باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

قوشنىمىز ئۆزبېكىستان - تاشكەنت، سەمەرقەنت، بۇخارا خاتىرىلىرى (2)

مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-20 17:46:24

‹‹قوشنىمىز ئۆزبېكىستان - تاشكەنت، سەمەرقەنت، بۇخارا خاتىرىلىرى (2)›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

قوشنىمىز ئۆزبېكىستان (2)

ئاپتورى: نىزامىدىن ئابدۇۋاھاپ  nice id: ulinix

بىرىنچى قىسمىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز : http://m.bashlan.com/?m=medeniyet_show&id=1570

مېنىڭ ئۆزبېكىستاندا ساياھەتتە بولۇۋاتقىنىمنى بىلگەن تونۇش بىلىشلىرىم ئالدى بىلەن سورىغىنى ئوغۇللارنىڭ بولسا ئۆزبېك قىزلىرى چىرايلىقمىكەن؟  قىزلارنىڭ بولسا ئۆزبېك يىگىتلىرى كېلىشكەنمىكەن؟ دېگەندەك سوئاللار بولدى. بۇنداق سوئال سورىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزبېكچە سۈرەتلىك ناخشا ۋە كىنولارنى كۆپرەك كۆرگەنلەر بولۇشى مۇمكىن. يۇقىرىدا دېيىلگەندەك رېئاللىق باشقا-ھە!

ئوڭ تەرەپتىكى ئىككىسى ئۆزبېك، سول تەرەپتىكى ئىككىسى ئۇيغۇر

 

     بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن كوچىلاردا كۆپرەك ئادەملەرگە نەزەر سالدىم، ئۆزبېكلەردىكى رۇسلارغا، كورىيانلارغا، تاجىكلارغا ئوخشايدىغان كىشىلەرنى چىقىرىۋەتكەندە «بۇلارنىڭ چىرايى بىزگە نېمىدىگەن ئوخشاش دەيمەن، بۇلار نېمىشقا ئۇيغۇرچە سۆزلەشمەيدىغاندۇ؟» دەپ ئەقلىم ھەيران، دۇنيادا چىرايى بۇنچە ئوخشىغان، بۇنچە ياتلىشىپ كەتكەن ئىككى مىللەتتىن ئىككىنچى بىرسى بولمىسا كېرەك. بۇندىن ئون يىللار بۇرۇن ئۆزبېكستاندا تىجارەت قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى مىلىستسىيەلەر (ساقچىلار) توسۇپ ئىشتىراپ قويىدىغان، بوزەك قىلىدىغان ئەھۋاللار بولغانىكەنتۇق، ھازىرغۇ بۇنداق ئىشلار قالماپتۇ، تۇتۇلۇپ جەرىمانە قويۇلغان ئۇيغۇر بالىلار نېمىشقا شۇنچە ئادەم ئىچىدىن بىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىزنى بىلىپ قالدىڭ دەپ ئەجەبلىنىپ سورىسا مىلىتسىيەلەر:«بىز ئۆزبېكلەر بۇرۇت قويمايمىز سىلەر قويىسىلەر، بىز يول ماڭغاندا قولنى سەپ ماڭمايمىز سىلەر قولنى پۇلاڭلىتىپ ماڭىسىلەر، گەرچە چىرايىڭلار ئوخشاپ كەتسىمۇ بۇ بەلگىلەر سىلەرنى تونۇشقا يېتىپ ئاشىدۇ» دەپتىكەن.

 

دەرۋەقە ھازىرقى ئۆزبېكىستاندىكى ئەرلەر بۇرۇت قويمايدىكەن، ساقالچۇ دەپ سورىماڭلار ھە () چاچنى قىسقا قويىدىكەن، ھەر بىر ئائىلىدە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدىن باشقا، 24 سائەت ئىسسىق سۇ تۇرۇبىسىمۇ ئورنىتىلغان بولغاچقا، كۈندە يۇيۇنۇپ تۇرۇش بۇ يەرنىڭ ئەرلىرى ئۈچۈن ئۇنچە ئېغىر كېلىدىغان ئىش ئەمەس، يۇيۇنۇش سۈننەت بولۇپ قالمىسىلا سۇغا يېقىن كەلمەمدىكىن دەپ قالماڭلار، تازىلىقتا ئۆزبېكلەرنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ، ئۆزبېك ئەرلىرى كېلىشكەن پاكىز تۇيۇلغىنىنىڭ سەۋەبى مۇشۇ. ئەمدى قىزلىرى چىرايلىقمىكەن دېگەنلەرگە كەلسەك.....كىچىكىمدە ھىندىستان كىنولىرىدىكى كاجول، جۇخرايلارنى كۆرۈپ پۈتكۈل ھىندىستاندىكى 500 مىليون ئايالنىڭ ھەممىسى كاللامدا ئاشىۋارىيادەك گۈزەل بىلىنەتتى، چوڭ بولۇپ ھېس قىلدىمكى كىنو دېگەن يەنىلا كىنوكەن، ئۆزبېكنىڭ كىنو ۋە ناخشىلىرىدا ھەقىقەتەن چىرايلىق قىزلار جىق چىقىدۇ، بۇ ئۆزبېكىستان قىزلىرىنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى، ھەممەيلەنگە ئايان: كىنو-فىلىم دېگەنگە نۇر دېگەننى تولۇق بېرىپ، ئاپاراتنىڭ نوچىسىنى ئىشلىتىپ، يەتمىگەن يېرىگە يۇمشاق دېتال ئارقىلىق گىرىمنى بولۇشىغا قىلىپ، قىسماق كۆزنى شەھلا كۆز كۆرسىتىدىغان بولغاچقا بىزلەرگە چىرايلىق كۆرىنىپ كەتكەن گەپ. كوچىلاردا بازارلاردا شۇنچە قاراپ باقساممۇ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ماڭدامدا بىر ئۇچرايدىغان گۈزەللەر بۇ يەردە ئۇچرايدىغاندەك ئەمەس.....خۇلاسە ئۆزبېكلەر تازىلىققا، پەردازغا تايانمىسا گۈزەللىكتە بىزگە يېتىشى خېلى بىر گەپكەن! قەلب گۈزەللىككىدىغۇ بىز بىلەن سېلىشتۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

 

