باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

قاتار ۋە ئۇنىڭ بايلىق توپلاش سىرى

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-08-15 14:26:17

‹‹قاتار ۋە ئۇنىڭ بايلىق توپلاش سىرى›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

\

پادىشاھ خەمىد بىن خەلىپە ئون ئەلى

قاتار گەرچە پارس قولتۇقىدىكى كىچىككىنە ئارال دۆلەت بولسىمۇ، لىكىن ئۇ يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ شۇنچە باي بولۇشىدىكى سىر، بىرى ئېنىرگىيە بايلىقى ئىكسپورت قىلىش يەنە بىرى خەمىد بىن خەلىفە ئون ئالى پادىشاھىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى مەبلەغ سىلىشىدىن كەلگەن سودا پايدىسى.

قاتارنىڭ يەر كۆلىمى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، نوپۇسى بىر مليونغىمۇ يەتمەيدۇ، ئەمما نېفىت بايلىقى بۇ دۆلەتنى بايلىق ھۆكۈمرانىغا ئايلاندۇرغان. باشقا دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھىغا ئوخشاش، خەمىدمۇ ماختىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ قاتار دۆلىتىنىڭ خەلقئارادا نامىنى كۆتۈرۈشنى ئويلايدۇ، شۇڭلاشقا دائىم تېننىس توپ، گولف توپ، ماشىنا كۈچ تارتىش ۋە كېمە ھەيدەش مۇسابىقىلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ ھەمدە نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرگە ناھايىتى يۇقىرى مۇكاپات تارقىتىدۇ. نۆۋەتتە ئۇ قاتار مەبلەغ سېلىش ئىدارىسى ئارقىلىق سىرتقا مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. سىتاتسىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئىدارىنىڭ ھەريىللىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا سالغان مەبلىغى جەمئىي 20مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، مەبلەغ سىلىش دائىرىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى قاپلىغان ھەمدە سالغان مەبلەغ تۈرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولغان. قېنى قاراپ باقايلى پادىشاھ خەمىد قايسى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىگە بىر قەدەر ئىشتىياق باغلىغان ئىكەن، بەلكىم بۇ شىركەتنىڭ نامىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭىزدا بۇ دۆلەتنىڭ شۇنداقلا پادىشاھ خەمىدنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنچە باي ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن:

گېرمانىيە ھەممىباب ئاپتوموبىل ياساش شىركىتىنىڭ %17پېيى، پورش ئاپتوموبىل ياساش شىركىتىنىڭ %10پېيى، بىناكارلىق چوڭ سودىگىرى خور دىفنىڭ %9پېيىگە ئىگە؛ فرانسىيىدە نۇرغۇن شىركەتنى ئىگىلىگەن، مەسىلەن سۇۋەيش ئېنىرگىيە گوروھى، دەگسىيا بانكا گۇرۇھى ۋە لاگاردىيا نەشىر گوروھىنىڭ پېيى. ئەنگىلىيىدە بولسا لوندون غەربىي رايونى، ھايد باغچىسى، چىلسى پۇتبۇل كۇلۇبى ۋە سان-ساناقسىز ئىگىز بىنالار، ئالىي دەرىجىلىك مىھمانخانا-سارايلارغا ئىگىدارلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، لوندون پايچېكى بازىرىنىڭ بىر قىسىم پاي ھوقۇقىغا ئىگە. 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2