باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

بىل گېيتىسنىڭ بالا ۋاقىتلىرى

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-08-15 14:29:00

‹‹بىل گېيتىسنىڭ بالا ۋاقىتلىرى›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

\

بىل گېيتىس كىچىك چاغلىرىدا قارشىلىق كۆرسىتىش خاراكتېرى ئىنتايىن كۈچلۈك بىر بالا ئىدى، ئۇ ئاپىسى بىلەن كۆپ قېتىم تاكاللىشىپ قالاتتى، بىر قېتىم ئۇ ئاپىسى بىلەن قاتتىق گەپ تالىشىپ، قايىل بولماي، دادىسى بىر كېچە چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئۇ ئاخىرى ئۆز خاتالىقىنى بوينىغا ئالغان. مانا مۇشۇنداق مۇستەقىل خاراكتېرگە ئىگە بۇ بالا ئاخىرى دۇنياغا داڭلىق مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان. بىل گەيتىس بىر ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دادىسى ۋىليام.گەيتىس ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇ ئىلگىرى سېئاتىلدا بىر ئادۋوكات بولۇپ، بىر خالىس تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولۇپلا قالماي يەنە مېلىندا.گەيتىس فوندى جەمئىيىتىنىڭ بىرلەشمە يىغىنى رەئىسى ئىدى. بىل.گەيتىسنىڭ مۇۋەپپىقىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدە، چوڭ گەيتىس ئىزچىل مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن بولۇپ شۇنداقلا ئىزچىل ئوغلىنى قوللاپ كەلگەن. چوڭ گەيتىس 2005-يىلىدىكى بىر قېتىملىق خەير-ساخاۋەت يىغىنىدا:« دادا بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن، مەن ئەزەلدىن ئۇ كاج ئوغلۇمنىڭ ئاخىرىدا بىر چوڭ خوجايىن بولۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم» دېگەن. كىچىك گەيتىس بىلەن سېلىشتۇرغاندا، چوڭ گەيتىسنىڭ بويى ئېگىز، سۆزگىمۇ ماھىر، ئەمما كىچىك گەيتىسنىڭ مىجەزى بەكلا قىزىققان. ئەگەر بۇ دادا-بالىنىڭ قانداق بىر ئورتاق تەرىپى باردۇ دىيىلگەندە، ئۇ ئىككىسىنى ئىنتايىن ئەقىللىق ۋە ئاقكۆڭۈل دېيىشكە بولىدۇ. بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىنتايىن ئىناق ئۆتىدۇ، دەم ئېلىش چاغلىرىدا، گەيتىس داۋاملىق ئاكىسى، سىڭلىسى بىلەن تىكتاك توپ ئوينايتتى، ھەپتە ئاخىرىدا بىر ئائىلە كىشلىرى يىغىلىپ بىر ۋاخ ئىنتايىن كۆڭۈللۈك كەچلىك تاماقتىن بەھىرلىنەتتى. روژدېستىۋا بايرىمىدا بىر ئائىلە كىشىلىرى ئوخشاش رەڭلىك ئۇخلاش كىيىمى كىيىشەتتى، بۇ بىر ئائىلە كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتەن قىل سىغمايدىغان دەرىجىدە ئىناق دېيىشكە بولاتتى.

بىل كىچىكىدىنلا كىتاب ئوقۇشىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ بۇ قىزىقىشىنى قوللاپ كەلگەن، ئۇ كىتاب ئالماقچى بولسىلا ھېچكىم ئۇنى توسمايتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇشۇنداق كېتىۋەرسە گەيتىسنىڭ بىر كىتاب خالتىسى بولۇپ، ئۆز دۇنياسىغىلا چۆكۈپ، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى بىلمەيدىغان بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بېلنى ئىشىكتە مىھمان كۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان، ياكى بېلنى دادىسنىڭ شىركىتىدىكى يىغىلىشلارغا ئاپىرىپ، بېلغا قانداق مىھمان كۈتۈشنى ئۆگىتىپ، بۇ ئارقىلىق بېلغا قانداق جاھاندارچىلىق قىلىشنى ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن. بىل 11 ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى تېزلا پىشىپ يېتىلگەن ھەمدە ھەمىشە دېپلوماتىيە، ئىقتىساد ۋە ھاياتلىققا ئائىت بىر قىسىم چوڭقۇر مەسىلىلەرنى سوراپ، ئانىسىنى تەڭقىسلىقتا قوياتتى. ئۇنىڭ ئانىسى مارى ئوغلىنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ياقتۇرمايتى، چۈنكى بەزىدە سۇئال بەك كۆپ، بەك ئىنچىكە بولۇپ كەتكەندە، ئۇلار ئۇنىڭغا بىرەر مۇكەممەل جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز قالاتتى. مارى باياشات ئائىلىدە چوڭ بولغان، مارىنىڭ دادىسى سېئاتېلدىكى داڭلىق بىر بانكىر، ئۇ ئۆگىنىشتە تىرىشچان، تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرىدىغان ئايال ئىدى، شۇڭا ئۇ بالىلىرىغىمۇ مۇشۇنداق تەلەپ قوياتتى. ئائىلە ئاساسى ياخشى بولغان بىر ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن، مارى باي ئائىلىلەر تەربىيە ئۇسۇلىنى بالىلىرىغا سىڭدۈرەتتى، مەسىلەن كىيىم-كېچەكنىڭ رەتلىك بولۇشى، ۋاقىتقا رىئايە قىلىش، گەپ-سۆزدە ئەدەپلىك ۋە ئالاقە ئىقتىدارى بولۇش دېگەندەك. بېلنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن بولغان تاكاللىشىشى كۈچەيدى. مارى ھەمىشە بېلنىڭ ياتاق ئۆيى رەتلىك ئەمەس، تاماق ۋاقتىغا رىئايە قىلمايدۇ، كىتاب كۆرسە داۋاملىق قەلەم ئۇچىنى چىشلەيدۇ دەپ خاپا بولاتتى. بۇنداق خاپا بولۇشلار ئاخىرىدا قاتتىق گەپ تالىشىشقا ئۆزگىرەتتى، ھەر قېتىم مۇشۇ ۋاقىتتا، چوڭ گەيتىس ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، سەۋرىچانلىق بىلەن ماجىرانى بېسىقتۇراتتى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئائىلىنىڭ تىنچلىقى بارا-بارا تەسىرگە ئۇچراشقا باشلىدى، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، بېلنىڭ خاراكتېرى قوپاللىشىپ، ھەمىشە چېچىلىدىغان بولۇپ قالدى، بۇنداق چاغلاردا چوڭ گەيتىس بىلەن مارىنىڭ بېشىغا قاتتىق بىر ئاغرىق كىرەتتى. گەيتىس 20 ياشقا كىرگەن شۇ يىلى، ئۇ ئانىسى بىلەن ئەڭ كۆپ تاكاللىشىدىغان بولۇپ قالغان مەزگىل. بىر مەزگىل مەسلىھەت سوراش ئارقىلىق، پىسخىكا دوختۇرى چوڭ گەيتىس بىلەن مارىغا:«بىل مۇستەقىل تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگە بالا، ئۇ كەلگۈسىنى ئۆزى يارىتالايدۇ، ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىڭلار» دىگەن تەكلىپىنى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن چوڭ گەيتىس بىلەن مارى بېلنى بىر شەخس ئىگىدارلىقىدىكى مەكتەپكە ئەكىرىپ بەرگەن، بۇ مەكتەپتە بېل ئىنتايىن ئەركىن بولالايتى، دەل شۇ مەكتەپتە بېل تۇنجى قېتىم كومپيىۇتېر بىلەن ئۇچراشقان. ھازىر بۇ شەخسى مەكتەپ بېل گەيتىس سەۋەبلىك داڭلىق بولۇپ كەتتى. بېل، شۇ مەكتەپكە كىرگەندىن تارتىپ، ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئەركىن پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۆزىنى دۇنياغا ئىسپاتلىماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاخىرقى ھېسابتا، بېل ھەقىقەتەنمۇ دۇنياغا ئۆزىنى ئىسپاتلىيالىغان. 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2