ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش تۈرى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارغا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان خىزمەتچى خادىملار ئىچىدە شىنجاڭلىق خىزمەتچىلەر %70 تىن تۆۋەن بولماسلىقى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار %30 تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
1 – ئاينىڭ 7 – كۈنى، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمەت يىغىنىدىن يۇقىرىقى خەۋەرنى ئىگىلىدى، بۇ يىل شىنجاڭدا مەدەت بېرىش خاراكتىرىتىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، شەھەر، بازارلاردىكى 400 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، شەھەر ، بازارلاردا تىزىملاتقان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4 ئىچىدە تىزگىنلەش پىلانلاندى. بۇرۇن شىنجاڭ ئومۇمەن شىنجاڭدا ئەنگە ئالدۇرغان تۈرلۈك كارخانىلار، شۇنداقلا شىنجاڭ كۆتۈرە ئالغان ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتلىرى ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرى كارخانىلىرى يېڭىدىن خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك شىنجاڭلىق خىزمەتچى خادىملار %50 تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، دەپ تەلەپ قىلغان ئىدى.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى داۋاملىق مۇھىم تۇتقا قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى %85 تىن ئاشۇرماقچى.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...