ئەتىيازدا تېرىلىدىغان شوخلىنىڭ چېچەكلەش مەزگىلىدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى مۇقىم بولمايدۇ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنرەك بولغاندا چېچەك شوخلىلارنىڭ بالدۇر تۆكۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا سۇغۇرۇش، ئوغۇتلاش، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پەرۋىشىنى كۈچەيتىش كېرەك.
1. ئوغۇت پەرۋىشى
شوخلا ئوغۇت مىقدارىنىڭ زور بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان زىرائەت، ئاساسىي ئوغۇتنى يېتەرلىك بەرگەن ئاساستا قوشۇمچە ئوغۇت بېرىش، بولۇپمۇ كالىيلىق ئوغۇت بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئاساسىي ئوغۇت ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى چىرىگەن مەھەللىۋى ئوغۇت، كالتسىي سوفېرفوسفات قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش كېرەك. قوشۇمچە ئوغۇتلاشتا شوخلا چۈشۈشتىن ئىلگىرى ئازراق بېرىش، شوخلا چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن كۆپرەك بېرىش، بىرقانچە قېتىمغا بۆلۈپ بېرىش كېرەك. بىر غۇجمەك گۈل گۇرۇپپىسىدا 4~3 گۈل ئېچىلغاندا فەنچيېلىڭ قاتارلىق دورىلار ئارقىلىق چېچىكى ۋە شوخلىسىنى ساقلاش كېرەك. دورىنىڭ قويۇقلۇقى تېمپېراتۇرىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا قويۇقلۇقى تۆۋەنرەك بولسا بولىدۇ.
2. سۇغۇرۇش پەرۋىشى
چېچەكلىگەندىن تارتىپ شوخلا چۈشۈش مەزگىلىگىچە شوخلا تۈپلىرىنىڭ ئۆسۈشى سۇغا بىرقەدەر كۆپ ئېھتىياجلىق بولىدۇ. شۇڭا سۇ بىلەن تەكشى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مايسا يېتىشتۈرۈلگەن مەزگىلدىن تارتىپ تۇنجى شوخلا مېۋىسى چۈشكىچە مۇۋاپىق تۈردە ئازراق سۇغۇرۇش، ئادەتتە سۇغارماسلىق كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، بويىغا زورلاپ ئۆسۈپ كېتىپ، چېچەك شوخلىلىرىنىڭ چۈشۈشى كۆرۈلىدۇ. تۇنجى قېتىملىق شوخلىلار چوڭايغان، ئىككىنچى قېتىملىق شوخلىلار ئەمدىلا شەكىللەنگەندە سۇغۇرۇش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش، كىچىك شوخلىلار چوڭىيىۋاتقاندا مۇۋاپىق سۇغۇرۇش كېرەك.
3. شوخلا تۈپلىرىنى رەتلەش
شوخلا تۈپلىرىنى يالغۇز تاياقلىق رەتلەش ۋە قوش تاياقلىق رەتلەشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلدا رەتلەشكە بولىدۇ. يالغۇز تاياقلىق رەتلەشتە يەككە تۈپتە 7 ئەتراپىدا غۇجمەك مېۋە قالدۇرۇلۇپ قالغانلىرى ئېلىۋېتىلىدۇ، يان تەرەپتىكى بىخلار ۋاقتىدا ئېلىۋېتىلىدۇ. چېچەك ۋە شوخلىلىرى ۋاقتىدا شالاڭلىتىلىپ تەكشى بولغان چوڭ مېۋىلەر ساقلاپ قېلىنىدۇ، ھەربىر غۇجمەك مېۋە ئورنىدا 8~7 شوخلا چۈشسە بولىدۇ. شوخلىلارنىڭ دىيامېتىرى 2 سانتىمېتىر ئەتراپىغا يەتكەندە، غەلىتە شەكىللىك شوخلىلار ھەم كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىغا ئۇچرىغان شوخلىلار ئېلىۋېتىلىپ 5~4 دانە شوخلا قالدۇرۇلسا بولىدۇ.
4. كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش
شوخلىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەردىن ئاساسلىقى بالدۇر يۇقۇملىنىش كېسىلى، يوپۇرماق پاختىلىشىش كېسىلى، كۈلرەڭ پاختىلىشىش كېسىلى، يارا كېسىلى قاتارلىقلار بار. كېسەللىك پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە بوردو ئېرىتمىسى ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە يوقاتقىلى بولىدۇ. كېيىنكى مەزگىلدە%70 لىك مېتىل توپسىننىڭ 000 1~ 800ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى %75لىك خىلوروتالونىل (بەيجۈنچىڭ) نىڭ 600 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى ياكى سۇكېلىڭ دورىسىنى پۈركۈپ ئالدىنى ئېلىپ يوقاتسا بولىدۇ. زىيانداش ھاشاراتلاردىن ئاساسلىقى كېۋەز غوزا قۇرتى، كۆكتات كۆك قۇرتى، كۆك پىت قاتارلىقلار يوپۇرماقلارغا ۋە مېۋىلەرگە زىيان سالىدۇ. بۇلارنى تيەنرۇن ھاشارات يوقىتىش دورىسى - 1 ياكى تيەنرۇن ھاشارات يوقىتىش دورىسى - 2 لەرنى ئىشلىتىپ يوقاتقاندا، كېۋەز غوزا قۇرتى ۋە كۆكتات كۆك قۇرتىغا قارىتا بىرقەدەر ياخشى ئۈنۈمى بولىدۇ. سۇدېلى ياكى چۇڭلۈۋەنكې دورىلىرى ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىپ يوقىتىشنىڭ ئۈنۈمىمۇ يامان ئەمەس، كۆك پىتنى يوقىتىشتا بىچۇڭلىن ياكى پىياۋۇ قاتارلىقلارنى پۈركىسە بولىدۇ.
داڭلىق ناخشا چولپىنى مادوننا <قۇرئان > تەتقىق قىلىۋاتقانلىق...
ئەل سۆيگەن داڭلىق ناخشىچى غالىپجان غوپۇر ناخشا كېچىلكى ئۆتك...
سەئودى ئەرەبىستانئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشى چەكلىنىدۇ...
دۆلەت رەئىسى شىجىنپىن پۇتىنغا تۇغۇلغان كۈن تورت سوۋغا قىلدى...
سەئودى ئەرەبىستاندا كوچىدا ئۇسۇل ئوينىغان ئەرگە 10 يىللىق قا...
مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانىسى رىياسەتچىسى نېغمەت راخمان تو...