مېۋىلىك باغلارنى يېڭىلاشتىكى ئاددىي تېخنىكىلار

0 2013-10-09 11:42:49   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      نۆۋەتتە، مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈشتە كونا باغلارنى يېڭىلاش ئۇسۇلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلماقتا. مېۋىلىك دەرەخلەر ئاساسەن كۆپ يىللىق بولۇپ، ئاز بولغاندا 10 يىل، كۆپ بولغاندا نەچچە ئون يىل ئۆسكەن بولىدۇ. شۇڭا كونا مېۋىلىك باغلارنى ئۆزگەرتىشتە نۇرغۇن مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈسىتىگە، ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك، تېخنىكا ئارقىدا قېلىش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن يېڭى تىكىلگەن كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتى تۆۋەن، مېۋىگە كىرىشى ئاستا، ئۈنۈمى تۆۋەن بولىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىككە ۋاقىتنى، ئەمگەك كۈچىنى تېجىگىلى بولىدىغان ئاددىي ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى تونۇشتۇرىمىز:
      1. باغ بەرپا قىلىش
      ئۆز جايىدا راۋاجلاندۇرۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان مېۋىلىك دەرەخ سورتلىرىنى تاللاش كېرەك. كۆچەت تاللاشتا پاكارلاشقان ئالا ئۇلاق تۈۋىنى ئاساس قىلىش، پاكارلاشقان ئۇلاق تۈۋىنى قوشۇمچە قىلىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى تىكىلگىنىگە 3 يىل بولغان، يىلتىزى ۋە شاخلىرى كۆپ (گۈل بىخى بار) كۆچەتلەرنى تىككەندە شۇ يىلىلا مەھسۇلات ئالغىلى، 3~2 يىلدا راسا چېچەكلەش مەزگىلىگە كىرگۈزگىلى بولىدۇ.
      2. كۆچەت تىكىش
      كونا مېۋىلىك باغلارغا ئۇزۇندىن بۇيان بىر خىللا دەرەخ تىكىلگەچكە، ئوڭايلا ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭسىزلىقى كۆرۈلىدۇ ۋە تۇپراقتىكى كېسەللىك زىيىنى بىرقەدەر ئېغىر بولىدۇ، تۇپراقتىكى مىكرو ئورگانىزملار توپى بۇزۇلغاچقا، يېڭى مىكرو ئورگانىزملار توپىنى بەرپا قىلىپ تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. كۆچەت تىكىشتىن ئىلگىرى تۇپراقنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ ۋە ئورگانىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاپ، يېڭى تىكىلگەن كۆچەتلەرنىڭ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن سارغىيىپ نابۇت بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
      3. تۇپراقنىڭ مۇنبەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
      تۇپراقنىڭ مۇنبەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۇسۇلى: كۆچەت تىكىلىدىغان ئورەك (چوڭقۇرلۇقى 60~40 سانتىمېتىر بولىدۇ) نى كولاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا پاخال، ئوت - چۆپ، ئورگانىك ئوغۇت قاتارلىقلارنى سېلىپ ئۈستىگە توپا ياپقاندىن كېيىن كۆچەت تىكسە بولىدۇ؛ كۆچەت تىكىش سۈيىنى قۇيغاندا ھەر 50 كىلوگىرام سۇغا 1 گىرام <<بىخۇ>> قوشۇپ ~35 تۈپنىڭ تۈۋىگە قۇيۇش، ئاندىن كېيىن 1 قېتىم قاندۇرۇپ سۇغۇرۇش ئارقىلىق كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. <<بىخۇ>> تەركىبىدە نۇرغۇن ھەرىكەتچان فېرمېنتلار ۋە ئوننەچچە خىل مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار بار بولغاچقا، ئۇنى ئىشلەتكەندە تۇپراقتىكى باكتېرىيە توپلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، ئوزۇقلۇقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ تۇپراق ئۈنۈمدارلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
      4 پەرۋىش
      ئېتىز پەرۋىشىدە مېۋىلىك دەرەخ ئاستىغا قىچا، پۇرچاق تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىغاندا يەر تېمپېراتۇرىسىنى قىشتا 5~3 سېلسىيە گىرادۇس ئۆرلەتكىلى، يازدا 5~3 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ؛ مېۋىلىك دەرەخ ئاستىغا ئوت - چۆپ تېرىش ئارقىلىق مېۋىلىك دەرەخ يىلتىزلىرىنىڭ ئۆسۈش مۇھىتىنى ياخشىلىغىلى، ھاۋا ئۆتۈشۈشنى كۈچەيتكىلى ھەم تۇپراقتىكى پايدىلىق جانلىقلار ۋە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتكىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە يەر ئۈستى سۇلىرىنىڭ ئىسراپ بولۇشىنى ئازايتىپ، يىلتىزنىڭ ناچار شارائىتلارغا تاقابىلچانلىقىنى ۋە مۇقىملىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
      5 مېۋىلىك دەرەخلەرنى پۇتاشتىن ئىلگىرى قوللىنىلىدىغان تېخنىكىلىق تەدبىرلەر