   ئۆزبېكىستان پىرىزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ مۇنداق بىر كىلاسسىك گېپى بار: «مېنىڭ خەلقىم دۇنيادىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلىقتۇر» دەيدىغان، بۇ گەپ سەل پودەك قىلغان بىلەن ھەر ھالدا ئاز-پاز ئاساسى بار، ئۆزبېكىستاننىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ھەقىقەتەن ياخشى، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ئۇندىن ياخشى، كوچىلاردا ۋارقىراشقان سوقۇشقان ئەھۋاللارنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئوغرىلىق بۇلاڭچىلىق دېگەنلەرغۇ ئەسلا يوق، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانغا چىققان سودىگەرلەردىن رىكىتلارنىڭ بۇلاپ كېتىدىغانلىقىنى، كۈپ-كۈندۈزدە مىلىتسىيەلەرنىڭ يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن پۇل ئۈندۈرىۋالىدىغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، بۇ ئەھۋال ھازىرقى ئۆزبېكىستاندا ئاساسەن يوق. بولسىمۇ بۇرۇن باردۇر، يېقىندىن بۇيانقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۆزبېك پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمدارلىرىدىن خۇشال بولىدىغان بىر تەرىپى. ناۋادا ساياھەتكە بېرىپ قالسىڭىز بۇ تەرەپلەردىن قىلچە ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئۆزبېكلەر تازىلىققا، يۈرۈش-تۇرۇشقا ناھايىتى ئېتىبار بېرىدۇ، ماشىنا رېمونت قىلىدىغان رېمونتچى بولسىمۇ توي مۇراسىملارغا بارىدىغان بولسىلا، ئىشتىن چۈشۈپلا يۇيۇنۇپ تارىنىپ مۇراسىم كىيىملىرىنى كىيىپ، يوق بولسا ئىجارە ئېلىپ چېستەي بارىدۇ (تويلارغا ئېتىزلىققا كەتمەننى تىكلەپ قويۇپ، قىردىن قوپۇپلا ئۇدۇللا كېتىۋېرىدىغان ئىشلار بۇلاردا بولمىسا كېرەك). ئۆزىنىڭ قىياپىتىگە پايدىلىق بولىدىغان ئىشلارغا ئېرىنمەيدۇ، تۆت ئادەم ئولتۇرغان يەردە بىر ئادەمگە تېلېفون كەلسە قالغان ئۈچ ئادەم ئاڭلىيالمىغۇدەك دەرىجىدە سۆزلىشىدۇ، گەپ سۆزدە ناھايىتى سىلىق سىپايە، شېرىن سۆزلۈك، ئاكىسىنىمۇ ئاكا دەپ تۇرغان، ئۇكىسىنىمۇ ئاكا دەپ تۇرغان، ئايال كىشى بولسىڭىز ئاپە دەپ تۇرغان، خۇلاسە، گەپ-سۆز، يۈرۈش-تۇرۇشتا مەسىلە يوق، قوبۇل قىلىپ ئەمىلىيلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.

  يۇقارقى رەسىملەردە بۇ كىشىنى كىمدۇر دەپ ئويلىغان دوستلارغا بۇ ئاكىمىزنى تونۇشتۇراي، قاسىم ئاكىمىز «ئەبۇ سەخى» شىركىتىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى مال يەتكۈزۈش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ بىرى، 1997-يىلدىن باشلاپ ئۆزبېكىستاندا تۇرىۋاتقان، شۇ يەردە ئۆيلىنىپ بالا ۋاقىلىق بولۇپ ھېسابتا تاشكەنىتلىك بولۇپ كەتكەن ئاتۇشلۇق ئۇيغۇر، خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئىشلىرى بىلەن ئۆزبېكلەرنىڭ ھەرخىل قاتلاملىرىدا ئۇزۇن يىل بەنت بولغاچقىمىكى ئۇيغۇرنى 100% چۈشەنسەم ئۆزبېكلەرنى 200% چۈشىنىمەن دەيدىغان سۆزى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. بۇ سۆز سەل ئېشىپ كەتكەندەك قىلغىنى بىلەن خېلى ئاساسى بار، قاسىم ئاكىنىڭ قىران دەۋىرلىرى ئۆزبېكلەر ئارىسىدا ئۆتكەن، يېڭىدىن مۇستەقىل بولۇپ ھازىرغىچە كەلگەن ئۆزبېكىستاننىڭ ھەر بىر تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. قاسىم ئاكا بۇ سەپەردە باشتىن ئاياغ بىز بىلەن بىللە بولۇپ بۇخارا، سەمەرقەنتلەرگىچە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆزبېكلەر ھەققىدە كۆپ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى، جۈملىدىن بۇ ساياھەت خاتىرىسىنىڭ مول مەزمۇنلۇق بولۇشىغا كۆپ كۈچ چىقاردى. «ئۆزبېكلەرنى سالام-سائەت بىلەن كۆكلەپ تۇرغان خەلقمىكى دەيمەن» دەيدۇ قاسىم ئاكا، ئۆزبېك فىلىملىرىنى كۆرگەنلەر بىلىدۇ، پېرسوناژلار ئۇچراشقاندا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېگەن سۆز ناھايىتى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ، بىزدىمۇ بۇ خىل سالام سائەت بار، بىراق ئۆزبېكلەردە بۇنداق سالام قىلىش بەك ئومۇملاشقان، بىراۋنى تونىسۇن تونىمىسۇن سالام قىلىش، بولۇپمۇ كىچىك بالىلارنىڭ چوڭلارغا سالام قىلىشى ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ، بىزدە كىچىك بالىلار چوڭلارنى كۆرسە قېچىپ كېتىدىغان، تارتىنىدىغان ئەھۋاللار كۆپ، ئەمما ئۆزبېكلەردە كىچىك بالىلار چوڭلارغا ناھايىتى تەبىئىي ھالدە سالام قىلىپ ئەھۋال سوراپ كېتىشلىرى بىزنى باشقىچە سۆيۈندۈردى.

 

 

ئۆزبېكلەردىمۇ بىزگە ئوخشاش توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ بار، پىلانلىق تۇغۇت يوق، بالا تۇغۇلغاندا دۆلەتتىن 200 مىڭ سوم (250 يۈەن) سۆيۈنچە پۇلى بېرىلىدۇ (بۇ پۇل بىزگە نىسبەتەن ئاز بولغىنى بىلەن ئۆزبېكلەرگە خېلى پۇل). ئانا-بالىلارغا بولغان داۋالىنىش ئىشلىرى ناھايىتى تەرتىپلىك، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى 2015- يىلىنى «ياشانغانلارنى قەدىرلەش يىلى» يەنى ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش يىلى قىلىپ بېكىتكەنىدى. ئەمدى 2016-يىلنى «ئانا-بالا يىلى» قىلىپ بېكىتىپتۇ. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ بالىلارغا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئوقۇشسىز قويسا جازالىنىدۇ، 16 ياشقا توشقاندا گىراژدان يېشىغا توشقان ھېسابلىنىپ، مەجبۇرىي ھالدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەيدۇ.

 

دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز 10 تېلېۋىزىيە مۇنارلىرىنىڭ بىرى تاشكەنت تېلىۋىزىيە مۇنارى 1985 –يىلى ياسالغان، ئېگىزلىكى 375 مېتىر (شاڭخەيدىكى شەرقتىكى مەرۋايىت تېلېۋىزىيە مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى بولسا 468 مېتىر) تاشكەنت، مۇنارغا چىقىش بېلىتى 68 مىڭ سوم، چىقىدىغان ئادەم بەك ئاز، شاڭخەينىڭكىدەك يېرىم كۈن ئۆچىرەت ساقلايدىغان ئىش يوق، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئالاھىدە چىڭ، يانفون، فوتو ئاپارات دېگەنلەرنىمۇ ئېلىپ چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. تاشكەنت مەنزىرىسىنى ئېگىزدىن ئېنىق تاماشا قىلغىلى بولىدۇ. تاشكەنت شەھىرى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك يېشىلىققا تولغان گۈزەل شەھەر، ھاۋاسى ئۈرۈمچىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ساپ، سۈيى مول، ئۈرۈمچىنىڭكىدەك ئېگىز بىنالار يوق (ئەسكەرتىش: ئېگىز بىنا تەرەققىياتنىڭ بەلگىسى ئەمەس). ئىلگىرى ئېغىر دەرىجىدە يەر تەۋرىگەنلىكتىن ئېگىز بىنالار سېلىنمىغان ھەم يەر شارائىتىمۇ تۈزلەڭلىك بولغاچقا ئېگىز ئىمارەتلەرنى سېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ بولمىغان.

