مۇھەممەت ھۆسنى مۇبارەك 1928-يىلى 4-ماي مانوۋېل فىيات ئۆلكىسىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1949-يىلى ۋە 1950-يىلى مىسىر ھەربىي ئىشلار ئىنستىتۇتى ۋە ھاۋا ئارمىيە ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 20-ئەسىرنىڭ 50،60 -يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۈچ قېتىم ئوقۇشقا بارغان.
1967-يىلى، مۇبارەك ئۈچىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەمدە ھاۋا ئارمىيەسىگە قوماندانلىق قىلغان، 1972-يىلى ئاپرېل ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن، شۇ يىلى مايدا قوشۇمچە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان، 1972-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە قوراللىق قىسىمىنىڭ باش قوماندانى بولغان.
مۇبارەك 1975-يىلى ئاپرېلدا مىسىرنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بولغان. 1978-يىلى مىسىر مىللىي دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، 1980-يىلى مايدا مۇشۇ پارتىيەنىڭ باش سېكرېتارى بولغان. 1981-يىلى 6-ئۆكتەبىردىن 2011-يىلى 11-فېۋرالغىچە مىسىرنىڭ پىرېزىدېنتى بولغان.
مۇبارەك 1989-يىلى ئىيۇلدا 25-نۆۋەتلىك ئافرىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى بولغان. 1993-يىلى ئىيۇلدا 29-نۆۋەتلىك ئافرىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ رەئىسى بولغان. 2009-يىلى ئىيۇلدا، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى باشلىقلار يىغىنىدا بۇ ھەرىكەتنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن.
2011-يىلى 11-فېۋرال، 18 كۈنلۈك زور كۆلەمدىكى نامايىشنىڭ بېسىمى ئاستىدا، مۇبارەك ۋەزىپىسىدىن مەجبۇرىي ئىستىپا بېرىپ، 30 يىلغا يېقىن ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇردى. 13-ئاپرېل ، مىسىرنىڭ ئالىي باش تەپتىشى مۇبارەك ئاتا-بالا ئۈچەيلەننى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىپ، مۇبارەكنىڭ تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ چىرىكلىك، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش قاتارلىق ئەيىبلەشلەرگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلدى. 24-ماي، مىسىرنىڭ ئالىي باش تەپتىشى جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى.
3-ئاۋغۇست، 83 ياشقا كىرگەن مۇبارەك پايتەخت قاھىرەدە سوتلاندى. بۇ مىسىر تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم سوتلانغان دۆلەت رەھبىرى. مۇبارەك قورال كۈچى ئارقىلىق نامايىشچىلارنى باستۇرۇش ۋە چىرىكلىشىش قاتارلىق ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىدى.
مۇبارەك ۋە ئايالى سۇسان مۇبارەكنىڭ ئىككى ئوغلى بار.