11 يىل جىنسىي قۇل قىلىنغان ئايال كىتاب چىقارماقچى

0 2013-11-29 10:11:20   جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى


ئامېرىكا «نىيۇروك كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 27-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتلىشىچە، ئوخايو ئىشتاتى كىلېۋېلېند (Cleveland) يامان غەرەزدە تۇتقۇن قىلىش ۋە 10 يىلغا يېقىن ئەركىنلىكىنى چەكلەش دېلوسىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۈچ ئايالنىڭ ئىچىدىكى مىلخائىللې كىنايىت (Michelle Knight) ئىسىملىك ئايال كىلەر يىلى يازدا ئۆزىنىڭ جىنسىي قۇل قىلىنغان ۋاقىتتىكى ئەسلىمىلىرىنى يېزىپ، نەشر قىلدۇرماقچى بولغان.

مەزكۇر كىتابنى نەشىر قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان شىركەتنىڭ باياناتىدا، مىلخائىللې كىنايىت مۇنداق دېگەن:«مەن زوراۋانلىق قىلمىشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ھەر بىر كىشىگە ھاياتقا يېڭىچە نەزەردە بېقىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئېيتىپ بەرمەكچى. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، قاراڭغۇ كىچىدە يامغۇر مەيلى قانچىلىك قاتتىق ياغسۇن، تەڭرى ئاخىرىدا يەنىلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يوللىرىدىكى توسالغۇلارنى يېڭىپ چىقىدىغان كۈچ ۋە قەيسىرانە روھ ئاتا قىلىدۇ.»

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر