېسسىياتى ئىپادىلىنىدۇ. شىنجاڭدىكى مىللىي تەنھەرىكەت تۈرلىرى ئىچىدە، يۇقىرىقىدەك باتۇرلۇقنى نامايان قىلىدىغان تۈرلەردىن باشقا، ئىلەڭگۈچ ئۇچۇش، تۆگە بەيگىسى، ساغاردى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى تەنھەرىكەت تۈرلىرىمۇ بولۇپ، ئۇلاردىمۇ مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسى نامايان بولىدۇ.

      توخۇ سوقۇشتۇرۇش، قوچقار، بۇقا سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش قاتارلىقلاردا ئادەم بىلەن ئادەم بىۋاسىتە ئېلىشمىسىمۇ، بۇلاردا بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى ئۇتۇش شەكلى مەۋجۇت بولغاچقا، بۇلار ئەنئەنىۋى خەلق ئويۇنلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

     ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، پارتىيە مىللىي سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە(شەھەر)لەردە مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىنى قېزىش، رەتلەش، قۇتقۇزۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش چىڭ تۇتۇلدى. كۆپلىگەن ناھىيە(شەھەر)لەر بايرام كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ، خەلقنىڭ بۇنداق ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بەردى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرىلا ئازسانلىق مىللەت ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى تەنتەربىيە دەرسلىكىگە كىرگۈزۈپ، ھەم ئالىي مەكتەپ تەنتەربىيە دەرسلىكىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى، ھەم ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلدى.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2