بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن ئامېرىكىلىق داڭلىق خاككېر بانا . جېك 2010- يىلى " قارا شىلەپە " خاككېرلار يىغىنىدا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل خاككېرلىق تېخنىكىسى شۇنداقلا ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن توختىماي پۇل چىقىرىش تېخنىكىسى بىلەن پۈتۈن يەر شارىدىكى " ئەڭ ئۇستا خاككېر " دەپ ئاتالغان . ئۇ ئەسلىدە 7- ئاينىڭ 31- كۈنى 2013- يىللىق " قارا شىلەپە " خاككېرلار يىغىنىدا ، يەنە بېر يېڭى تۈرلۈك خاككېر تېخنىكىسى -- يىراقتىن كونتىروللىغۇچ ئارقىلىق ئادەم ئۆلتۈرۈش تېخنىكىسىنى كۆرگەزمە قىلماقچى بولغان ، بىراق داڭلىق خاككېر بانا . جېك 25- ئىيول ئامېرىكا سان فىرانسىسكودا يۇشۇرۇنچە ئۆلتۈرۈلدى .
ئىگىلىنشىچە ، بانا . جېك يېڭى زىللاندىيەدە تۇغۇلغان خاككېر ، پىروگرامما تۈزگۈچى ۋە كومپىيۇتىر بىخەتەرلىك مۇتەخەسسى . ئۇ ئىلگىرى ئىككى ۋاقىت يىل سەرپ قىلىپ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىنى مەخپىي نۇمۇرىنى ئېچىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققان . 2010- يىلى 7- ئاينىڭ 28- كۈنى ، ئامېرىكا لاس ۋىگاستىكى بىر يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان " قارا شىلەپە " خاككېرلار يىغىنىدا ، جېك 2 دانە ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى ( ATM ) نى " قارا شىلەپە " يىغىن زالىدا ئېلىپ كېلىپ ، نەق مەيداندا مەخپىي نۇمۇر يىشىش تېخنىكىسى ئارقىلىق ، ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن پۇل توختىماي چىققان . شۇنىڭ بىلەن بانا . جېك خاككېرلار ئىچىدىكى " چولپان " غا ئايلانغان .
ئارلىقتىن 3 يىل ئۈتۈپ " خاككېر چولپان " بانا . جېك ئەسلىدە 31- ئىيول ئېچىلىدىغان " قارا شىلەپە " خاككېرلار يىغىنىدا ، يەنە بىر ئادەمنى ھەيران قالدۇرغان " خاككېر تېخنىكىسى "نى بارلىق خاككېرلارغا ئاشكارلىماقچى بولغان . بۇ تېخنىكىدا 9 مىتىر يىراقلىقتا تۇرۇپ ئادەم يۈرىكىنى قوزغىتىش قاتارلىق سىمسىز داۋالاش ئەسۋابى ئارقىلىق 830 ۋات يۇقىرى بېسىملىق توك ھاسىل قىلىپ ، يىراقتىن تىزگىنەك ئادەم ئۆلتۈرۈش تېخنكىسىنى كۆرگەزمە قىلماقچى بولغان . جېكنى باياناتىغا قارىغاندا كۆپلىگەن زاۋۇتلارنىڭ بۇ خىل يۈرەك قوزغاتقۇچ ئەسۋابى " ئادەم ئۆلتۈرۈش تىزگىنىكى " نى ياساشقا باشلىغانلىقىنى ئۇنىڭ تەتقىق قىلغان تېخنىكىسىنىڭ ئاشكارلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان .
ئامېرىكا ساقچى تەرەپ جېكنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى ئاشكارلىمىدى . بىراق جېكنىڭ ئۆلۈمى ھەر خىل سۈيقەستلىك پىلانلارنى ئانالىز قىلغۇچىلارنى ھەر خىل ئانالىزنى ئوتتۇرغا قويغۇزدى . بەزى ئانالىزچىلار جېكنىڭ تەتقىق قىلغان تىزگىنەك ئارقىلىق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئەسۋابى سەۋەبىدىن بەزى ئادەملەر بۇ خىل ئەسۋاب ئارقىلىق ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ . شۇڭا بۇ خىل تەھتىد جېكنىڭ بېشىغا چىققان دەپ پەرەز قىلىشتى .
ئىتالىيە يۇقىرى سوتى بېرلوسكونىغا ئەڭ ئاخىرقى ھۈكۈمنى ئېلا...
ئوباما لىۋان ئاللا پارتىيىسىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن جازالاش ...
مىسىر قېرىنداشلار ئىتتىپاقى مىليون كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزد...
ياپونىيەلىك بىر ئەر تاللا بازىرىغا كىرىپ ئىسسىق ئۆتۈشتىن سا...
سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئارقىلىق ھەل قىل...