 

 

تاشكەنتتە كۆرىدىغان جايلارنى كۆرۈپ بولۇپ ئۈچىنچى كۈنى بۇخاراغا قاراپ يول ئالدۇق. ئەسلى خارەزىمگە بېرىش پىلان بار ئىدى، ئايروپورتقا تېلېفون قىلساق بۈگۈنكى ئايروپىلان ئۇچۇپ بوپتۇ، ئەتىكى ئايروپىلاننى ساقلىساق بىر كۈن ۋاقىت يوق بولغۇدەك، ئىلاجىسىز خارەزىمدىن ۋاز كېچىپ بۇخارانىڭ بېلىتىنى ئالدۇق.

 

 تاشكەنت ئايرودرومىدا ئىككى ئۇچۇش بىناسى بار، تاشكەنت 2 دە ئاساسلىقى خەلقئارالىق يولۇچىلار، تاشكەنت 3 تە بولسا دۆلەت ئىچىدىكى يولۇچىلار ئۇچىدىكەن. بۇ ئۇچۇش زاللىرىنىڭ چوڭلۇقى ئۈرۈمچى ئايرودرومىنىڭ T1 چىلىك كېلىدىكەن. ئەمما بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئاجايىپ چىڭ، ئۈرۈمچىدە ئايرودروم بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى چىڭ دەپ قاقشايدىغانلارنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ قويسا ئىككىنچى ۋايسىمىغۇدەك، تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدىغان ۋاقىت ئاياغ سېلىش، كەمەرنى يېشىش دېگەندەك تەكشۈرۈشلەردىن باشقا يانفونۇمنىڭ توكى قالماپتىكەن، توك قاچىلاپ ھەقىقىي يانفون ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغاندا ئۆتكۈزدى.

 

 

تاشكەنت بىلەن بۇخارانىڭ ئارىلىقى ئايروپىلاندا بىر سائەتلىك يولكەن، ئۈرۈمچى بىلەن كۇچانىڭ ئارىلىقىچىلىك كېلىدىغان ئوخشايدۇ. ئايروپىلاندىن ئېنگىلىزچە، رۇسچە، ئۆزبېكچە ئۈچ خىل تىلدا ئەسكەرتىش چىقىپ تۇرىدىكەن، بۇ ئايروپىلاندىكى كۈتكۈچىلەر دۆلىتىمىزنىڭكىدەك ئۇنچە ياش ئەمەس، بىزدە ئاساسلىقى چىرايلىق ئېگىز قىزلار ئايروخانقىز بولىدۇ، ئەمما بۇلاردا 50 تىن ئاشقان يوغان سېمىز ئاياللارمۇ ئايروخانقىزلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن. گەرچە بىز تەرەپتىكى ئايروخانقىزلاردەك يالغان كۈلۈمسىرەپ تۇرمىسىمۇ مۇلازىمەت دېگەننى ھەقدادىغا يەتكۈزىدىكەن، ئايروپىلان بىخەتەر قونغاندىن كېيىن، بارچە يولۇچىلار چاۋاك چېلىپ قۇتلۇقلايدىكەن. قارىغاندا بۇ ئەھۋال قوشنا ئەللەردە ئومۇملاشقان ئەھۋال ئوخشايدۇ.

 

كەينىمدىكى ئۆزبېك لاتىن يېزىقىنى ئوقىيالدىڭىزمۇ؟ X ھەرىپىنى خ ، O ھەرىپىنى ئا، Q ھەرىپىنى ق دەپ ئوقىسڭىزلا بولىدۇ. ئۆزبېكلەر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن بۇرۇن، بىزگە ئوخشاش چاغاتاي يېزىقى (يېقىنقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى) ئىشلىتەتتى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇلغاندىن كېيىن ئورۇسلار يېزىقى ئاساسىدىكى ئۆزبېك سىلاۋىيان يېزىقى ئىشلەتكەن، ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىقىدىن كېيىن ھۆكۈمەت ئۆزبېك لاتىن يېزىقى ئىشلىتىشنى تەشەبببۇس قىلىۋاتقان بولسىمۇ، سىلاۋىيان يېزىقى ئىشلىتىدىغانلار يەنىلا كۆپ نىسبەتتە، چوڭلار سىلاۋىيانچە ياشلار لاتىنچە دېگەندەك، شۇ سەۋەبلىك بىز ئۇلار بىلەن خەت ئالاقە قىلىشىمىز قىيىنغا توختايدۇ، ئۆزبېكلەرمۇ ئەلىشىر نەۋائى بىزنىڭ دېگىنى بىلەن نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقىيالمايدۇ. بىز ھىجىلەپ بولسىمۇ ئانچە-مۇنچە ئوقۇيالايمىز. مانا بۇ يېزىق ئالماشتۇرۇشنىڭ زىيىنى، ئەجدادلار يېزىپ قالدۇرغان تارىخنى كېيىنكىلەرنىڭ تەرجىمان بولمىسا ئوقۇيالماسلىقى ئېچىنىشلىق ئەھۋال.

 

 

ئۇيقۇ ئالدىدا «بۇخاراغا كەتتىم»، «بىكارلىق ئېشەك بولسا بۇخارادىن مۇز توشۇپتۇ» دېگەندەك «بۇخارا» دېگەن ئىسىم بىزنىڭ سۆزلۈكلىرىمىز ئارىسىدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئايرودرومدىن چىقىشىمىزغا شۇنداق بىر ئىسسىق يۈزۈمگە ئۇرۇلدىكى تۇرپانغا كەپ قالدىممۇ نېمە؟ دېگەن ئوي پەيدا بولدى. يازدا بىر ئاي تومۇز ئىسسىق بولىدىكەنكى، دەرەخ يوپۇرماقلىرى شىلدىرلىغۇدەكمۇ شامال چىقمايدىكەن. ھاۋا ئىسسىق بولغاچقىمۇ بۇخارادا مېۋە-چېۋە ئاجايىپ ئوخشاپ قويىدىكەن. بۇرۇندىنلا گىلاسقا ئامراق ئىدىم، ئۆزبېكىستاننىڭ گىلاس ماكانى ئىكەنلىكىنى بۇخاراغا بېرىپ ئاندىن ھېس قىلدىم، ئۈرۈمچىدە ئانچە مۇنچە مېۋە يەپ قويسام، ئىچىملىك ئىچىپ قويسام ئاغرىپ قالاتتىم، تونۇش بىلىشلەر قىززىقچىلىق قىلىپ «خاشو» بالا دەپ قوياتتى، ئەمما بۇخارادا مېۋە دېگەننى يەپ كولا دېگەننى ئىچىپ باقتىم، ئاغرىپ قالمىدىم، نېمىلا دېگەن بىلەن خىمىيىۋى ئوغۇت سەپمىگەندە..قارىغاندا مەن ئەمەس، بىز يەپ ئىچىۋاتقان مېۋە-چېۋە ئىچىملىكلەر «خاشو» ئوخشايدۇ.

 

ئەبۇ سەخى شىركىتىنىڭ ھۆرمىتى بىلەن بۇخارالىق بىر قانچە ئۆزبېك سودىگەرلەر بىزنى قىزغىن كۈتىۋالدى، ئۆزبېكلەر تاماقتىن بۇرۇن بىزگە ئوخشاش چاي ئەكەلمەستىن مېنىرال سۇ ياكى ئىچىملىك ئەپ كېلىدىكەن. ئىسسىق چاي ئىچىشنى ياقتۇرمامدۇ، ياكى باشقا سەۋەبمۇ قايسىلا ئاشخانىغا كىرسەك كۈتكۈچى ئەڭ ئاۋۋال سۇ ئەكىلىدۇ. يۇقارقى ئۈچ سودىگەر گۇاڭجۇ شاڭخەيلەرنى كۆرگەن، ئۈرۈمچىدە كۆپ تۇرغان، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا قاتناپ سودا قىلغىلى ئۇزۇن يىللار بولغان، ھېسابتا ئۇيغۇرلارنى، جۇڭگونى خېلى چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئىكەن.

-تىرىكچىلىك، ئىش ئوقەت قىلماق سىلەردە كۆپ ئاسان دەيدۇ،- ئۇبەيدۇللا ئاكە.

   بۇ بىر ئېغىز گەپ كاللامدا ئۈچ كۈن چۆرگىلەپ يۈردى، مەن ئېغىز غېرىچلاپ تەپسىلىي كوچىلىمىغىنىم بىلەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدا سودا قىلىپ يۈرۈپ قاق بولۇپ كەتكەن ئادەمنىڭ ئاغزىدىن بۇ گەپنىڭ چىقىشىدا خېلى يېتەرلىك ئاساسى بار ئىدى. ئۆزبېكىستاندا پۇل تېپىشنڭ ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەسلىكى، قانۇن تەرتىپلەرنىڭمۇ مۇرەككەپلىكى، جەرىمانىنىڭ تولىلىقى، ھوقۇقدارلاردىكى ئادىمگەرچىلىكنىڭ يوقلىقى، نېسىنىڭ ئېغىرلىقى بەلكىم ئۇبەيدۇللا ئاكىنى بۇ خۇلاسىگە كىلىشىگە سەۋەب بولغان بولىشى مۇمكىن.  ناۋادا راستىنلا ئۆزبېكلەردە ياشاش ئۇنچە تەس بولسا، ئۆزبېكلەر ياشاشقا ئۇستىكەن (گەپنىڭ شېرىن بولۇپ كېتىشىمۇ تۇرمۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولسا كېرەك)، مەن بۇرۇن ئاتۇشلۇقلارنى ئەڭ تېجەشلىك خەلقمىكى ئويلايتتىم، ئەسلىدە دۇنيادىكى ئەڭ تېجەمكار خەلق ئۆزبېك خەلقى ئىكەن. قولىدىكى پۇل مالنى رىجىلەشتۈرۈپ (پىلانلاپ) ئىشلىتىشكە ماھىر ئىكەن، شەخسەن مەن ئۆزبېك خەلقىنى ھەرقانداق تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرگەن، جاھاندارچىلىق سەنئىتىگە ئۇستا كۆردۈم، مېھمانخانىغا قايتقاندا مېھمانخانا كۈتكۈچىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ باقتىم. تاشكەنتتە بىر كۈتكۈچى بىر ئاي ئىشلىسە 1000 يۈەن ئەتراپىدا مائاش ئالىدىكەن. يېمەي-ئىچمەي بەش ئاي پۇل يىغسا بىر تال ئايفون (5288 يۈەنلىك ئايفون 6s نەزەردە تۇتۇلدى) سېتىۋالالايدىكەن. ئوخشاشلا ئۈرۈمچىدە بىر مېھمانخانا كۈتكۈچىسى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 2500 يۈەن ئالىدۇ، بىر تال ئايفون ئېلىش ئۈچۈن ئىككى ئاي ۋاقىت كېتىدۇ. مانا بۇ ئوخشاش ئەمگەكنىڭ ئىككى جايدىكى قىممەت سېلىشتۇرمىسى.

بۇ سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ئۆزبېكىستاننىڭ كۆرگۈدەك يېرى بارمۇ؟ دەپ سورىغىنىمدا، مازار بىلەن بازار كۆرىسىز دېگەن ئىدى، دەرۋەقە ئۆزبېكىستان تارىخىدا ئالىم-ئۆلىما، سەلتەنەتلىك پادىشاھ، مەشھۇر شەخىسلەر كۆپ چىققان، شۇ سەۋەبلىك تۆۋەنكى بايانلىرىمىزدا كۆپرەك تارىخ ۋە مەشھۇر شەخىسلەر مازارلىرى ھەققىدە توختىلىپ قالىمىز، زېرىكىپ قالماي ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

 

بۇخارا

  Buxoro  ئۆزبېكچە

 Bukhara ئېنگلىزچە

     Бухара  رۇسچە

ئۆزبېكىستان بۇخارا ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى. ئۆزبېكىستاننىڭ بەشىنچى چوڭ شەھىرى، 140 تىن ئارتۇق تارىخىي خاتىرە جايغا ئىگە مۇزېي شەھەر. مەن كىچىكىمدە قەشقەر توغرىسىدا كىتابلاردا كۆپ تەسۋىر بايانلارنى كۆرگەن، قەشقەرگە بارماستا قەشقەرنى تارىخىي قۇرۇلۇشلار بەك كۆپ. ئۈستى ئوچۇق قەدىمى شەھەر دەپ قىياس قىلاتتىم، 2010-يىلى قەشقەرگە بېرىپ بىر ھېيتگاھتىن باشقا قۇرۇلۇشلار ۋە بىر قىسىم مەھەلىلەرنىڭلا قەدىمىي پۇراق ساقلاپ قالغىنىنى، قالغان جايلارغا زامانىۋى بىنالارنىڭ سېلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قەلبىمدىكى قەشقەرنىڭ سەبىيلىكىمدىكى سىماسى يوقالغان ئىدى، بىراق مەن ئەينى ۋاقىتتىكى كىتابلاردا ئوقۇپ قىياس قىلغان قەشقەرنى بۇخارادىن تاپتىم، بۇ ھەقىقىي مەن ئىستىگەن ئۈستى ئوچۇق مۇزېي شەھەركەن،  2014-يىلىدىكى نوپۇسى تەخمىنەن 272 مىڭ 710، بۇخارا نوپۇسىنىڭ %80 ئۆزبېك دەيدىكەن، ئەمما %60 ئامما تاجىكچە سۆزلىشىدىكەن، بۇلارنىڭ گەپلىرىنى چۈشەنمەكمۇ تەسكەن. ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق ئۈچ (ئىمام بۇخارى، ئىمام تىرمىزى، ئىمام مۇسلىم) ھەدىسشۇناسنىڭ بىرى ئىمام بۇخارىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى، ئىمام بۇخارى گەرچە بۇخارادا تۇغۇلغان بولسىمۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىنى سەمەرقەنتتە ئۆتكۈزۈپ شۇ جايدا ۋاپات بولغان، قەبرىسى سەمەرقەنتتە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە سەمەرقەنت بايانلىرىمدا تەپسىلىي توختىلىمەن.

 

بۇخارا شەھىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئورنى

 

بۇخارا رايونىدا بەش مىڭ يىل بۇرۇن ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان، 2500 يىل بۇرۇن شەھەر بارلىققا كەلگەن. يىپەك يولىغا جايلاشقان بۇ شەھەر ئۇزۇن مەزگىللەردىن بۇيان سودا، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ۋە دىن مەركىزى بولۇپ كەلگەن. نۇرغۇن تارىخىي مەسچىت ۋە مەدرىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇخارا شەھىرى، ب د ت پەن مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

 

ئۆزبېكلەر سىزغان قەدىمى يىپەك يولى خەرىتىسى، بۇ خەرىتىدە قومۇلنى خامى دەپ يېزىپ قويۇپتۇ

 

بۇخارادىكى چاھار (تۆت) مۇنار

 

بۇخارا ئىسمىنىڭ كېلىپ چىقىشى

بۇخارا 19-20-ئەسىرلەردە ئېنگلىزچە Bukhoro  دېگەن نام بىلەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بولسا خەنزۇچە 捕喝

دېگەن نام بىلەن خاتىرلەنگەن.

