ئابدۇللا گۈل 1950-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قەيسەرى ئۆلكىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، 1983-يىلى بۇ مەكتەپتە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان.
1983-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە، ئابدۇللا گۈل ئىسلام تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى بولغان. 1991-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، ئۇددا بەش قېتىم تۈركىيە بۈيۈك مەجلىسىنىڭ ئەزاسى بولغان، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، پىلان ۋە خامچوت كومىتېتى، دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان، 1996-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بولغان. 2001-يىلى ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە بۇ پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 2002-يىلى11-ئايدا تۈركىيە 58-نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى بولغان. 2003-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە تۈركىيە 59-نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغان. 2007-يىلى 8-ئايدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 11-پرزېدېنتى بولغان.
2009-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان.