چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە يۇقىرى سوت مەھكىمىسى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى سابىق زۇڭلى بېرلوسكۇنىغا قارىتا ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ تۈرمىدە ياتىدىغانلىقى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق سىياسى جەھەتتىن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى چەكلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ھۈكۈم ئېلان قىلدى . بۇ ھۆكۈم ئىتالىيىدىكى بىر قەدەر ئاجىز بولغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.
78 ياشلىق بېرلوسكونى بىرىنچى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ پەقەت بەش يىل خىزمەت قىلىشىنى چەكلىگەن . ئىتالىيە يۇقىرى سوت مەھكىمىسىدىكى بەش نەپەر سوتچى ئۇنىڭغا قارىتا ئەڭ ئاخىرقى شىكايەتكە ھۈكۈم چىقىرىدۇ . ئەمما، مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئۈچ كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ مەزكۇر ھۆكۈمگە قارىتا قارار چىقىرىدىكەن.
بۇ قېتىمقى ھۈكۈم سابىق زۇڭلى يۈزلەنگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھۈكۈم بولۇپ ، بېرلوسكونىنىڭ ئون نەچچە يىللىق سىياسىي ھاياتىنى ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن . ئۇنىڭدىن باشقا بۇ مەسىلە بىر قەدەر ئاجىز بولغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى خەتەر گىردابىغا قىستا ، ياۋرۇ رايونىدىكى 3-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىلەرگە نۇرغۇنلىغان مۇقىمسىز ئامىللارنى ئېلىپ كېلىپ، پۈتۈن ياۋرۇ رايونىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
ئىتالىيە يۇقىرى سوتى بېرلوسكونىغا ئەڭ ئاخىرقى ھۈكۈمنى ئېلا...
ئوباما لىۋان ئاللا پارتىيىسىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن جازالاش ...
مىسىر قېرىنداشلار ئىتتىپاقى مىليون كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزد...
ياپونىيەلىك بىر ئەر تاللا بازىرىغا كىرىپ ئىسسىق ئۆتۈشتىن سا...
سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئارقىلىق ھەل قىل...
ئامرىكىدا بىر جۈپ ئەر ئايال 100مىڭ ئامرىكا دوللىرى مۇكاپاتلى...
30 يىلدا 700 دىن ئارتۇق غەلىتە ئاپتوموبىل ياسىغان ھىندىستانلى...