بېتون سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ۋە كورۈلگەن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى

0 2013-10-09 11:40:04   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      بېتون قۇرۇلۇشى جەريانىدا قۇيۇلۇپ بولغان بېتون يۈزىدە چوقۇر يۈز، ھەرە كۆنىكىسىمان يۈز، تۆشۈك (كامار)، پولات چىۋىق كۆرۈنۈپ قېلىش، چاك پەيدا بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان سۈپەت مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا پولات چىۋىقلىق بېتون قۇرۇلمىدىكى پولات چىۋىقنىڭ داتلىشىشىغا ياكى زىيانلىق ئامىللارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا شارائىت يارىتىپ، پولات چىۋىقلىق قۇرۇلمىنىڭ چىدامچانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قۇرۇلمىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى قاتارلىق ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۆۋەندە بېتوننىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ۋە ئۇنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.
      1. چوقۇر يۈز
      بېتون قۇرۇلمىنىڭ يۈزىدە نۇرغۇنلىغان كىچىك ئويۇق چوقۇر شەكىللىنىدۇ، بۇ ئاساسلىقى ماتېرىيال تەڭشەشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى، چىڭداشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، قېلىپ يۈزىنىڭ سىلىق بولماسلىقى، ئاسراشنىڭ ياخشى بولماسلىقى، قېلىپتىن لاي ئېقىش، قۇرۇلۇش دېتاللىرىنىڭ بېتوننىڭ سۇ تەركىبىنى سۈمۈرۈۋېلىشى، بېتون لاي ئېتىش سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. چوقۇر يۈزنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى: چوقۇر قىسمىنى يۇقىرى بېسىملىق سۇ بىلەن يۇيۇپ تازىلىغاندىن كېيىن، بېتون بىلەن ئوخشاش نومۇرلۇق قۇم لاي بىلەن سىلىقلاپ چىڭداپ، چوقۇر يۈزنى سىلىقلىسا بولىدۇ.
      2. ھەرە كۆنىكىسىمان يۈز
      بۇنىڭدا بېتون قۇرۇلمىنىڭ يۈزى ھەرە كۆنىكىگە ئوخشاش كامار بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، بېتون چىڭداشنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە قېلىپنىڭ يوچۇقلىرى ھىم ئېتىلمىگەنلىكتىن لاي ئېقىپ كەتكەن. بۇندىن باشقا، يەنە ياخشى تەكشىلەنمىگەن، ياخشى تەۋرىتىلمىگەن، يان تەرەپتىكى بېتونغا تەۋرىتىش ئېلىپ بېرىلمىغان بولسىمۇ بېتون قۇرۇلمىنىڭ يۈزى ھەرە كۆنىكىسىمان بولۇپ قالىدۇ. بۇنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى: كىچىك ھەرە كۆنەكلىرىنى چوتكىلاپ يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن سېمونت لاي بىلەن تەكشى ئېتىش كېرەك، چوڭراق ھەرە كۆنەكلىرىنى ئالدى بىلەن ئەتراپتىكى بوش قىسىملىرىنى سىم چوتكىدا ياكى يۇقىرى بېسىملىق سۇ پۈركۈگۈچتە يۇيۇپ تازىلاپ، قېلىپ ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن، بېتون نومۇرى ئەسلىدىكى بېتون نومۇرىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى بولغان بېتون بىلەن تولدۇرۇپ چىڭدىلىدۇ. چوڭقۇرراق، كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەم تازىلاش قىيىن بولغان ھەرە كۆنىكىگە نىسبەتەن سېمونت لاي ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى بىلەن ھاۋا ھەيدىگۈچى تۇرۇبىنى كۆمۈپ سىرتقى يۈزىنى قۇم لاي بىلەن ياكى بېتون لاي قۇيۇپ ئەتكەندىن كېيىن ئىچىگە سېمونت لاي ماڭغۇزۇپ، كۆنەك ئىچىدىكى شېغىللارنى ئوراش ئارقىلىق، كۆنەك ئىچىنى تولدۇرۇپ، بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
      3. كامار
      پولات چىۋىقلىق بېتون قۇرۇلمىدا چوڭراق كامار شەكىللىنىپ، پولات چىۋىق قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي كۆرۈنۈپ قالىدۇ. بۇ ئاساسلىقى پولات چىۋىق زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقتىن، سېمونت ماتېرىيالىنىڭ قىسىلىپ قېلىشى ھەمدە قېلىپتىكى لاي ياخشى تەۋرىتىلمەي تۇرۇپلا ئۈستىگە يەنە داۋاملىق بېتون قۇيۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۇسۇلى: كامارنىڭ ئەتراپىدىكى بوش بېتوننى ۋە قېتىپ بولالمىغان لاينى تازىلاپ چىقىرىۋېتىپ، يۇقىرى بېسىملىق سۇ بىلەن يۇيۇپ تازىلىغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى بېتون نومۇرىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى بولغان شېغىللىق بېتون بىلەن تولدۇرۇپ چىڭداش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك.
      4. چاك
      پولات چىۋىقلىق بېتون قۇرۇلمىنىڭ يۈزىدە ياكى قىسمەن يۈزىدە كىچىك چاكلار پەيدا بولىدۇ. بۇ ئاساسلىقى قۇرۇلمىنى ياسىغاندا قاتتىق تەۋرىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى، بېتون قۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن قېلىپنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشى، شۇنداقلا قېلىپنى بالدۇر ئېلىۋېتىش، بېتون لايدىكى سېمونتنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ كېتىش، پولات چىۋىقنىڭ ئاز بولۇشى، ئاسراشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، كۈن نۇرىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، قۇرۇلمىنى يۆتكەش، ئىتتىرىش ۋە قۇراشتۇرۇش جەريانىدا تىرەش تاختىسى ئورنىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى، ئۆزئارا سوقۇلۇش، تەتۈر قويۇش، پولات چىۋىقنىڭ ئۈستىگە دەسسەش ياكى ئورۇن ئالمىشىپ قېلىش، سىرتقى كۈچ بىۋاسىتە تەسىرىنىڭ چوڭ بولۇشى، قۇرۇلمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى، نەملىكنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بېتوننىڭ كېڭىيىپ - تارىيىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈز بېرىدۇ. ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن سىرتقى قىسىمدىكى كىچىك چاكلارنىڭ ئىچى سۇ بىلەن پاكىز تازىلىنىپ، قۇرىغاندىن كېيىن ئىپۇكسىلىق سۇيۇقلۇق بىلەن ئېتىلىدۇ ياكى سىرتقى يۈزى چوتكىلىنىپ لاي بىلەن ئېتىۋېتىلىدۇ، چوڭ چاكنى بوي يۆلۈنۈشتە كولاپ، تازىلىغاندىن كېيىن سېمونت لاي تولۇقلىنىدۇ ياكى قۇرىغاندىن كېيىن ئىپۇكسىلىق لاي بىلەن ئېتىلىدۇ. سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان چاك پولات چىۋىقنىڭ كۈچىنىشىنىڭ چوڭ بولۇپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇ قۇرۇلمىنىڭ چىدامچانلىقى ۋە پۇختىلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ مەسىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر