ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 30-ئىيۇل خەۋىرى، ئەنگلىيەلىك يوخان.خوگىن (John hogan ) ئىلگىرى ئائىلىدىكىلىرى بىلەن گرېتسىيەدە ساياھەتتە بولغان مەزگىلىدە، ئۆز قولى بىلەن ئوغلى لىيامنى مېھمانخانا 4-قەۋىتىدىكى بالكوندىن پەسكە ئىتتىرىۋەتكەن ھەم كەينىدىن ئۇ قىزىنى ئېلىپ بىللە سەكرىگەن. ئوغلى لىيام نەق مەيداندا قازا قىلغان، ئۆزى بىلەن قىزى بەخىتكە يارىشا ھايات قالغان . كىيىن بۇ دېلو تەڭشۈرۈلگەندىن بۇ دادا روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقتىن ئۇنىڭغا ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى تۇرغۇزۇلمىغان، ئۇ ھازىرغىچە روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ بېرىلگەن ، قىزى مىيا ۋە ئايالى ناتاشا ئاۋستىرالىيەدە تۇرمۇش كەچۈرۋاتىدۇ.
بۇ دېلو يەتتە يىلنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ھازىر مىيا توققۇز ياشقا كىردى. ناتاشا ھازىر ئاۋسترالىيەدە رېچارد بىلەن قايتىدىن بەخىتلىك ئائىلە قۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈچ ياشلىق ئوغلى بار . ناتاشا ئۆتكەن ئىشنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: مىيا مەكتەپتىكى ئەلا نەتىجىلىك ئوقۇغۇچى بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى برىستولدا تۇرمۇش كەچۈرگەن . ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى دادىسى مىياغا قاتتىق ۋاقىرىغان ھەم ئۇنىڭ ھەممە كېيىمىنى تاشلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنى پاتقاققا يېقىتىۋەتكەن. ناتاشانىڭ دېيىشىچە، ھەر يىلى مىيانىڭ توغۇلغان كۈنىدە ئۇلار دېڭىز بويىغا بېرىپ شار قويۇپ بېرىپ قىزىنىڭ توغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيدىكەن. ئاۋسترالىيە بەك گۈزەل جاي بولۇپ، ئۇ ۋە قىزىنىڭ بۇ جايدا تۇرۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىشىنى ئۈمۈد قىلىدىكەن.
2009-يىلى خوگىن گرېتسىيە تۈرمىسدە ئۈچ يىل قامالغاندىن كېيىن روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلماي قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما 2011- يىلى قانۇن دوختۇرى مارىيانىڭ دېيىشىچە 2006-يىلى يۈز بەرگەن بۇ قاباھەتلىك دېلودا ئەمەلىيەتتە ئۇ روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولمىغان دىيىلىگەن .
ئوغلىنى بىنادىن ئىتتىرۋەتكەن ساراڭ دادا گۇناھسىز دەپ قۇيۇپ ...
چەتئەلدە تېلگىراف ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان 54نەپەر جۇ...
ئىتالىيە يۇقىرى سوتى بېرلوسكونىغا ئەڭ ئاخىرقى ھۈكۈمنى ئېلا...
ئوباما لىۋان ئاللا پارتىيىسىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن جازالاش ...
مىسىر قېرىنداشلار ئىتتىپاقى مىليون كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزد...