باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

دۇنيا بويىچە ئاجايىپ سىرلىق 20 جاينى بىلەمسىز؟

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2014-12-15 17:14:38

‹‹دۇنيا بويىچە ئاجايىپ سىرلىق 20 جاينى بىلەمسىز؟›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !




1.ئىتالىيەدىكى Grotta Palazzese مېھمانخانىسى: ئۇ دۇنيا بويىچە جۇغراپىيىلىك ئورنى ئەڭ ئېگىز بولغان مېھمانخانا، Polignano غا جايلاشقان تىك قىيا، بالى ئارىلى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىر كېلىدىكەن.



2.فىرانسىيە لوئا ئالىپ تاغ تىزمىسى: فىرانسىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، تاغ چوققىسىنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرى يەر يۈزىدىن 2100 مېتىر ئېگىز. يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارايدىغان بولسىڭىز، مەنزىرىسى ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق.




3.ناۋرۇ مىكرونېزىيە: ناۋرۇنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ بۇ كىچىك ئارال دۆلىتىنىڭ نوپۇسى 10 مىڭغىمۇ يەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ باشقىلار بىلمەيدىغان، ساياھەتچىلەر ئەڭ ئاز بارىدىغان جاي.



4.بۇتان پارو تاغ تىزمىسى يولۋاس غارى ئىبادەتخانىسى: 17-ئەسىلەردە بۇ ئىبادەتخانا 914 مېتىر ئېگىزلىكتىكى پارو دەرياسىنىڭ تىك قىيا بويىغا جايلاشقان. رىۋايەتلەردە ئېيتىلغان ئىككىنچى بۇددا ئۇستازى بۇ يەردىن يولۋاس مىنىپ ئۆتكەنكەن. ئۇ بىر يەردىكى تاغ ئۆڭكۈرىنىڭ ئىچىدە ئۈچ يىل، ئۈچ ئاي، ئۈچ ھەپتە، ئۈچ كۈن، ئۈچ سائەت چوڭقۇر خىيالغا چۆمگەنكەن. يولۋاس ئىبادەتخانىسى بولسا شۇ بۇددا ھەزەرىتىنىڭ غارىنى قوغداش ئۈچۈنكەن.



5.كرودىيە دۇبروۋنىك: ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان ھەمدە قەدىمىي شەھەرنى ياخشى قوغدىغان بۇ شەھەر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قۇرۇلۇشلار بىلەن توشۇپ كەتكەن.



6.ئىسپانىيەدىكى ئەڭ گۈزەل كىچىك بازار Albarracín : ئۇ دۇنيا مەدەنىي مىراسلىرىنىڭ بىرى. Albarracín دىكى مەدەنىيەت باغچىسىدىكى تىك قىيا ئاستىدىكى ئۆڭكۈر قىيا تاش سىزمىلىرى، يەنە يۇمىلاق شەكىلدىكى ئىشىك تۇتقۇچى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.



7.مالتادىكى MARSAXLOKK كوچىسى: بۇ يەردە ناھايىتى چوڭ بولغان بېلىق تۈرى بازىرى بار. ھەر يەكشەنبە كۈنى شەھەردە سودا بازىرى ئېلىپ بارىدىكەن.



8.شىۋىتسارىيەدىكى Aescher مېھمانسارىيى: سىز چوقۇم پىيادە ياكى فۇنىكۇليۇرغا ئولتۇرۇپ بېرىشىڭىز كېرەك. لېكىن ئىچىدە تۈرلۈك يېمەكلىكلەر ۋە يېقىن ئەتراپتىكى چىغىر يول كىشىنى تەۋەككۈل قىلىشقا قىزىقتۇرىدىكەن.



9.ھاۋاي شىتاتى سېرىكچى پەلەمپىيى: بۇ يەر جەننەتنىڭ پەلەمپىيى دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئوئاخۇ ئارىلىنىڭ ئۈستىدە پىيادە مېڭىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. كىچىك يول ئىنتايىن تىك بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 850 مېتىر، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىسىڭىز مەنزىرە ئىنتايىن چىرايلىق كۆرىنىدىكەن.





10. مۇز ئارىلىدىكى Þingvallavatn كۆلى: كۆل شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چېگرىغا جايلاشقان. تەلەيلىك غەۋۋاسلار بۇ يەردىكى ئىككى قۇرۇقلۇق ئارىسىكى ئارىلىقتا سۇغا شۇڭغۇسا بولىدىكەن.



11.ماراكەش غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى Chefchaouen: Chefchaouen نىڭ ئەڭ داڭقى چىققان نەرسىسى بولسا ئۇنىڭ كۆك رەڭلىك قۇرۇلۇشى، ئادەمنى بىر خىل راھەت تۇيغۇغا كەلتۈرىدىغان رەڭلەر تەڭشەلگەن.



12.ئاۋىستىرالىيەدىكى Lord Howe Island ئارىلى: بۇ گۈزەل ئاراللارنىڭ كۆپ قىسمى تېخى كىشىلەر تەرىپىدىن ئېچىلمىغان. ھەر يىلى پەقەت 400 نەپەر ساياھەتچى ساياھەت قىلىش ئىجازەت قىلىنغان. ئارالنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى قوغداش ئۈچۈن ئارالنىڭ ئىچىدە چىرايلىق مەرۋايىت كۆلى ۋە چىرايلىق مارجان دەرىخى بار ئىكەن.



13.كولورادو شىتاتى باش روھانىي قورغىنى: ئۇ شەك-شۈبىھىسىزكى دۇنيا بويىچە ئەڭ غالجىرلاشقان بىر قورغان ھېسابلىنىدىكەن.



14.پېرۇ قۇملۇق يېشىل بەلبېغىدىكى Huacachina: ئۇ بىر نوپۇسى 100دىن ئاشىدىغان كىچىك كەنىت، بىر قۇملۇقتىكى يېشىل بەلباغقا جايلاشقان. بىر نەچچە يۈەن بىلەنلا سىز يەرلىك قۇملۇقتا تېيىلىپ ئوينىيالايسىز.



15.گېرمانىيەدىكى Bastei كۆۋرۈكى:بۇ يەردىكى بىر نەچچە كىچىك تاغ ئۈستىدە تۇماننىڭ قاپلاپ كەتكەن مەنزىرىسىنى كۆرەلەيسىز.



16.تۈركىيەدىكى كاپادوكيا: بۇ يەر ئالاھىدە بولغان يەر شەكلى، ئۆڭكۈر ۋە شەھەر بازار بىلەن تولغان، شۇڭا سىز بۇ يەرگە ئەڭ ياخشىسى ئىسسىق گاز شارىغا ئولتۇرۇلۇپ بېرىڭ، ئاسمان بوشلۇقىدىن قارىسىڭىز چىرايلىق مەنزىرىلەردىن ياخشى ھوزۇرلىنالايسىز.



17.ئاۋىستىرىيەدىكى Hallstatt بازىرى: بۇ بىر ئوتتۇرا ئەسىر كەنتى، نوپۇسى 1000 غىمۇ يەتمەيدۇ. بۇ يەر ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە.



18.لىۋىيە Tripoli دىكى Leptis Magna: بۇ يەر رىم پادىشاھلىقىنىڭ بىر مۇھىم شەھرى بولغان. ھازىر خارابىلىكلەر بولسا تەۋەككۈلچىلەرنىڭ خۇشاللىق باغچىسى بولغان. ئەگر سىز قەدىمكى رىمنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆرۈنۈشلىرىدىن ھوزۇر ئېلىشنى ئويلىسىڭىز بۇ يەر دەل سىزنىڭ تاللىشىڭىز بولغۇسى.



19.ئىسپانىيەدىكى Segovia قورغىنى: بۇ بىر قەدىمىي شەھەرنىڭ بىر قىسمى. بۇ يەردە ئەڭ ئۆزگىچە بولغىنى بوشلۇقتىكى راۋاق، شەكلى بىر كېمىنىڭ كېمە بېشىغا ئوخشايدىكەن.



20.بىرازىلىيەدىكى Alter Duchamp: بۇ كىچىك بازار بولسا ئاموزون دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنىغا جايلاشقان، يەنە مۇھەببەت ئارىلى دەپ نام ئالغان. بۇ يەردە بىر چوڭ كۆل ۋە بىر قىسىم كىچىك ھەيۋانلار بار بولۇپ، پەقەت ياغاچ كېمە بىلەنلا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغىلى بولىدىكەن.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2