ئەنگىلىيەلىك ئايال قورسىقىنىڭ قاتتىق ئاغرىشىدىن ئاندىن بويىدا قالغانلىقىنى بايقىغان 15 سائەتتىن كېيىن قىز بوۋاق تۇغۇلدى

0 2013-08-02 11:06:17   تېڭشۈن تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

لوس بىر ئائىلە كىشىلىرى

جۇڭشىن تورى 7- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلگىراممىسى شىياڭگاڭ «ئەدەبىي مەلۇمات» 31-كۈندىكى خەۋىرى، ئەنگىلىيەلىك ئايال لوس نەچچە كۈن ئىلگىرى ھەمراھى دىئەن بىلەن نەرسە سېتىۋالغان ۋاقىتتا، قورسىقى قاتتىق ئاغرىپ دوختۇر ئىزدىگەن، ئارقىدىن ئۆزىنىڭ بويىدا قالغانلىقى 7 -8 ئايلىق بولغانلىقىنى بايقىغان، ئۇ 15 سائەتتىن كېيىن قىزى كىلوئەينى تۇغقان، ئانا بالا سالامەت.

41 ياشلىق لوس دوختۇرغا كۆرۈنۈشتىن ئاۋال قورسىقى كۆپۈشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەن، دەسلەپتە ئۇ قەۋزىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاشقازان ئاغرىقى دەپ قاپتۇ، ئەمما ئاياللار كېسەللكىنى بۆلۈمىدە تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى 7- 8 ئاي بولغانلىقىنى بايقىغان.

شۇ كۈنى سەھەر، لوسنىڭ قورسىقى تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىپ كەتتى، دىئەن ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى، دوختۇرخانا تەرەپ ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنىڭ چۈشۈپ كېتىپ بارغانلىقىنى، دەرھال ئوپراتسىيە قىلىپ بالىنى ئېلىشنى قارا قىلغان، ئاخىرىدا قىزى كىلوئەينى تۇغدى.

ئەمدىلا ئانا بولغان لوس : ئۇ ھامىلدار بولغىنىنى بىلگەندىن كېيىن ناھايىتى ھەيران قالغان، ئۇ ئۆزىنىڭ يا قۇسۇپ باقمىغانلىقىنى، بوۋاقنىڭ تەپكىنىنىمۇ ھېس قىلمىغانلىقىمنى، دىئەن بىلەن ھېچقانداق يېڭى ھاياتلىقنى كۈتۈۋالىدىغان تەييارلىقنىڭ يوقلۇقىنى، ھېلىمۇ ياخشى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردەم قىلىغانلىقىنى دېدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博