ئىران ئېنسكوپېدىيەسىگە ئاساسلانغاندا، بۇخارا دېگەن سۆز سوغدىچە بايلىق جەمگاھى مەنىسىدىكى بۇخۇراك دېگەن سۆزنىڭ ۋارىيانتى بولۇپ، سانسكىرىتچە بۇددا ئىبادەتخانىسى مەنىسىدىكى ۋىخارا دېگەن سۆزگە ئۆزگەرگەن. قەدىمقى دەۋرلەردە بۇخارا، ئوتتۇرا ئاسىيا يىپەك يولىدىكى بۇددا دىنى مەركەزلىرىدىن بولغان

 

بۇخارا شەھىرىدىن بىر كۆرۈنۈش

مۇھەممەد ئىبن جافار نەرشەخىنىڭ بۇخارا تارىخى ناملىق كىتابىدا بۇخارانىڭ نۇرغۇن ئىسىملىرى بار. بىر ئىسمى نۇمىجكات. يەنە بۇمىسكات دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەرەبچە ئىككى ئىسمى بار. بىرى مەدىنەت ئەل سۇفرىيا، بۇ، مىس شەھىرى دېگەن مەنىدە. يەنە بىر ئىسمى مەدىنەت ئەل تۇججار، بۇ، تىجارەتچىلەر شەھىرى سودىگەرلەر شەھىرى دېگەن مەنىدە. ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە بۇخارا ئىسمى ئەڭ كەڭ تارالغان. خۇراسان تەۋەسىدە بۇنداق كۆپ ئىسمى بار شەھەردىن يەنە بىرى يوقتۇر، دېيىلگەن.

ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن باشلاپ پارسچە ۋە ئەرەبچە مەنبەلەردە بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى بۇخارا دەپ يېزىلىشقا باشلىغان.

 

بۇخارانىڭ تارىخىنى مىلادىدىن بۇرۇنغا سۈرۈشكە بولىدۇ. بۇخارا ھازىر ئۆزبېكىستان بۇخارا ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى. بۇخارا مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئالتىنچى ئەسىرلەردىلا دۇنيادىكى ئاساسلىق مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. مىلادى ئالتىنچى ئەسىرلەردىن باشلاپ تۈركىي تىللىق خەلقلەر تەدرىجىي كۆچۈپ كىرگەن.

بۇخارا رايونى ئۇزۇن بىر مەزگىلدە پېرسىيە ئېمپىرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرغان. ھازىرقى نۇرغۇن ئاھالىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئارىيانلارنىڭ چوڭ كۆچۈش مەزگىلىگە باغلاشقا بولىدۇ.

 

بۇخارا ئەمىرلىكىنىڭ ئاخىرقى ئەمىرى ئالىم خاننىڭ ئوردىسى

بۇخارا، بۇخارا ئەمىرلىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پايتەختى بولۇش سۈپىتىدە، رۇسىيە ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە قىزىل ئارمىيەنىڭ قورشاۋىدا قالغان. 1920-يىلى ئېلىپ بېرىلغان بۇخارا ئۇرۇشىدا، گېنىرال مىخايىل فىرۇنزى رەھبەرلىكىدىكى ياخشى قوراللانغان ۋە مۇنتىزىم تەربىيە كۆرگەن بولشېۋىك قىزىل ئارمىيەسى بۇخارا شەھىرىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلغان. 1920-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئەمىر ئالىمخان شەرقىي بۇخارادىكى دۇشەنبىگە قېچىپ كەتكەن (كېيىنچە ئۇ يەنە دۈشەنبىدىن ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىگە قاچقان). تۆت كۈنلۈك ئۇرۇشتىن كېيىن، 1920-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەمىرنىڭ قەلئەسى ۋەيران قىلىنىپ، قىزىل بايراق پائى كالان (كالان مۇنارى) ئۈستىگە قادالغان. 1920-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇخىتدىنوۋ باشچىلىقىدىكى بۇخارا ئىنقىلابىي كومىتېتى قۇرۇلغان، فەيزۇللاھ خوجايېۋ خەلق كومىسسارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان

 

بۇخارا خەلق سوۋېت جۇمھۇرىيىتى 1920-يىلىدىن 1925-يىلىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، 1925-يىلى ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇۋېتىلگەن.

ئەنگىلىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى ياش دىپلومات فىتزروي ماكلېن 1938-يىلى بۇخارانى مەخپىي زىيارەت قىلغان. بۇ دىپلومات بۇخارانى «ئىتالىيە ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى مەزگىلىدىكى ئىمارەتلەر بىلەن رەڭ تالىشالايدىغان بىنالارغا ئىگە» سېھىرلىك شەھەر دەپ تەرىپلىگەن. 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ئافغانىستان ئۇرۇشى ۋە تاجىكىستاندىكى ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبلىك دارى ۋە تاجىك تىلىدا سۆزلىشىدىغان نۇرغۇن مۇساپىرلار بۇخارا ۋە سەمەرقەندكە كۆچۈپ كەلگەن. بۇ كىشىلەر يەرلىكتىكى تاجىكلار بىلەن ئارىلاشقاندىن كېيىن، بۇ شەھەردە تاجىكىستانغا قوشۇلۇپ كېتىش ھەرىكىتىگە دۇچ كەلگەن.

 

رەسمىي سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغان، ئۆزبېكلەر شەھەر نوپۇسىنىڭ %82 نى، رۇسلار %6 نى، تاجىكلار %4 نى، تاتارلار %3 نى، كورىيانلار %1 نى، ئۇكرائىنلار %1 نى، باشقا مىللەتلەر %2 نى تەشكىل قىلىدۇ.

ئەمما ھۆكۈمەت ئېلىپ بارغان سىتاتىستىكا ئىزچىل تۈردە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمەي كەلمەكتە، كۆزەتكۈچىلەر ۋە غەرب دۇنياسى، شەھەر نوپۇسىنىڭ ئاساسىي قىسىمىنى تاجىكلار تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، ئۆزبېكلەر بولسا تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت دەپ پەرەز قىلىشماقتا.

 

داڭلىق تارىخى ئىزنالىرى

پائى كالان خارابىسى

بۇ خارابە پائى كالان مۇنارىنىڭ بىر قىسىمى. بۇ يەردە نەچچە يۈز جىنايەتچىنىڭ كاللىسى ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن پائى كالان مۇنارى يەنە ئۆلۈم مۇنارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

 

پائى كالان مۇنارى

 

كالان مەسچىتى

تەخمىنەن 1514-يىلى پۈتكەن، چوڭلۇقى سەمەرقەنتتىكى بىبى خانىم مەسچىتى بىلەن تەڭ چىقىدۇ. 12 مىڭ ئادەمنى سىغدۇرالايدۇ

 

پائى كالان ئىمارەتلەر توپى سول تەرەپتىكىسى كۆك گۈمبەز مەسچىتى (بىر مۇنار، مەسچىت، ۋە ئىمارەتلەر، بۇ قۇرۇلۇشتىن نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟ ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا چوڭ بازار لايىھەسىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلدىڭىزمۇ؟)

 

ئىسمائىل سامانى مەقبەرىسى

ئىسمائىل سامانى مەقبەرىسى (9-10-ئەسىرلەر) ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىمارەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 9-ئەسىردە قۇرۇلغان، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئاخىرقى پارس خانلىقى بولغان سامانىلار سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىسمائىل سامانى دەپنە قىلىنغان جاي.

 

 

سامانىلار سۇلالسى يەنە، ئابباسىلار خەلىپىلىكىگە قارام ھالدا خۇراسان ۋە ماۋرائۇننەھىرنى باشقۇرغان، مەقبەرىدە چۈشەندۈرگۈچى ئۆزبېك ئايال قارا خانلىقى دېگەن سامانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇر قارا خانىيلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغانلىقىنى تەپسىلى بايان قىلدى.

 

 

چەشمە ئەيۇب مەقبەرىسى

چەشمە ئەيۇب مەقبەرىسى سامانى مەقبەرىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان. بۇ يەردىكى بۇلاقنىڭ سۈيى ساپ بولۇپ، كېسەللەرگە شىپا قىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ھازىرقى قۇرۇلۇشلىرى تېمۇر دەۋرىدە قۇرۇلغان ۋە بۇخارادا ئاز ئۇچرايدىغان خارەزىمچە ئۇسلۇبتا لايىھەلەنگەن.

 

باھاۋۇدۇن مۇھەممەت ئەل بۇخارى، باھاۋۇدۇن نەقىش بەندى (1318~1389) شاھى نەقىش بەندى ۋە ھوگەيە بۇزۇر نامىدا باشقىلارغا تونۇشلۇق بولۇپ كەلگەن. سوپىزىملىق روھىنىڭ ئاتىلىرىدىن بىرى بولغان بولۇپ، نەقىش بەندى سوپىزىملىق ئىدىيەسىنىڭ ئىجادچىسى دەپ قارالغان.

 

باھاۋدۇن نەقىش بەندىنىڭ مەقبىرىسى ۋە مەدىرسى

باھاۋۇدۇن 1318-يىلى قەسىرى ھىندۇۋان كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، يەنى بۇ كەنت بۇخارانىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. بۇ سوپىزىملىق روھىنىڭ ئاتىسى دەپ نام ئالغان كىشى ئەينى چاغدا بىر ھۈنەرۋەن ئىكەن.

بەختكە قارشى، ئۇنىڭ تەرجىمىھالىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ماتېرىياللار ناھايىتى چەكلىك بولۇپ، ئۇ ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ شاگىرتلىرىغا سۆزلەپ بەرگەن دىننىي دەرسلىرىنى شاگىرتلىرىنىڭ تولۇق خاتىرىلىشىگە يول قويمىغان. نۇرغۇنلىغان مۇھىم نۇقتىلار ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنلا ئاندىن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، شۇڭا بىر قىسىم ھەقىقىي ئىشلار ۋە ۋەقەلەر چۈشۈپ قالغان ياكى ماھىيىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن ھالدا خاتىرىلەنگەن.

 

نېمىلا بولمىسۇن، بىزگە مەلۇم بولغان مۇھىم نۇقتا شۇكى، باھاۋۇدۇننىڭ سوپىزىملىققا قىزىقىشىدا بوۋىسىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغان. تۇنجى ئوغۇل سوپىزىملىق روھى ئۇستىسى بولسا مۇھەممەد بابايى سىماس بولغان بولۇپ، ئۇ كېيىن باھاۋۇدۇننى سوپىزىملىققا ئائىت ئىشلارنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن شەيىخ ئەمىر سايىد كۇلالىنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەن. شەيىخ، باھاۋۇدۇننىڭ ناھايىتى ئەستايىدىل ھەم قەلبى ئارزۇ-ئارمانلارغا تولغان بىر ياش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى Hodzhagan دەرۋىشكە تونۇشتۇرۇپ قويغان.

 

باھاۋۇدۇن سوپىزىملىق روھىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ۋەز ئېيتقىنىدا ئاددىي-ساددىلىق ۋە كەمتەرلىكنى تەرغىپ قىلغان. لېكىن تەركىدۇنياچىلىق ۋە يەككە-يىگانىلىكنى رەت قىلغان. ئۇ ئۆرپ-ئادەت بويىچە ياشاشنى قوللىغۇچى بولۇپ، بۇنداق تۇرمۇشنى بىر كىشىنىڭ ياخشى بولغان تۇرمۇش قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىدە ناھايىتى مۇھىم رولى بار دەپ قارىغان. ئېنىق ھالدا ھەشەمەتچىلىككە تولغان تەقۋادارلىق ۋە درامما مۇراسىملىرىغا قارشى تۇرغان. 40 كۈن ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئۈنلۈك زىكىر قىلىپ سەرگەردانلىق قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە سوپىزىملىقتىكى ئەركىنلىكنى بايقىغان. باھاۋۇدۇن دەرۋىشلىكنى ئۆزىنىڭ ھايات يولى قىلمىغان ھەمدە ھەممە يەردە لاغايلاپ يۈرۈش ۋە تىلەمچىلىك قىلىش يولىنى تۇتمىغان. دەل ئەكسىچە، ئۇ پۈتۈنلەي رېئاللىقتىكى تۇرمۇشقا ناھايىتى چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن. ئۇ ناھايىتى نەپىس بولغان يىپەك توقۇلما «چامھاھ» نى ناھايىتى ياخشى مېتال كېسىش ماشىنىسى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ لەقىمى بولغان «نەقىش بەندى»گە ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئەمەلىيەتتىكى مەنىسى بولسا «مېتال كېسىش ماشىنىسى» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ «نەقىش بەندى»نىڭ ئەگەشكۈچىلىرى سەرگەردانلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۇرمۇشىنى قامداش غېمىدە ھۈنەر ئۆگىنىشكە قاراپ ماڭغان.

 

رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، «نەقىش بەندى» ئۆزىنىڭ روھانىيلىق ئۇستىسىنى بىر قېتىملىق دەپنە مۇراسىمى ئوردېرىدا كۆرگەن.

ئۇ شۇ قەدەر ساداقەتمەن ئىدىكى، باھاۋۇدۇن دەرۋىشنىڭ ئىسمىنىڭ خېلىل ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھامان ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى قوبۇل قىلىپ، خېلىلنىڭ كۆز قارىچۇقىغا ئايلانغان. ئالتە يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بۇ رايوننىڭ ھۆكۈمرانى بولغان. سۇلتان خېلىل سوتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، باھاۋۇدۇن ئوردىنىڭ ناھايىتى چوڭ قىسمىنى ئىشلىتىپ مۇسۇلمانلار ئىلاھىيەتچىلىرىنىڭ قوليازمىلىرىنى ئوقۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان.

لېكىن، نەقىش بەندى ھەشەمەتچىلىككە ئۆچ بولغاچقا، ناھايىتى تېزلىكتە بۇ ئوردىدىن ئايرىلىپ، بۇخارا ئەتراپىدىكى بىر رىۋاتۇن دەپ ئاتىلىدىغان كەنتكە كۆچۈپ كەتكەن. بۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، ئىلاھىيەتچىلەر مۇقەددەس جايلاردىن بولغان مەككە بىلەن مەدىنىگە توپلىنىشقا باشلىغان. بۇ مۇساپە ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، نەقىش بەندى ئۈچ يىلدىن كېيىنلا ئاندىن بۇخاراغا قايتالىغان.

 

مەدرىسىتىكى سۇ كۆلچىكى

ھەج تاۋاب قىلغاندىن كېيىن، باھاۋۇدۇن ئۆزىنىڭ ئېتىقادى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېڭى ئارزۇسى بولسا پۈتۈنلەي ساپ بولغان روھانىيلىق ئىدىيىسىگە ئىگە بولۇش، ئەيىش-ئىشرەت ۋە ئاچكۆزلۈكتىن يىراق تۇرۇش بولغان. ئىلاھىيەتچىلەر ۋەز-نەسىھەت ئېيتىشتا ئاكتىپلاشقان ھەمدە ئۇنىڭ يېتەكلىشىگە ئاساسەن ھەقىقىي بولغان سوپىزىمنى ئاددىي ھالدا سۇنناسقا ئەگەشكەن ۋە بارلىق تۈزۈملەرنى دىننىي قانۇن بويىچە بېكىتكەن. روھانىيلىق گىژدۇۋانىنىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن نەقىش بەندى تەرەققىي قىلغان ھەم يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا Hodzhagan تۈزۈمىنى يولغا قويغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ 11 تۈرلۈك ئىبادەتتە چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈش ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، مۇشۇ ئارقىلىق بىر خىل ئالاھىدە بولغان نەپەسلىنىش تېخنىكىسىنى بايقىغان.

ئەڭ دەسلەپتە، پەقەت پۇقرالارلا بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا قىزىققان بولۇپ، كېيىن ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭ نامى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قەبىلىلەرگىچە تارقالغان. ئۇ بۇ خىل ئىسلام ئىدىيىسىنى ئوتتۇرا ئاسىيادا تارقاتقان. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ خىل نەزەرىيە ناھايىتى ئومۇملىشىپ، ئوسمان ئىمپىرىيىسى، مۇسۇلمانلار ۋولگا رايونى، ھەتتا ھىندىستاندىمۇ ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئالاھىدە بولغان بىر بەلگە ئەگەشكۈچىلەرنىڭ نەزىرىدىكى قىبلىگە ئايلانغان ھەمدە ئاللاھنىڭ ئىسمى مۇشۇ بەلگىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئويۇلغان، دەپ قارىغان.

 

باھاۋدۇن نەقىش بەندىنى زىيارەت قىلغۇچىلار

يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بۇ خىل نەزەرىيە كۈچىيىپ ماڭغان. ئاكا-ئۇكىلار سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ناھايىتى تېزلا شەيىخ نەقىش بەندىنىڭ كۆز قارىشى ھەتتا كۈچلۈك ئاسىيا دۆلىتىنى باشقۇرغۇچى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم بولۇپ قالغان.

باھاۋۇدۇن نەقىش بەندى ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا ئۆز تاللىشىنىڭ توغرىلىقىنى ھەر بىر ھەرىكىتىدە ئىسپاتلاپ كەلگەن ھەمدە دىننىي ئېتىقادنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى ئاشۇرغان.

يۇقىرى دەرىجىدىكى پاكلىق ۋە داڭلىق بولغان ئىلاھىيەتچى تەقۋادارلار بولغانلىقتىن، بۇخارا «شەرق ئىسلامىيىتىنىڭ قۇببىسىمان ئۆگزىسى» دەپ نام ئالغان ۋە باھاۋۇدۇن ئۆزى ھۆرمەتلىنىدىغان ۋە ئېتىراپ قىلىنغان مۇقەددەس شەھەرنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، پۈتكۈل ئۆمرىنى مۇشۇ جايدا ئۆتكۈزگەن.

 

 

1544-يىلى بىر ھەشەمەتلىك قەبرە باھاۋۇدۇن نەقىش بەندى ئۈچۈن تۇرغۇزۇلغان. قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، كىمنىڭ تىلىكى بولسا شۇ كىشى بۇ خاتىرە ئۆيىگە كېلىدىكەن ھەم بۇ يەر ھازىرغا قەدەر قۇرۇپ كەتمىگەن. ئەنئەنە بويىچە ئېيتقاندا، تەرىقەت يولىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە بۇ مۇقەددەس خاتىرە ئۆيىنى ئۈچ قېتىم زىيارەت قىلسا بىر قېتىم مەككە ۋە مەدىنىگە بېرىپ ھەج قىلىپ كەلگەنگە باراۋەر ئىكەن.  

 

 

 

قېشىمدا تۇرغىنى بۇخارانىڭ قاتناش ساقچىسى، بۇخارادا بىزنى ساياھەت قىلدۇرغان سانجارنىڭ دوستىكەن، ئۆزبېكىستاندا قاتناش ساقچىلىرىنى «گايى» دەيدىكەن، بۇلارنىڭ كىيىمىگە قارىغاندا بىزنىڭ قاتناش ساقچىلىرىمىزنىڭ كىيىملىرىنى چىرايلىق كۆردۈم. كەينىمىزدكى بۇخارانىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەمىرى ئالىم خاننىڭ ئوردىسى، بۇخارادىكى ئەڭ داڭلىق ساياھەت نۇقتىسى، شۇ سەۋەبلىك بۇ كىشىنىڭ قىسقىچە ھاياتىنى تورداشلارغا سۇنماقچىمەن.

 

 

ئەمىر سەئىد مىر مۇھەممەد ئالىم 1880- يىلى 3- يانۋاردا بۇخارادا تۇغۇلغان.

 خىزمەت ۋە ھوقۇقى: بۇخارا ئەمىرلىكىنىڭ 12-ئەمىرى (1910-1920).

 ئاتىسى: ئابدۇلئەھەد خان.

 ئايالى: نەزىرە.

پەرزەنتلىرى: سۇلتانمۇراد، شاھمۇراد، ئابدۇرەھىمخان، قىلىچ، سەئىد ئارىفخان، مۇسلىمە، نازاكەت، شۈكرىيە.

ۋاپات بولغان ۋاقتى: 1944- يىلى 5- ماي كۈنى. ئافغانىستان كابۇلدا ۋاپات بولغان.

قەبرىسى: كابۇلدىكى «Shoʻadoyi Solehin» قەبرىستانىدا.

سەئىد مۇھەممەد ئالىم تۈركىيلەرنىڭ ماڭغىت (Mangʻit) خانلىقىدىكى ئۆزبېك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. سەئىد ئالىم 13 يېشىدا ئاتىسى ئابدۇلئەھەد خان ئۆز ئوغلىنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇش بىلىملىرى ۋە ھەربىي مەلۇماتلارنى ئۆزلەشتۈرۈشى ئۈچۈن سانكت-پېتېربۇرگقا ئۈچ يىللىق تەلىم ئېلىشقا ئەۋەتكەن. 1896- يىلى ئۇ رۇسىيەدىن بۇخارا شاھزادىسى سالاھىيىتىدە بۇخاراغا قايتىپ كەلگەن.

 

 

 

ئەمىر ئوردىسى

 

ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇ نەسەف شەھەر ھاكىمى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ ۋە ئۇشبۇ ھاكىمىيەتنى 12 يىل داۋام يۈرگۈزىدۇ. كېيىنكى ئىككى يىلدا ئۇ كەرمىن ئۆلكىسىنىڭ شىمالىي قىسمىنى باشقۇرغان. 1910- يىلدا ئاتىسى ئابدۇلئەھەد خان ۋاپات بولىدۇ. شۇ يىلى رۇسىيە ئىمپىرىيەسى ئىمپىراتورى نىكولاي II تەرىپىدىن ئالىي مەرتىۋىگە كۆتۈرىلىدۇ. 1911- يىلى سەئىد ئالىم خانغا گېنېرال مايور ئۇنۋانى بېرىلىدۇ.

   تەختكە 1910-يىلى ئولتۇرغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ھەدىيە بۇيۇملارنى ئالماسلىقنى، باشقا ۋەزىر ۋۇزرالارغا پارا ئېلىشنى مەنئى قىلىشنى ۋە سېلىقچىلار ۋە باشلىقلارنى خەلقتىن ئالغان سېلىقنى ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن قوللانماسلىقنى پەرمان قىلىپ چۈشۈرگەن. بىراق ۋاقىت ئۆتكەنچە ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ كەتكەن. ئۇشبۇ ناچار ۋەزىيەت ئاقىۋىتىدە يېڭى قانۇن چىقارماقچى بولغانلار موسكۋا ۋە قازانغا ئەۋەتىلگەن. سەئىد ئالىم خان ھاكىمىيەت باشقۇرۇشنى ئەنئەنىۋى تەرزدە داۋاملاشتۇرىۋەرگەن.

 

بۇخارا ئەمىرلىكى رۇسىيە ئىمپىرىيەسىگە قاراشلىق بولۇپ، سەئىد ئالىم خان ئۆز دۆلىتىدە ئەمىر ماقامىغا ئىگە ئىدى. سەئىد ئالىم خاننىڭ پۇللىرىغا سانكت-پېتېربۇرگدا مەسجىد ۋە بۇخارا ئەمىرى ھەرەمخانىسى قۇرۇلدى. 1915- يىلىنىڭ 30- دېكابىر كۈنى گېنېرال لېيتېنېنت ماقامىغا ئىگە بولدى ۋە تېر قازاقلىرى قوشۇنىدا گېرنېرال ئاديۇتانت ماقامىغىچە كۆتۈرۈلدى.

 

   1920-يىلى قىزىل ئارمىيە بۇخارانى ئىگەللىۋالغاندا، سەئىد ئالىم خان بۇخارا ئەمىرلىكىنىڭ شەرقىگىچە، ھازىرقى ئافغانىستانغا قېچىپ كەتكەن.

 مەملىكىتىدىن سىرتقا قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قارا كۈچىنى سېتىپ تىرىكچىلىك قىلغان. باسمىچىلىقنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن. قېرىلىقتىن كۆزلىرى كور بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ بانكىدىكى ھېساباتلىرى  SSSR ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن توڭلىتىۋېتىلگەن.

سەئىد مۇھەممەد ئالىم خان 1944- يىلىنىڭ 5- ماي كۈنى 64 يېشىدا كابۇلدا ۋاپات بولغان.

ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن 3000 غا يېقىن كىشى پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ كەتكەن. ئۇلار ئاساسەن ئامېرىكا قوشما شتاتى، تۈركىيە، گېرمانىيە، ئافغانىستان ۋە باشقا دۆلەتلەردە ياشاپ كەلمەكتە.

 

ئەمىر ئوردىسىدا ساقلانغان 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى يېزىلغان قوليازما قۇرئان كەرىم، كومپىيۇتېردا تىزغاندەك ئاجايىپ نەپىس

 

   ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى بولغان شاھمۇراد ئالىموۋ 1929- يىلدا ئاتىسىدىن ۋاز كەچكەن ۋە قىزىل ئارمىيە سېپىدە خىزمەت قىلغان، شۇنداقلا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ ئىككى پۇتىدىن ئايرىلغان. ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا موسكۋادىكى فرۇنزە نامىدىكى ھەربىي ئاكادېمىيەدە خىزمەتتە بولغان.

 

ئۈچىمىز بۇخارادىكى بىر كۈنلۈك زىيارەتنى ئاياغلاشتۇرۇپ 150 مىڭ سومغا بىر پىكاپنى كىرا قىلىپ سەمەرقەنتكە يول ئالدۇق، 280 كىلومېتىرلىق بۇ يولنىڭ يېرىمى دېگۈدەك مۇشۇنداق كاتاڭ يولكەن، ئۆزبېكلەردە ناسۋال چېكىش ئېغىرمۇ قانداق، مەن ئۇچراتقان شوپۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تىلىنىڭ ئاستىغا ناسۋال سېلىۋالىدىكەن. بۇ شوپۇرمۇ ئاغزىدا ناسۋال، ئۆزى چاغ كەيىپ ھالدا دېۋو ماركىلىق كونا پىكانى ھەيدەپ قويدىكى، ئەمما 120 لىك سۈرئەتتە، بىخەتەرلىك تاسمىنى تاقاپ شاھادەت كەلىمىسىنى ئوقۇپ رامنى چىڭ تۇتۇپ ئولتۇرماقتىن باشقا ئامال بولمىدى، بىزنىڭ يوللاردا ھەيدىسە چوقۇم 200 لىك سۈرئەتتە ھەيدىشى ئېنىق.

 

سەمەرقەنت يولىدا ئۇچراتقان مېيىت يۆتكەۋاتقان جامائەتلەر

 

 

تۆت يېرىم سائەتلىك جاپالىق يولنى تاماملاپ سەمەرقەنتكە يېتىپ كەلدۇق، يول تاختىسىدىكى سەمەرقەنتكە تۆت كىلومېتىر، سولغا ماڭسىڭىز جىززەخكە 110 كىلومېتىر، گۇلىستانغا 165 كىلومېتىر، تاشكەنتكە 290 كىلومېتىر دېگەن خەتلەرنى چوقۇم ئوقۇپ چۈشەندىڭىز، بۇنىڭدىن يۈز يىللار ئىلگىرى ئەنجانلىقلار بىلەن قەشقەرلىكلەر ئۆز ئارا پاراڭلاشقاندا قىلچە قىينالمايدىكەنتۇق، خۇددى ھازىرقى تۇرپانلىقلار بىلەن ئاقسۇلۇقلار پاراڭدا قىينالمىغاندەك، ئۆزبېكىستان سوۋىت ئىتتىپاقىغا قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۆزبېكلەرنىڭ تىلى يېزىقى ۋە باشقا مەدەنىيەت ھادىسىلىرىدە كۆپ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن، بىزنىڭ سۆزلىرىمىزدە خەنزۇچە ئىبارىلەر كۆپ بولغىنىدەك بۇلاردىمۇ رۇسچە سۆزلەر بەك كۆپكەن. ھاۋا تەڭشىگۈچنى بىز ئېغىز تىلىدا كۆپرەك «كۇڭتياۋ» دەپ ئالىمىز، بۇلار كانسىنېر دەپ ئالىدىكەن، مېھمانخانىنى بىز «بىڭگۈەن» دېگەن بولساق بۇلار «گاسسىنېس» دەپ ئالىدىكەن، مېھمانخانا دېسىمۇ چۈشىنىدىكەن بولمىسا، شۇ سەۋەبلىك كىنو ۋە كىتابلاردا ئىشلىتىلگەن ئەدەبىي تىل بىلەن ئېغىز تىلىدا پەرق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزبېكچىنى خېلى سۆزلەيمەن دەپ يۈرسەم، بۇ يەردە يەنىلا كۆپ قىينالدىم. ناۋادا ئۆزبېكلەردىكى رۇسچە سۆزلەر بلەن بىزدىكى خەنزۇچە ئىبارىلەرنى چىقىرىپ تاشلىۋەتسەك گەپ ئالاقىدە كۆپ قىينىلىش بولماسلىقى مۇمكىن.

 

داۋامى بار....

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2