باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەينىڭ تەرجىمىھالى

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-09-18 11:27:40

‹‹يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەينىڭ تەرجىمىھالى›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەينىڭ تەرجىمىھالى

 

data-cke-saved-src=http://imgbaxlan.baxlan.com.cn/uploadfile/2015/0918/20150918112745388.jpg

 

تالانتلىق ياش يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي 1970–يىلى 2–ئاينىڭ 12–كۈنى خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ نەمۇدۇن يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1992–يىلى «تارىم يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ دېھقانچىلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن. 1992–يىلدىن 2000–يىلىغىچە نەمۇدۇن يېزىلىق تېخنىكا پونكىتىدا ئىشلىگەن. 2000–يىلدىن باشلاپ خېجىڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىدا ئىشلەپ كەلمەكتە.

نۇرگۈل ئەبەي «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىللىق  4–سانىدا ئېلان قىلغان «ئالتۇن»، «ئەمدى مېنى ئىزدىمەڭ» ناملىق تۇنجى ھېكايىلىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ «گۇناھ ۋە جازا»، «ئۆمۈرلۈك ئاشىق»، «قايتا تەكلىپ باغىقى» قاتارلىق 20 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىسى، «ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن»، «كەچكۈزدىكى غېرىبلىق»، «بىر ئەر ۋە تۆت خوتۇن» قاتارلىق 7 پارچە پوۋېستى ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان.

2013-يىلى «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» تەرىپىدىن «جۇدالىق سىرى» ناملىق رومانى، 2014-يىلى «مىللەتلەر نەشرىياتى» تەرىپىدىن «قۇم چۆگۈن» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، 2015-يىلى «شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى» تەرىپىدىن «مۇھەببەت يېنىڭىزدىلا» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.

2011-يىلى10-ئايدا «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئانا»ناملىق ھېكايىسى 18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. «ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن» ناملىق پوۋېستى «كروران» ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان «بۈركۈت  پەرۋازى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

نۇرگۈل ئەبەي ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى.

بىز ئەدەبىيات ئاسمىنىدا چولپان يۇلتۇزدەك پارلاپ، تېتىملىق ئەسەرلىرى بىلەن كىتابخانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا نائىل بولغان بۇ ئىستىقباللىق يازغۇچىنىڭ تىنىگە ساقلىق، ئائىلىسىگە خۇشاللىق، ئىجادىيىتىگە بەرىكەت تىلەيمىز!

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2