فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 29- ئىيولدىكى خەۋىرى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، لىۋان ئاللا پارتىيىسىگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي جازا مۇددىتىنى ئاز بولغاندىمۇ بىر يىل ئۇزارتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئوباما لىۋاننىڭ ۋەزىيىتى جىددى ھالەتتە تۇرماقتا، شۇڭا بۇ يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇددىتى توشىدىغان جازالاش مۇددىتىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ ، لىۋان ئاللا پارتىيىسىگە ئالاقىدار تەشكىلاتلارغا قارىتا داۋاملىق ئىقتىسادى جەھەتتىن جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
ئوباما پارلامېنتىغا يازغان خېتىدە: " نۆۋەتتە لىۋان ئاللا پارتىيىسىگە قورال-ياراقلىرى (كۈندىن - كۈنگە ئىلغارلىشىۋاتقان قورال-ياراغ سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى توشۇش، لىۋان دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، لىۋاننىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قاتارلىق ھەركەتلىرى ھەر قاچان ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ." دىدى .
ئوباما يەنە: " 2007-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى لىۋان " دۆلەت ئىچى جىددىي ۋەزىيىتى" پاتقىقىغا پېتىپ قالغاندا، ئامېرىكا ھۈكۈمىتى بۇ خىل جىددىيلىككە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالاش تەدبىرىنى يولغا قۇيۇپ ، تاكى 2013- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە داۋام قىلغان . بىراق لىۋاننىڭ ۋەزىيىتىدە يەنىلا ياخشىلىنىش بولمىدى . شۇڭا 1-ئاۋغۇستتىن كېيىنمۇ بۇ خىل ئىقتسادىي جەھەتتىن جازالاش داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدۇ . "
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئىزچىل ھالدا لىۋان ئاللا پارتىيىسىنى تېرورىزم كۈچى دەپ قاراپ كەلگەن ۋە ئىران، سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىزچىل بۇ تەشكىلاتنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن دەپ گۇمانلىنىدۇ، دېگەن .
ئوباما لىۋان ئاللا پارتىيىسىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن جازالاش ...
مىسىر قېرىنداشلار ئىتتىپاقى مىليون كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزد...
ياپونىيەلىك بىر ئەر تاللا بازىرىغا كىرىپ ئىسسىق ئۆتۈشتىن سا...
سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئارقىلىق ھەل قىل...
ئامرىكىدا بىر جۈپ ئەر ئايال 100مىڭ ئامرىكا دوللىرى مۇكاپاتلى...
30 يىلدا 700 دىن ئارتۇق غەلىتە ئاپتوموبىل ياسىغان ھىندىستانلى...