15-فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئارام (كۈنى) ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئىنئام نەسرىدىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەنلەر 874 مىڭ 300 ئادەم (قېتىم) غا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.23 كۆپ بولغان، مەملىكەت ئىچى ساياھەت خىراجىتى 612 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %91.25 ئاشقان، ئۇنىڭ ئىچىدە قونۇپ قالغان ساياھەتچىلەر 529 مىڭ 800 ئادەم (قېتىم) غا، بىر كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 344 مىڭ 500 گە يېتىپ، كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كۈندىلىك خىراجەت 699.99 يۈەن بولغان.
ئىنئام نەسىردىننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مېھمانساراي، ساياھەت نۇقتىلىرى، قار تېيىلىش مەيدانى، باغچا، دېھقانلار شاتلىقى كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى، ئېكولوگىيەلىك تاماقخانا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ سودىسى تازا قىزىپ كەتكەن. قار-مۇز ساياھىتى، ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ ساياھەت قىلىش، دالا ساياھىتى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاش قاتارلىقلار ئاپتونوم رايون ئالتۇن ساياھەت مەزگىلىنىڭ ئاساسلىق تۈرى بولۇپ قالغان.
چاغانلىق ئالتۇن ساياھەت مەزگىلىدە، ساياھەت بىخەتەرلىك ئەھۋالى ياخشى بولغان بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەۋەلىكىدە بىرمۇ ۋەقە سادىر بولمىغان.
ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭ تۆمۈريولىدا توشۇلغان ساياھەتچى 319 مىڭ ئادەم (قېتىم) غا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا پەقەت %1 ئازايغان. تاشيولدا توشۇلغان ساياھەتچى 3 مىليون 378 مىڭ 700 ئادەم (قېتىم) غا يەتكەن.
قىزىپ كەتكەن قىشلىق ساياھەت
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...