      تا ھازىرغا قەدەر، مېۋىلىك دەرەخلەرنى پۇتاشتىن ئىلگىرى قىسقا كېسىش، كەينىگە قايتۇرۇش، ئۇزۇن قويىۋېتىش، شاخ شالاڭلىتىش، يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىش ۋە قاسرىقىنى سويۇش قاتارلىق تېخنىكىلار قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ تېخنىكىلار بىرقەدەر مۇرەككەپ، ئۆگىنىش تەس، بۇ خىل تېخنىكىلار قوللىنىلغان مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭمۇ چېچەكلەپ مېۋە تۇتۇشى ئاز، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئىسراپ بولۇشى كۆپ بولماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شالاڭلىتىش، تارتىش ئاساس قىلىنغان يېڭى پۇتاش تېخنىكىسى قوللىنىلىشقا باشلىدى. بۇ ئۇسۇلدا ئەمگەك كۈچىنى تېجىگىلى، مېۋىلىك دەرەخلەرنى نورمال ئۆستۈرگىلى، نورمال مېۋىگە كىرگۈزگىلى بولىدۇ، كېڭەيتىش ئاسان، ئىش ئۈنۈمىنى 1 ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ شاخ تارتىش پۇتاپ شەكىلگە كىرگۈزۈشتىكى مۇھىم تېخنىكا بولۇپ، مۇۋاپىق قوللىنىلسا كېيىن دەرەخ شەكلىنى ساقلاش ۋە نورمال مېۋىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئاساس سالغىلى بولىدۇ. دەرەخ قانچە ئېگىزلىگەنسېرى شاخ تارتىشقا شۇنچە ئەھمىيەت بېرىش 80~70 گىرادۇستىن 110 گىرادۇسقا يەتكۈزۈش كېرەك. بۇلۇڭى قانچە چوڭ بولسا دەرەخنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەشكە شۇنچە پايدىلىق بولىدۇ. چوڭ - كىچىك شاخلارنى پۇتاپ شالاڭلىتىشنى پىلانلىق ئېلىپ بېرىش، يىللارغا بۆلۈپ پۇتاش، بىر قېتىمدىلا پۇتاپ بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، دەرەخنىڭ پۇتاقلىرى كۆپ بولۇپ كېتىپ شاخلاردا كېسەللىك كۆرۈلۈش ئېھتىمالى زور بولىدۇ. شاخلارنى شالاڭلاتقاندىن كېيىن، چوڭ شاخلارنىڭ ئارىلىقى 1 مېتىردىن ئارتۇق، چوڭ شاخ گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئارىلىقى 60 سانتىمېتىردىن ئارتۇق، ئوتتۇرا شاخ گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئارىلىقى 40 سانتىمېتىردىن ئارتۇق، كىچىك شاخ گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئارىلىقى 20 سانتىمېتىردىن ئارتۇق بولۇشى كېرەك.
      6. ھەرە ئارقىلىق چاڭلاشتۇرۇش
      ھەرە ئارقىلىق چاڭلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، چېچەكلىرىنى بالدۇرراق شالاڭلىتىش كېرەك. ھەر موغا 100~80ھەسەل ھەرىسىنى قويۇپ بەرگەندە ~56 ئەمگەك كۈچىنى تېجەپ قالغىلى ھەمدە مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ مېۋە بېرىش نىسبىتى ۋە مېۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. چېچىكىنى بالدۇر شالاڭلاتقاندا ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئىسراپ بولۇشىنى ئازايتقىلى ۋە قايچا بىلەن يۇمران مېۋىلەرنى قايچىلاش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلغىلى، ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. تايانچ شاخلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، شەكىلگە كىرگۈزۈشنى ئاسانلاشتۇرغىلى بولىدۇ. بۇندىن باشقا، يەنە دەرەخ تاجىسى يېيىلغاندىن كېيىن يورۇقلۇقنىڭ چۈشۈشى ياخشى بولۇپ، خالتا كەيدۈرۈشكە كېتىدىغان ئەمگەك كۈچىنى تېجىگىلى بولىدۇ.
    7. مېۋىلىك دەرەخنىڭ چوڭ - كىچىك يىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
      ھەربىر تۈپكە 1 گىرام <<بىخۇ>> نى 15 كىلوگىرام سۇدا سۇيۇلدۇرۇپ، 30~10 كىلوگىرام ئورگانىك ئوغۇت بىلەن بىرگە بېرىلىدۇ، بۇنداق قىلغاندا مېۋىلىك دەرەختە ئوزۇقلۇقنىڭ جۇغلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
      8. تۇپراقنىڭ ئۆزىدىن زەھەرلىنىش رولى تەسىرىدە دەرەخنىڭ ئۆسۈشى ئاجىز بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
      1 گىرام <<بىخۇ>> 15 كىلوگىرام سۇدا سۇيۇلدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا كالتسىيلىق ئوغۇت ۋە ئېزوجۈنتۇڭ قوشۇلۇپ يىلتىزغا قۇيۇلىدۇ، بۇنداق قىلغاندا تۇپراق ياخشىلىنىپ، مېۋىلىك دەرەخنىڭ ئۆسۈشى ئەسلىگە كېلىدۇ.
      9. ئېلېمېنت يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان يوپۇرماق سارغىيىش، ئالا چىپار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
      1 گىرام <<بىخۇ>> نى 54~30 كىلوگىرام سۇدا سۇيۇلدۇرۇپ، ئۇنىڭغا ۋىرۇس يوقىتىش دورىسى ۋە ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلارنى قوشۇپ بەرگەندە، ئېلېمېنتلارنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېسەللىك زىيىنىنى يېنىكلىتىدۇ.
      10. ئەتىيازدىكى سوغۇق ئېقىمدىن ساقلاش
      1 گىرام <<بىخۇ>> نى 15 كىلوگىرام سۇدا سۇيۇلدۇرۇپ، ئۇنىڭغا جياكېسۇ ۋە كالىيلىق ئوغۇتنى قوشۇپ يوپۇرماققا پۈركىگەندە، ئۈششۈككە تاقابىلچانلىقىنى ئاشۇرغىلى ۋە ئۈششۈكتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر