باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

كازافىدىن يۈز ئۆرۈگەن مۇسا قۇسەي

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-08-15 14:09:06

‹‹كازافىدىن يۈز ئۆرۈگەن مۇسا قۇسەي›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

 

قۇسەي 1949-يىلى تۇغۇلغان، ئالىي مەكتەپنى ئامېرىكىدا ئوقۇغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرى ئامېرىكىنىڭ مىچىگان شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىقتا ئوقۇغان بولۇپ، ئىنقىلاۋى ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرغان غەيرەتلىك ياش ئىدى. ئۇ ماگىستىرلىق دىسېرتاتسىيە ماقالىسىنى يېزىۋاتقاندا، پۇرسەت كېلىپ كازافىنى زىيارەت قىلغان. كازافىنىڭ خاراكتېرى ئۇنى ئەسىر قىلىۋالغانىدى، قۇسەيمۇ كاززافىينىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. قۇسەي ناھايىتى تېزلا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، كازافىي رەھبەرلىكىدىكى لىۋىيەگە قايتىشنى تاللىدى ھەمدە لىۋىيەنىڭ ياۋروپا ئىشلىرى بويىچە بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتى باشلاندى.
1980-يىلى قۇسەي لىۋىيەنىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولدى. خەۋەرگە قارىغاندا، شۇ يىلى «تايمىس گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، قۇسەي لىۋىيەنىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۋاتقان لىۋىيە ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ ئىككى ئەزاسىنى يۇقۇتۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئەنگىلىيەدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلىگەن. 1992-يىلدىن 1994-يىلغىچە قۇسەي لىۋىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنستىرى بولغان. 1994-يىلدىن 2009-يىلغىچە لىۋىيە ئاخبارات ئورگىنىنىڭ باشلىقى بولغان. 2009-يىلى 3-ئايدىن 2011-يىلى 3-ئايدا قىچىپ كېتىشكىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇ لىۋىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنستىرى بولغان.
قۇسەي كازافىي ھاكىمىيىتىدىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئامېرىكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 15 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. بەزى خەۋەردە: 2009-يىلى قۇسەي كازافىي تەرىپىدىن دىپلوماتىيە مىنستىرلىقىغا تەيىنلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما دىپلوماتىيە مىنستىرى بولغاندىن كېيىنمۇ قۇسەي ئەمەلىيەتتە يەنىلا ئاخبارات مىنستىرلىق ۋەزىپىسىنى ساقلاپ كەلدى. ئۇنى كازافىي ھاكىمىيتىنىڭ تېگى تەكتىنى بىلىدىغان شەخس دېيىشكە بولىدۇ، دېيىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، قۇسەي بىلەن كازافىينىڭ ئوغلى سەيفۇل ئىسلام 2004-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەنى جازالاشنى بىكار قىلىش سۆھبىتىدە مۇھىم رول ئوينىغانىدى.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备14002316号